ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ قىممىتىنى توغرا ئىگىلەش لازىم

ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ قىممىتىنى توغرا ئىگىلەش لازىم

2012-12-24 4:46     كۆرۈلۈشى: 1389 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسىدىكى ئەمەلىي قىممىتىنى توغرا ئىگىلەش لازىم     ئىلى گايىت      ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدىن ئىبارەت بۇ زور ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيە جۇڭگوچە ....

ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسىدىكى

ئەمەلىي قىممىتىنى توغرا ئىگىلەش لازىم

    ئىلى گايىت

     ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدىن ئىبارەت بۇ زور ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن پارتىيە نىزامنامىسىغا كىرگۈزۈلدى. بۇ پارتىيەمىزنىڭ يېڭى ئەسىر، يېڭى باسقۇچتا نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنىڭ مەھسۇلى. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى نۆۋەتتىكى دۇنيا ۋە جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىگە بولغان يېڭى تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈردى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى تارىخىي دەۋردە پارتىيەمىزنىڭ نەزەرىيە جەھەتتە يەنە بىر قېتىملىق دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇڭا، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قەتئىي ئېغىشماي چىڭ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىزدا نەزەرىيەۋى رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.

1. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە

سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى

     پارتىيەمىز ماركسىزم – لېنىنىزم ئومۇمىي ھەقىقىتىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈش جەريانىدا ئىككى قېتىملىق تارىخىي خاراكتېرلىك سەكرەشنى ئىشقا ئاشۇردى. بىرىنچى قېتىملىق سەكرەشتە جۇڭگو ئىنقىلابىي قۇرۇلۇشىنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلانغان ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى شەكىللەندى. ئىككىنچى قېتىملىق سەكرەشتە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى سىستېمىسى يەنى دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى شۇنداقلا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى قاتارلىق زور ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلمىي نەزەرىيە سىستېمىلىرى شەكىللەندى. مەيلى ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىلىرى بولسۇن ئۇلار گەرچە ئوخشاش بولمىغان تارىخىي مەزگىللەردە شەكىللەنگەن بولسىمۇ، ئەمما، ئۇلار تومۇرداش بولغان ئىلمىي نەزەرىيەلەردۇر.

     جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېلىپ بېرىلغان يېڭى تارىخىي شارائىتتا پارتىيەمىزنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بولۇپ، يېڭى تارىخىي شارائىتتا ئۈزلۈكسىز بېيىتىلدى ۋە تەرەققىي قىلدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى نەچچە ئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، بوشاشماستىن ئىزدىنىش ئەمەلىيىتىنىڭ مەھسۇلى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى ئەڭ يېڭى نەتىجە، پارتىيەنىڭ ئەڭ قىممەتلىك سىياسىي ۋە مەنىۋى بايلىقى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىدىكى ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسى، ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى بىلەن تومۇرداش بولغان، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان نەزەرىيەۋى سىستېمىدۇر. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى سوتسىيالىزم دېگەن نېمە؟ سوتسىيالىزمنى قانداق قۇرۇش كېرەك؟ پارتىيەنى قانداق قۇرۇش، قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت زور نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرگە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، كومپارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىزم قۇرۇش قانۇنىيىتى، تەرەققىيات قانۇنىيىتى توغرىسىدا يېڭىباشتىن ئىزدىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسىنىڭ يېڭى تەرەققىيات مەنزىلىنى ئاچتى. پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات يولى، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرۇشى، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، تەرەققىيات مەقسىتى ۋە تەرەققىيات تەلىپىگە بولغان تونۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.

     ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ بېيىتىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. ئۇ، ئېلىمىز ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم يېتەكچى فاڭجېنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇلىدىغان ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلىدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيە. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ ۋارىسى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغان. شۇڭا، يېڭى تارىخىي شارائىتتا، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىك ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرغانلىق ۋە ئەڭ ياخشى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەنلىك؛ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ تەلىپى بويىچە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىگەنلىك ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

     جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدىغان نەزەرىيەۋى سىستېما. تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ماركسىزم تەرەققىيات تارىخىدىكى ھەر بىر زور نەزەرىيەۋى مۇۋاپىقىيەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىلگىرىكى نەزەرىيەلەرگە تەنقىدىي ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشتەك تەرەققىيات جەريانىدۇر. نۆۋەتتە، كۆز ئالدىمىزدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر بار. بىز نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى ئۈزلۈكسىز بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا يېڭى مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش ۋە ھەل قىلىش ئارقىلىق ماركسىزم تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىشىمىز لازىم.

2. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم

قۇرۇشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتى

    ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى يېڭى تارىخىي شارائىتتا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىپ، مۇرەككەپ خەلقئارا، دۆلەت ئىچىدىكى تۈرلۈك زىددىيەت، تۈرلۈك خىيىم – خەتەرلەرنى ھەل قىلىش، تۈرلۈك خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتا كۈچلۈك نەزەرىيەۋى قورال بىلەن تەمىنلىدى. نۆۋەتتە ئۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرىلىدىغان ۋە ئىزچىللاشتۇرىلىدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەگە ئايلاندى.

     بىرىنچى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى بىزنىڭ ھازىرقى باسقۇچتا ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى مەسىلىلەرنى كۆزىتىش ۋە تەھلىل قىلىشتا ئىلمىي دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى دىيالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىدە چىڭ تۇرۇش ۋە تەتبىقلاش، ئېلىمىز ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەش ئاساسىدا ئېلىمىز ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەردى.

     ئىككىنچى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى بىزنىڭ يېڭى ئەسىر، يېڭى باسقۇچتا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. پەقەت ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ تەلىپى بويىچە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىش بىلەن ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتى، تەرەققىياتنى تېزلىتىش بىلەن ماس تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتى، نۆۋەتتىكى تەرەققىيات بىلەن ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش؛ ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى، شەھەرلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن يېزىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى، رايونلار بىلەن رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى تەرەققىيات مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلغاندىلا، بۇ يېڭى تەلەپلەرنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

     ئۈچىنچى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش نەزەرىيەسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىلمىي يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بۇرچى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش پىرىنسىپى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ۋەزىپىسى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەلىپى قاتارلىق زور مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى يېڭى مەزمۇنغا ئىگە قىلدى. ئۇ بىزنىڭ پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بۇرچى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ۋەزىپىسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىمىزنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلاشقانلىقىنى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ تېخىمۇ ئىلمىيلەشكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. پەقەت ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئۆستۈرۈشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرگەندىلا، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيەسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆستۈرگىلى، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئىشەنچلىك كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter