ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان ئەخلاقىي مىزانغا ۋارىسلىق قىلىشىمىز لازىم

ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان ئەخلاقىي مىزانغا ۋارىسلىق قىلىشىمىز لازىم

2012-12-27 4:51     كۆرۈلۈشى: 1457 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: سەيپۇللا دىلمۇراد      ئەخلاق ـــ ئىنسان تۇرمۇشىنىڭ مىزانىدۇر. ھەربىر مىللەتنىڭ ھاياتىي پائالىيەتلىرى ئەخلاق بىلەن قارار تاپىدۇ، ئەخلاق ئارقىلىق تىزگىلىنىدۇ، ئەخلاق ئارقىلىق سۈپەتكە ئىگە بولىدۇ. ت....

سەيپۇللا دىلمۇراد

     ئەخلاق ـــ ئىنسان تۇرمۇشىنىڭ مىزانىدۇر. ھەربىر مىللەتنىڭ ھاياتىي پائالىيەتلىرى ئەخلاق بىلەن قارار تاپىدۇ، ئەخلاق ئارقىلىق تىزگىلىنىدۇ، ئەخلاق ئارقىلىق سۈپەتكە ئىگە بولىدۇ. تارىختىن بۇيان، ھەربىر مىللەت ئۆزىگە خاس ئەخلاقى ئارقىلىق ئۆز جەمئىيەتلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ كەلگەن، ئەخلاقنى مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرىگە ئايلاندۇرغان.

     ئۇيغۇر مىللىتى گۈزەل ئەخلاققا ئىگە مىللەتتۇر. ئۇيغۇر مىللىتى تۈرلۈك تارىخي جەريانلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئېسىل ئەىلاقىنى شەكىللەندۈردى، ئۇنى بېيىتتى، ئۇنى چوڭ ئىجتىمائىي پەن سۈپىتىدە تەتقىق قىلدى. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاقى ھەر بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى بىلىشى، ۋارىسلىق قىلىشى ۋە ئەمەلىيىتىدە ئىجرا قىلىشى زۆرۈر بولغان، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ جەمئىيەت قۇرۇلمىسى، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، تارىخىي سەزگۈزەشتىلىرى ۋە ھاياتلىق چۈشەنچىلىرى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان بىر خىل روھنىڭ نامايەندىسى.

     تارىختا مىللىتىمىز ئىچىدىن يېتىشىپ چىقىپ ئەخلاق دەستۇرلىرىنى يېزىپ قالدۇرغان ئەبۇ نەسىر فارابى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەھمەد يۈكنەكى، ئابدۇقادىر داموللا قاتارلىق ئالىم–ئەدىبلەر ئەنەنىۋى ئەخلاقىمىزنىڭ ئىقراچىلىرى ۋە تەشەببۇسچىلىرى بولۇپلا قالماي، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئەخلاق تەتقىقاتىدا مەڭگۈ ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئەسەرلەرنى قالدۇرغۇچىلاردۇر.ئۇلار ئەۋلادلار ئۈچۈن يول ئېچىپ بەردى ۋە ئەجدادلار روھىنى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈپ بەردى.

     ئۇيغۇر مىللىتىننىڭ ئەنەنىۋى ئەخلاقىنىڭ شەكىللىنىشىدە نۇرغۇنلىغان سەۋەبلەر بار. ئاساسلىق تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل يەنىلا ئېتىقاد قىلغان دىنغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بولىدۇ. ئىسلام دىنى بۇنىڭدا مۇھىم رول ئوينىغان. ئىلگىرىكى دىنلار ئۇيغۇر ئەخلاقىنڭ شەكىللىنىشى ۋە مۇكەممەللىشىشىگە زور تەسىرلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىللىق ئاساسىي ئەقىدىسى بولۇش سۈپىتىدە، ئۇيغۇر ئەخلاقىنىڭ مۇكەممەللىككە قاراپ يۈزلىنىشى ۋە مەزمۇننىڭ كېڭىيىشى، بېيىشىغا ئاساس سېلىپ بەرگەن. بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش، چارۋىچىلىق قاتارلىقلارمۇ ئۇيغۇر ئەخلاقىغا ئوخشىمىغان تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن.

     ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇئامىلە ئەخلاقى ناھايىتى مۇھىم ئەخلاق نىزامىدىن بىرى. ئۇنىڭدىكى تۈپ ئۆلچەم باشقىلارغا دوستانە، ياخشى مۇئامىلە قىلىش ۋە ھەرقايسى تەرەپلەردە ياردەم قىلىش بولۇپ، بۇ ساھەدىكى ئەخلاق مەسىلىلىرىنى يېتىم–يېسىرلەرگە شەپقەت كۆرسىتىش، مېھمانلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش، كەمبەغەللەرنى يۆلەش،قۇلۇم–قوشنا ۋە باشقىلار بىلەن ئىناق–ئىتتىپاق ئۆتۈش، سالام–ساھەت قاتارلىق ساھەلەر بويىچە يورۇتۇپ بېرىش مۇمكىن.

     ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يەنە تىل ئالاقە ئەخلاقى، مۇھىت ئەخلاقى، نىكاھ ئەخلاقى، ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىدىكى ئەخلاقى، ئەنئەنىۋى كەسپىي ئەخلاقى، سودا–تىجارەت ئەخلاقى قاتارلىق كۆپلىگەن ئەخلاق رىسالىسى بار. بۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ ياشاش جەريانىدىكى تەجرىبە–ساۋاقلىرى دېسەكمۇ بولىدۇ. بۇ مىزانلار بىزنىڭ ھەربىر ئىشىمىزغا ئۆلچەم، قېلىپ يارىتىپ بەردى.

     ئۇيغۇر مىللىتى ئۆز ئەخلاق–پەزىلىتىنى ئىنسانىي غۇرۇرىنىڭ نامايەندىلىرىنىڭ بىرى دەپ بىلگەچكە، ئۆز پەرزەنتىگە ئەخلاق تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشنى ناھايىتى مۇھىم دەپ بىلىدۇ.

     قىسقىسى، ئەخلاق تەربىيەسى پەرزەنت تەربىيەسىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. شۇڭا كونىلار: ‹‹بالاڭنى مەكتەپكە بەر،بولمىسا مەشرەپكە بەر›› دەپ بىكار ئېيتمىغان.

     ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئەخلاقى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئىچىدىكى قىممىتى زور، مەزمۇنى مول، چېتىلىش دائىرىسى كەڭ بىر ساھە ھېسابلىنىدۇ. ئۇ بىز ئەۋلادلار ئۈچۈن بىر مىراس. شۇڭا، بىز ئۇنى قوغدىشىمىز، تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىمىز ۋە راۋاجلاندۇرۇشىمىز لازىم. ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان ئەخلاق–مىزانغا ۋارىسلىق قىلىشىمىز لازىم.

     مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter