ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ھاياتلىقتا كەم بولسا بولمايدىغان 6 خىل دوست

ھاياتلىقتا كەم بولسا بولمايدىغان 6 خىل دوست

2012-12-19 4:40     كۆرۈلۈشى: 1515 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:     رۇسىيە خەۋەر تورىنىڭ 11–ئاينىڭ 2–كۈنىدىكى خەۋىرى: مۇنداق بىر ھېكمەتلىك سۆز تا ھازىرغىچە ئېقىپ كەلمەكتە: « دوستۇڭدىن سېنىڭ قانداق ئادەملىكىڭ بىلىنەر » . ھەر قانداق ئېسىل ئاتنىڭمۇ چارچايدىغان ۋا....

    رۇسىيە خەۋەر تورىنىڭ 11–ئاينىڭ 2–كۈنىدىكى خەۋىرى: مۇنداق بىر ھېكمەتلىك سۆز تا ھازىرغىچە ئېقىپ كەلمەكتە: « دوستۇڭدىن سېنىڭ قانداق ئادەملىكىڭ بىلىنەر » . ھەر قانداق ئېسىل ئاتنىڭمۇ چارچايدىغان ۋاقتى بولىدۇ .

     نۆۋەتتە ، بىز خۇددى سامادا ئەركىن پەرۋاز قىلغاندەك ئۆزىمىزنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتەلەيمىز ، لېكىن ئاۋسترالىيە ئاتاقلىق پىسخولوگى ، «بەخىتنىڭ كودى » نىڭ يازغۇچىسى گىرىن ۋە بېرتولوسى ئېيتقاندەك ، بىز جەزمەن تەشەببۇسكار بولۇپ، ئۆزىمىزگە توغرا دوست تاللىشىمىز لازىم .

     مۇتەخەسسىسلەر بىزگە ، تۆۋەندىكى 6 خىل دوستنىڭ بىزگە نىسبەتەن كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ :

     ئۆزىڭىزدىن زامانىۋىراق دوست : دۇنيا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، بىز ھەر قايسى جەھەتلەردىن يېتىشىپ مېڭىشقا ئامالسىزمىز، لېكىن تۇرمۇشتا بۇنداق دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ يۈرىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس ، بۇنداق ئادەملەر بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا يېڭىلىقلارنى ئاتا قىلىپ ، نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىدۇ .

     چاقىرغان ھامان پەيدا بولىدىغان دوست: خىزمەت ۋە تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىكىدىن ، بىزنىڭ بوش ۋاقىتلىرىمىزمۇ يوق دېيەرلىك بوپ قېلىۋاتماقتا . لېكىن بەزى دوستلار گېپىدە تۇرماي ياكى ئۇچرىشىش ۋاقتىنى نەچچە ئاي ئالدىن بېكىتىشكە توغرا كېلىپ ، بىزنىڭ ئېھتىياجىمىز چۈشكەن ، كەيپىمىز چاغ بولمىغان چاغلاردا كۆڭۈلگە مەلھەم بولغۇدەك ئادەممۇ تاپالماي قالىمىز. لېكىن ، ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشى جانلىق ، « ھايت دېگۈچە ، ھۇيت دەپ تۇرىدىغان » دوستلارنىڭ مىجەز–خاراكتېرى ئوچۇق، خۇشخۇي ، قىزغىن بولۇپ ، ئۇلار بىلەن بىرگە بولسىڭىز روھىي–كەيپىياتىڭىز كۆتۈرۈلۈپ ، ئازادە ھېس قىلىسىز .

     نەمۇنىلىك دوست: دوستلىشىش دەستۇرىدا بىزنى كەسىپتە نامى چىققان ، ئەخلا–پەزىلەتلىك دوستانە ئادەملەر بىلەن دوستلىشىشقا دەۋەت قىلىدۇ ، بۇ قىلچىمۇ ئاساسسىز ئەمەس . ئۇلار بىزنىڭ ئۆزىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئىستىكىمىزنى قوزغايدۇ . ئەلۋەتتە ، بۇ خىلدىكى داڭلىق شەخسلەر بىلەن دوستلاشسىڭىز ، ئۆزىڭىزگە نىسبەتەنمۇ بىر سىناق ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار بىزگە ئۆزىمىزدىكى ئارتۇقچىلىق ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى توغرا تونۇتقۇزالايدۇ ، ھەمدە بىزدە ئۆز–ئۆزىمىزدىن ئۇيات ھېس قىلىدىغان ، ھەتتا ھەسەت قىلىدىغان ناچار كەيپىيات شەكىللىنىشتىنمۇ خالىي بولالمايمىز .

     ئەتراپىڭىزدىكى دوستلىرىڭىز بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق دوست: ئۇ سىزنىڭ باشقا دوستلىرىڭىزنى تونىمىغاچقا، سىزگە تېخىمۇ ئوبيېكىترەك ، توغرا باھا بېرەلەيدۇ . سەمىمىي نىيەتتە ئارىلىشالايسىز ، كۆڭۈل سىرلىرىڭىزنىڭ دوستلىرىڭىز ئارىسىدىكى سۆز–چۆچەك بولۇپ قېلىشىدىنمۇ ئەنسىرەپ يۈرمەيسىز .

     راست گەپ قىلىدىغان دوست : ھەممەيلەن ماختاش خاراكتېرىدىكى سۆزلەرنى ئاڭلاشقا خۇشتار ، لېكىن بەزى ۋاقىتلاردا توغرا گەپ قۇلاققا ياقمىسىمۇ ، ئۆزىمىزگە پايدىلىق بولىدۇ . سىز كۆرەڭلەپ ، ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويغان ، مۈشكۈل ئەھۋالدا قېلىپ، جىددىي مۇھىم قارار چىقىرىشقا توغرا كەلگەندە ، بۇ خىل دوست سىزگە ھەقىقىي ئەسقاتىدۇ .

     سىزنى ئۆزىڭىزدىنمۇ بەكرەك چۈشىنىدىغان دوست : سىز مەيلى قايسى كەسىپ بىلەن شوغۇللىنىڭ ، باي ياكى نامرات بولۇڭ ، قايسى خىل تۇرمۇش ئۇسۇلىغا خۇشتار بولۇپ ، ئۇ باشتىن–ئاخىر سىز بىلەن بىرگە بولىدۇ ، بۇ سىزنىڭ ھەر قانداق سىناققا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ھەقىقىي دوستىڭىز ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولسىڭىز ، قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن بىرگە تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلىسىز ، ساختا قىياپەتكە كىرىۋېلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق ، ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىڭىز، چىن يۈرىكىڭىزدىكى قايغۇ–ھەسرىتىڭىز ، خۇشاللىقىڭىزنى ئىپادىلىيەلەيسىز .

     تەرجىمە قىلغۇچى : ئالىمجان نەسىردىن

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter