ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> كەسپىي ئورۇنلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا

كەسپىي ئورۇنلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا

2012-12-30 5:00     كۆرۈلۈشى: 1557 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ‹‹كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر››نى تارقاتتى      شىنخۇا ئاگېنتلىقى: يېق....

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ‹‹كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى

سۈرۈش داۋامىدا پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش

توغرىسىدىكى پىكىر››نى تارقاتتى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى: يېقىندا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ‹‹كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر››نى تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، ئورۇنلار، تارماقلارنىڭ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل، ئىزچىل ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

      ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى تارقاتقان ‹‹كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر››نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

     «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتىنى تۈرگە ئايرىپ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى›› نىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتىنى پائال، مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتىدىكى سىياسىي، ئىدىيەۋى، تەشكىلىي كاپالەتلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش زۆرۈر. كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك پىكىر بېرىمىز:

1. كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا پارتىيە قۇرۇلۇشىنى

كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە نىشان،

ۋەزىپىنى توغرا ئىگىلەش كېرەك

     1) ئومۇمىي تەلەپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى ۋە ئىلغارلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى زىچ چۆرىدەپ، كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، كەسپىي ئورۇنلاردا پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى، تەشكىلىي، ئىستىل، تۈزۈم ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، كەسپىي ئورۇنلاردا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ كەسپىي ئورۇنلاردا ئەتراپلىق، ئىزچىل ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

     2) نىشان، ۋەزىپىلەر: پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تەڭ پىلانلاپ، تەڭ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتىنى تۈرگە ئايرىپ ئىلگىرى سۈرۈشتىكى باسقۇچ خاراكتېرلىك نىشان، تەلەپلەرگە ئاساسەن، مەمۇرىي فۇنكسىيەنى زىممىسىگە ئالغان كەسپىي ئورۇنلار ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپىي ئورۇنلار ئىچىدىكى مەمۇرىي ئاپپارات ياكى كارخانىغا ئۆزگەرگەنلىرىنىڭ پارتىيە تەشكىلاتىنى ئورگان پارتكوم قۇرۇلۇشى خىزمىتى ۋە كارخانا پارتكوم قۇرۇلۇشى خىزمىتى تەلىپى بويىچە، ئايرىم – ئايرىم ۋاقتىدا رەتكە سېلىپ ياكى ئەلالاشتۇرۇپ، تەۋەلىك مۇناسىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، پارتىيە تەشكىلاتى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ ئۆتكۈنچى مەزگىلدىن مۇقىم ئۆتۈپ، تەرتىپىلىك ماسلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ مەمۇرىي ئاپپارات ياكى كارخانىغا ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، ئەمما تولۇق ئەمەلىيلەشمىگەنلىرى ھەم ئېنىق ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ياكى تەرتىپكە سېلىنغان ئورۇنلار، ئۆتكۈنچى مەزگىلدىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە ھازىرقى بەلگىلىمە ۋە تەلەپتە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە خىزمىتىنىڭ توختاپ قالماسلىقى، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رولىنىڭ ئاجىزلىماسلىقى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنىڭ تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. داۋاملىق ساقلاپ قېلىنغان، جامائەت پاراۋانلىقى مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپىي ئورۇنلار ساھەسى تۈرى، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدەك ئالاھىدىلىكى ۋە تەلەپلەرگە ئاساسەن، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيە تەشكىلاتى تۈزۈلمىسىنىڭ مۇكەممەل، ئاپپاراتىنىڭ مۇۋاپىق، تۈزۈمىنىڭ مۇكەممەل، مېخانىزمىنىڭ جانلىق بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە جامائەت پاراۋانلىقى مۇلازىمەت سىستېمىسى بىلەن ماس بولغان كەسپىي ئورۇنلار پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

2. كەسپىي ئورۇنلار پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇلىيە

ت تەلىپىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك

     3) پارتكوم رەھبەرلىكىدىكى مەمۇرىي رەھبەر جاۋابكار بولىدىغان تۈزۈم يولغا قويۇلغان كەسپىي ئورۇنلاردا پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىك، يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. پارتىيە نىزامى ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەردە ئايدىڭلاشتۇرۇلغان مەجبۇرىيەت، ۋەزىپىلەرنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، يۆنىلىشنى ئىگىلەش، مۇھىم ئىشلارنى كېڭىشىش، ئومۇمىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش تەلىپىگە ئاساسەن، ئۆز ئورنىنىڭ خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشى كېرەك. دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رەھبەرلىك ئۇسۇلى ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، كېڭىشىش قائىدىسى ۋە سىياسەت بەلگىلەش تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىم مەسىلىلەرنى كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. كوللېكتىپ رەھبەرلىك قىلىش ۋە شەخسكە ئىش تەقسىم قىلىپ مەسئۇل بولۇش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ھەم پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك قىلىش يادرولۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ھەم، مەمۇرىي رەھبەرنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتى، بولۇپمۇ شۇجى بەنزىنى تۇتۇپ، قوشۇنغا يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش، ئاساسنى كۈچەيتىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشى كېرەك. مەمۇرىي رەھبەر پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ قارارىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىش تەقسىماتىغا ئاساسەن كوللېكتىپ تەدبىر بەلگىلەپ، ئىشلارنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشى كېرەك. پارتگۇرۇپپا تەسىس قىلىنغان كەسپىي ئورۇنلاردا، پارتگۇرۇپپا پارتىيە نىزامى ۋە پارتىيە ئىچىدىكى باشقا قانۇن – نىزاملاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن، رەھبەرلىك يادرولۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

     4) مەمۇرىي رەھبەر جاۋابكار بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان كەسپىي ئورۇنلاردا، پارتىيە تەشكىلاتى سىياسىي يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. پارتىيە نىزامى ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىدە ئايدىڭلاشتۇرۇلغان مەسئۇلىيەت، ۋەزىپىلەرنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، تەدبىر بەلگىلەشكە ئىشتىراك قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، نازارەت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش تەلىپىگە ئاساسەن، مەمۇرىي رەھبەر بەنزىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆز ئورنىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئومۇمەن ئۆز ئورنىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە ئالاقىدار مۇھىم تەدبىرلەرنى بەلگىلەش، مۇھىم شەخسىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، مۇھىم تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، زور كۆلەمدىكى مەبلەغنى ئىشلىتىش قاتارلىقلارغا پارتىيە تەشكىلاتى جەزمەن قاتنىشىشى كېرەك. تەدبىر بەلگىلەشتىن بۇرۇن، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى تەدبىر، قارالمىلارنى ئەتراپلىق كېڭىشىپ، ئالاقىلىشىپ ماسلاشتۇرۇشى، پارتىيە تەشكىلاتى ۋاقتىدا يىغىن ئېچىپ مۇزاكىرە قىلىپ، كوللېكتىپ پىكىر ھاسىل قىلىشى كېرەك؛ تەدبىر بەلگىلەيدىغان چاغدا، يىغىنغا قاتناشقان پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىك ئەزالىرى مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ پىكرىنىڭ تولۇق يەتكۈزۈلۈشى ۋە نامايان قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ تەدبىر بەلگىلەنگەندىن كېيىن، پارتىيە تەشكىلاتى پارتىيە ئەزالىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، قارارنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەر قايسى ئورۇنلار پارتىيە تەشكىلاتى مۇھىم مەسىلىلەردە تەدبىر بەلگىلەشكە قاتنىشىشتىكى مەزمۇن ۋە تەرتىپنى كونكرېتلاشتۇرۇشى، تۈزۈملەشتۈرۈشى كېرەك. ئۆز ئورنىدىكى مۇھىم مەسىلە ئۈستىدە پارتىيە، ھۆكۈمەت بىرلەشمە يىغىنى قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ تەدبىر بەلگىلەيدىغانلار بىرلەشمە يىغىن ئېچىش مېخانىزمىنى ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. پارتىيەنىڭ كادىرلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، خادىم تاللاش، ئىشلىتىشتە، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كادىرلارنى باشقۇرۇش ھوقۇق چەكلىمىسى بويىچە ئادەم ئىشلىتىش شەرتىنى ئىگىلەش، نامزات كۆرسىتىش، تەشكىل كۆزىتىشنى ياخشى ئىشلەش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش، زاپاس ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق مەجبۇرىيەتلەرنى ھەقىقىي ئادا قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن، نىزاملىرىنىڭ ئۆز خىزمەت ئورنىدا ئىزچىل ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى چۆرىدەپ، ئالاقىدار تۈزۈم ۋە تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇش كېرەك. مەمۇرىي رەھبەرلەر تەشكىلىي كۆز قاراش ۋە ئىنتىزام ئېڭىنى كۈچەيتىپ، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتىغا ئالاقىدار خىزمەتلەردىن قەرەللىك مەلۇمات بېرىپ، پارتىيە تەشكىلاتى ۋە ئىشچى – خىزمەتچى، ئاممىغا تايىنىپ، ئۆز ئورنىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمىتىنى ئورتاق ياخشى ئىشلىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسىتىگە، دۆلەتنىڭ قانۇن، نىزامىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ياكى تەرتىپ بويىچە تەدبىر بەلگىلىمەسلىك قىلمىشلىرىغا قارىتا پارتىيە تەشكىلاتى ۋاقتىدا پىكىر بېرىشى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

3. كەسپىي ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي خادىملارنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتقا

تۈرتكە بولۇش، جامائەت مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارى

ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك

     5) كەسپىي ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنى تىرىشىپ ياخشى سەپلەش كېرەك. ھەر تەرەپتىن كەلگەنلەرنى ئەخلاق – پەزىلىتىگە قاراپ ئىشقا قويۇشتا؛ ھەم ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا؛ دېموكراتىك، ئاشكارا بولۇشتا، رىقابەتلىشىش، ئەلالىرىنى تاللاشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەم، كەسىپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، باشقۇرۇشقا جۈرئەت قىلالايدىغان، باشقۇرۇشقا ماھىر، ئەمەلىي نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان، ئامما ئېتىراپ قىلىدىغان مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار رەھبەرلىك بەنزىسىگە كىرىشى كېرەك. كەسىپ تۈرى ئوخشىمىغان كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق تەلىپىگە ئاساسەن، پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىسى ۋە ئاساسىي مەمۇرىي رەھبەرلەرنى ياخشى سەپلەپ، بەنزە قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئومۇمىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتكوم رەھبەرلىكىدىكى مەمۇرىي رەھبەر مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويغان كەسپىي ئورۇنلارغا پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى شۇجىسى ۋە مۇئاۋىن شۇجىنى سەپلەش، پارتىيەلىك ئاساسىي مەمۇرىي رەھبەر پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك. مەمۇرىي رەھبەر مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان كەسپىي ئورۇنلاردا، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ شۇجىسى ۋە ئاساسلىق مەمۇرىي رەھبەرلىكنى بىر كىشى ئۈستىگە ئېلىشى، ئادەتتە مەخسۇس ۋەزىپىدىكى بىر مۇئاۋىن شۇجى سەپلىنىشى؛ پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىسى ۋە ئاساسلىق مەمۇرىي رەھبەرنىڭ ۋەزىپىسى ئايرىلىدىغان كەسپىي ئورۇنلاردا پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ شۇجىسى مەمۇرىي رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە ئۆتۈشى، پارتىيەلىك ئاساسلىق مەمۇرىي رەھبەر ئادەتتە پارتىيە تەشكىلاتى بەنزىسىگە كىرگۈزۈلۈشى كېرەك. قانۇنىي ئىگە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئورنىتىلغان كەسپىي ئورۇنلار ‹‹قوش يۆنىلىش بويىچە كىرىش، قايچىلاشتۇرۇپ ۋەزىپىگە قويۇپ›› سەپلەش شەكلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى كەسپىي ئورۇنلار نىزامنامىسى بويىچە مۇدىرىيەت كومىتېتىغا ۋە باشقۇرۇش قاتلىمىغا كىرىشى، مۇدىرىيەت ۋە باشقۇرۇش قاتلىمىدىكى پارتىيەلىك رەھبەرلەر پارتىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىك بەنزىسىگە كىرگۈزۈلۈشى كېرەك. كېڭەش ۋە باشقۇرۇش قاتلىمىنىڭ ئەزالىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە باشقۇرۇش كادىرلارنى باشقۇرۇش ھوقۇق چەكلىمىسى ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ نىزامنامىسى بويىچە بېجىرىلىدۇ.

     6) كەسپىي ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئىدىيەۋى سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى سىستېمىسىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىنىڭ سىياسىي ئېڭى، ئومۇمىيلىق ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىشكە، توغرا دۇنيا قاراش، ھوقۇق قارىشى ۋە كەسىپ قارىشى تىكلەشكە، ئۆز – ئۆزىنى تەربىيەلەش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى سىستېمىسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىشكە يېتەكلەش كېرەك. ئاممىۋى قاراش ۋە ئاممىۋى لۇشيەننى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىنى ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىش، مۇلازىمەت ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، كالتە پەملىك قىلماسلىق، ئامما ئۈچۈن جامائەت پاراۋانلىقى بويىچە ياخشى مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەش لازىم. دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىنى دېموكراتىيەنى جارى قىلىش، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش، ئومۇملۇقنى نەزەرگە ئېلىش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بېرىش، تۈزۈم ۋە بەلگىلىمە بويىچە ئىش بېجىرىشنى كۈچەيتىش، رەھبەرلىك بەنزىرىسىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك. رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ مەركىزىي گۇرۇپپا ئۆگىنىشى قاتارلىق تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە باھالاشنى كۈچەيتىپ، رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىنىڭ ئىدىيەۋى سىياسىي ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش لازىم.

     7) كەسپىي ئورۇنلاردىكى رەھبىرىي خادىملارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئوخشىمىغان كەسىپ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كەسپىي ئورۇنلارنىڭ رەھبىرىي خادىملىرىنى باشقۇرۇش چارىسى ۋە ئۇنىۋېرسال باھالاش چارىسىنى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈپ چىقىشنى چىڭ تۇتۇپ، تەلەپنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەرتىپنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئۇسۇلنى ياخشىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، كەسپىي ئورۇن رەھبىرىي خادىملىرىنى ئىش ئورنىدا تەربىيەلەش، ۋەزىپىگە تەيىنلەش بويىچە تەربىيەلەش ۋە كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەشنى قاراتمىلىق قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئالماشتۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسپىي ئورۇنلار بىلەن پارتىيە – ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى ئوتتۇرىسىدا رەھبىرىي خادىملارنى مۇۋاپىق ئالماشتۇرۇش ۋە ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى، تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى، خىزمەت ۋە پاك دىيانەتلىك بولۇش ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىش، ئىبرەت سۆھبىتى ئېلىپ بېرىش، ئالاقە ئەۋەتىپ سۈرۈشتۈرۈش، كۆزىتىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش تۈزۈمى ۋە رەھبىرىي خادىملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەت قىلىش، مەخسۇس ئورگان نازارەت قىلىش، ئامما نازارەت قىلىش ۋە جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رەھبەرلەرنىڭ پاك، ئىنتىزامچان بولۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇپ، قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپ تۈرلۈك دېلولارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

     8) كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. سىياسەت تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەتتىكى كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ، ياخشى مۇھىت يارىتىپ، پارتىيەنىڭ كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش لازىم. ‹‹دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى يىرىك پىلان تېزىسى (2010 – يىلىدىن 2020 – يىلىغىچە)›› نى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسپىي ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ھەرقايسى كەسىپ، ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى باشلامچى ئىختىساسلىقلار ۋە يېڭىلىق يارىتىدىغان ئىختىساسلىقلارنى گەۋدىلىك تەربىيەلەپ، قىس بولۇۋاتقان ئىختىساسلىقلار ۋە مەخسۇس ئىختىساسلىقلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈش، ياش ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ۋە دادىل ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىر تۇتاش پىلانلاش كېرەك. ھەر قايسى كەسىپ، ھەر قايسى ساھەدىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، ئىختىساسلىقلارنى توپلاش، ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مائارىپ، پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە قاتارلىق ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كەسپىي ئورۇنلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، جەلپ قىلىش، ئىشلىتىش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى زىچ چۆرىدەپ، ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش شەكلىنى ياخشىلاپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىشلەش، ئىگىلىك يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قوزغاپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ جامائەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

4. كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىجادچانلىقى،

ئۇيۇشقاقلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى كۈچەپ ئاشۇرۇش كېرەك

     9) كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى خىزمەتلىرىدە يېڭىلىق يارىتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىسلاھات تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلىشىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆز ئورنىنىڭ مەركىزىي خىزمەتلىرىگە مۇلازىمەت قىلىش، پارتىيە ئەزالىرىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمەت نەتىجىلىرىنى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ئۆگىنىشچان پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆگىنىش مەزمۇنىنى كۆپەيتىپ، ئۆگىنىش يولىنى كېڭەيتىپ ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، كاللىنى قۇراللاندۇرۇپ ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى كەڭ كۆلەمدە راۋاجلاندۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە گۈللەندۈرۈشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىلغار مەدەنىيەتنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، خاتا ئىدىيەلەرنىڭ تەسىرىنى ئاڭلىق تۈگىتىپ، مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقى ۋە مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلىش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇش ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تور، يان تېلېفون قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېچىۋېتىلگەن، ھەم تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى پائالىيەت سۇپىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

     10) كەسپىي ئورۇنلاردىكى پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى كۆپەيتىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيەۋىلىك ئېڭى، ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى نىشان قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى نۆۋەت بىلەن تەربىيەلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرىغا بولغان پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى ۋە كەسپىي تەربىيەنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىغا قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ‹‹ئۈچ يىغىن، بىر دەرسلىك›› تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيەۋىلىكىنى قەرەللىك باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ خىزمىتىنى دېموكراتىك باھالاپ، لاياقەتسىز پارتىيە ئەزالىرىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ ساپلىقىنى ساقلاش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى رىغبەتلەندۈرۈش، غەمخورلۇق قىلىش ۋە ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلغار تىپلارنى بايقاش، يېتىشتۈرۈش ۋە تۇرغۇزۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىقى بار پارتىيە ئەزالىرىغا غەمخورلۇق قىلىش، ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپ، كۆچمە پارتىيە ئەزالىرىغا مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش كېرەك. قاتتىق تەلەپ قويغان، سۈپەتكە ئەھمىيەت بەرگەن ئاساستا ياشلار ئىش ئورنى ماھىرى، مۇنەۋۋەر زىيالىي ياشلار ئارىسىدىن پارتىيە ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پەن – تېخنىكا يېتەكچىسى، كەسىپ ماھىرلىرى ئىچىدىن پارتىيە ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش كېرەك.

     11) كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىدىيەۋى سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك. كەسپىي ئورۇنلار پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئۆز ئورنىنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ئىدىيەۋى، سىياسىي خىزمەت مەزمۇنى، ئۇسۇلى ۋە ۋاسىتىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئۆگىنىش، تەشۋىقات ۋە ئىدىيەۋى تەربىيەنى كۈچەيتىپ، چىگىشلەرنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قاراتمىلىق ھالدا ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە ئەزالىرى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ئىسلاھاتنى توغرا تونۇش، زور كۈچ بىلەن قوللاش، پائال قاتنىشىشقا يېتەكلەش كېرەك. خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى سىستېمىسى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپ ئەخلاقى قۇرۇلۇشى ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئوتتۇرىغا قويغان مۇۋاپىق تەلەپلەرگە ئەھمىيەت بېرىپ، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش ۋە يېتەكلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ۋاقتىدا ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەت ۋە ئاممىنىڭ پاراۋانلىق مۇلازىمىتى توغرىسىدىكى تەكلىپ – پىكىرلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، ئاممىغا كۆپرەك ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ چاقىرىق كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دائىملىق ئىدىيەۋى سىياسىي خىزمەتنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلەش كېرەك.

     12) ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك. مۇلازىمەت قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىش، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئەمەلىيەتكە يېقىن، ئالاھىدىلىكى روشەن بولغان ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش پائالىيىتى باش تېمىسى ۋە شەكلى مول، ئەمەلىي قوللىنىشچانلىققا ئىگە پائالىيەت ۋاسىتىلىرىنى ئەستايىدىل پىلانلاپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەسپىي ئورۇنلار ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ جەمئىيەتكە، ئاممىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاشكارا ۋەدە بېرىش، ئامما باھالاش، پارتىيە ئەزالىرى ئۆزئارا باھالاش، رەھبەرلەر باھالاش قاتارلىق تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش پائالىيىتىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچىنى قوزغايدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش پائالىيىتىنى پارتىيە ئەزالىرى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

5. كەسپىي ئورۇنلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە بولغان

رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك

     13) كەسپىي ئورۇنلار پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ۋە ساھە باشقۇرۇش تارمىقى پارتگۇرۇپپا (پارتكوم) لىرى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پارتكوم بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، تەشكىلات تارماقلىرى باشلامچى بولۇپ ماسلاشتۇرىدىغان، مەسئۇل تارماقلار كونكرېت مەسئۇل بولىدىغان، ئالاقىدار تەرەپلەر تەڭ تۇتۇپ، ئورتاق باشقۇرىدىغان رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەرىجىمۇ دەرىجە چىڭ تۇتۇپ، قاتلاممۇ – قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. جايلار ۋە ساھەلەردىكى مەسئۇل تارماقلار ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز رايونى، ساھەسىنىڭ كەسپىي ئورۇنلار پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا ئائىت يولغا قويۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. كەسپىي ئورۇن پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى، پارتكوم شۇجىسى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشى، پارتىيە ئىچىدە ۋەزىپىسى بار مەمۇرىي رەھبەرلەر ‹‹بىر ئورۇندا قوش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش›› تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

     14) سىياسىدا مۇستەھكەم، ساپاسى يۇقىرى، قابىل ھەم يۇقىرى ئۈنۈملۈك پارتىيە خىزمىتى قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئورۇننىڭ كۆلىمى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانىغا ئاساسەن، پارتىيە تەشكىلاتى خىزمەت ئاپپاراتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زۆرۈر بولغان خىزمەتچىلەرنى سەپلەپ، پارتىيە خىزمىتى مەخسۇس كادىرلىرىنىڭ ئىشتاتى ۋە كەسپىي دەرىجە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ خىزمەتتە يېتىلىشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك. پارتىيە خىزمىتى كادىرلىرىنىڭ تەربىيەلىنىشى ۋە ئەمەلىيەت داۋامىدا چېنىقىشىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى پارتىيە خىزمىتى ۋە سىياسىي خىزمەتلەر، شۇنداقلا كەسپى ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى پىششىق بىلىدىغان كۆپ ئىقتىدارلىق ئىختىساس ئىگىلىرىدىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش كېرەك. پارتىيە خىزمىتى ئىش ئورنىنى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرىدىغان مۇھىم مۇنبەرگە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە خىزمىتىنى ئىشلەش تارىخى بار يولداشلارنى مەمۇرىي رەھبەرلىككە تاللاپ تەيىنلەشكە ۋە كەسپىي تايانچلار ئىچىدىن مۇنەۋۋەر ئىختىساس ئىگىلىرىنى تاللاپ پارتىيە خىزمىتىگە سەپلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

     15) كەسپىي ئورۇنلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئۈچۈن ياخشى شارائىت ھازىرلاش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى خىراجىتىنى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ يىللىق خىراجەت خام چوتىغا كىرگۈزۈپ، پارتىيە تەشكىلاتى خىزمىتى ۋە پائالىيىتىنى نورمال ئىشلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، كونكرېت سوممىسىنى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىش كېرەك. بازا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇستەقىل قۇرۇش، بىرلەشتۈرۈپ قۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆگىنىش ۋە پائالىيەت ئورۇنلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كەسپىي ئورۇن پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ دادىللىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ۋە پائال ئىزدىنىشىگە ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئىلھام بېرىپ، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىكى ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللىرىنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ ۋە كېڭەيتىپ، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىلغار پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىلغار پارتىيە خىزمەتچىلىرىنى قەرەللىك باھالاپ ۋە تەقدىرلەپ، تىپلىق، ئۈلگىلىك، تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇمىي خىزمەت سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئوخشىمىغان ساھە ۋە ئوخشىمىغان تۈردىكى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، تۈرلەرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا قاراتمىلىق تەكلىپ ۋە تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىسلاھات داۋامىدا ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

     مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter