★مەست ئادەمدىن ئەقىل، ھايا ۋە سەۋرى-تاقەت كېتىدۇ. مۇبادا، ئىنسان شۇلاردىن ئايرىلىپ قالىدىغان بولسا، ئۇ ئادەمگەرچىلىكتىن چىقىپ كېتىدۇ.
★مەي قاچىسى ئىچىدە جىلۋىلىنىپ تۇرغان قوياش ئالدامچى قوياشتۇر، ئۇنىڭ ئاغزىڭغا پېتىشىدىن ئېھتىيات قىل.
★ئەقلدىن ئازدۇرغان ھەر قانداق ماددا، گەرچە ئۇ مەي بولمىسىمۇ، مەينىڭ يېقىن قېرىنداشلىرىدۇر.
★مەي ئۆز ئىچكۈچىلىرىنىڭ يوشۇرۇن سىرلىرىنى ئاشكارىلاپ بىرىدۇ.
★ئەي مەي، ئۇلۇغ مەرتىۋىلەر بىناسى ۋە ئەقىل سارايلىرى سېنىڭ تۈپەيلىڭدىن خارابىغا ئايلىنىدۇ.
★بىز ئۆز پايدا-زىيىنىمىزنى بىلمەيدىغان مەخلۇقلارمىز، گەرچە دۇنيادا مەيدىن باشقا لەززەت بېرىدىغان نېمەتلەر ئىنتايىن مول بولسىمۇ.
★مەيخور ھايات قەدىرىنى بىلگەن بولسىدى، مەينى دوستلىرىغا ئەمەس، بەلكى دۈشمەنلىرىگە ئىچكۈزگەن بولاتتى.
★مەي دوستلارنى رەنجىتىش، ئۇلار بىلەن جاڭجالىشىش، ھەمسۆھبەتلىرىگە زەربە بېرىش ۋە يېقىن ئادەملىرىدىن جۇدالىشىشقا سەۋەب بولىدۇ.
(سادىر سابىر نەزەرى ماتېرىياللارغا ئاساسەن تەييارلىغان)
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىدىن ئېلىندى