ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمدە تەپەككۇر قىلىشقا ماھىر بولۇش كېرەك

ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمدە تەپەككۇر قىلىشقا ماھىر بولۇش كېرەك

2013-07-30 12:51     كۆرۈلۈشى: 1322 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: مەلىكە مۇھەممەد          باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا قىلغان سۆزىدە: ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمدە تەپەككۇر قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ھەر قانداق ئىشتا ناچار تەرەپنى كۆزدە تۇتۇپ تەييارلىق قىلىپ، ياخشى نەتىجىگە ئېرىش....

مەلىكە مۇھەممەد

   

     باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا قىلغان سۆزىدە: ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمدە تەپەككۇر قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ھەر قانداق ئىشتا ناچار تەرەپنى كۆزدە تۇتۇپ تەييارلىق قىلىپ، ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشكە تىرىشىپ، تەييارلىقنى پۇختا قىلىش، بىرەر ئىشقا دۇچ كەلگەندە ھۇدۇقماسلىق، تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. باش شۇجىنىڭ بۇ سۆزى پارتىيە ئىچىدە، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى.

     ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمدە تەپەككۇر قىلىشنىڭ ماھىيىتى بىر خىل ئىلمىي تەپەككۇر ئۇسۇلىدىن ئىبارەتتۇر. بۇنداق تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئىگىلىگەندە كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان ناچار ئەھۋاللارنى مۆلچەرلەپ، ئۆزگىرىشلەرگە بىمالال تاقابىل تۇرۇپ، ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى بىزگە بارغانسېرى يېقىنلاشماقتا، ئەمما، ئىشلىرىمىز تەرەققىي قىلغانسېرى مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان ئىشلارمۇ كۆپىيىدۇ. بۇنداق ۋەزىيەتتە، ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان مۇھىت بىلەن تونۇشۇپ، ھەممە ئىشتا يامان تەرەپنى ئويلاپ پۇختا تەييارلىق قىلىپ، ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشىمىز بەكمۇ مۇھىم.

     بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولىدا ‹‹تاش سىلاپ دەريادىن ئۆتۈش››نى تەشەببۇس قىلىمىز، ‹‹سىلاپ›› ئۆتۈش جەريانى ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمنى تېپىش جەريانىدۇر. مەسىلەن، ئوخشىمىغان باسقۇچ، ئوخشىمىغان ساھە ئىسلاھاتىدىكى ئورتاقلىق ۋە پەرق، ئوخشىمىغان مەنپەئەتكە ئىگە كىشىلەر توپىنىڭ ئىسلاھاتقا بەرداشلىق بېرىش كۈچى، ئورگان ئىسلاھاتىنىڭ سالمىقى، سۈرئىتى بىلەن مەمۇرىيەت باشقۇرۇش تۈزۈمىنى نورمال يولغا قويۇش تەڭپۇڭلۇقى قاتارلىقلارنى ئەستايىدىل ئويلىنىشىمىزغا، ئېھتىيات بىلەن دادىل ئىزدىنىشىمىزگە، ئەمەلىيەت داۋامىدا ئىلگىرىلەپ، دادىل ئىزدىنىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ئاساس سېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەم تەپەككۇرىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، تۈرلۈك ئامىللارنى ئىنچىكە ئويلىغاندىلا، كۈتۈلمىگەن مەسىلىلەرگە بىمالال تاقابىل تۇرۇپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تۈرلۈك ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ.

     ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمدە تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىنى ماھىرلىق بىلەن قوللىنىپ، ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن خەۋپنى مۆلچەرلەپ، ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمنى ساقلاپ، پۇختا تەييارلىق كۆرگەندىلا، ئاندىن ئىسلاھات ئەمەلىيىتىنىڭ تەشەببۇسكار ھوقۇقىغا ئىگە بولغىلى بولىدۇ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش مارافونچە يۈگۈرۈشكە ئوخشايدۇ، ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمدە تەپەككۇر قىلىپ، جىسمانىي قۇۋۋەتنى ئىلمىي تەقسىملەپ، ئەگرى يول ماڭماي، يىقىلىپ چۈشمىگەندىلا، ئاخىرىقى نىشانغا يەتكىلى بولىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
  • « ئالدىنقى يازما »
  • « كېيىنكى يازما »
  • ئىنكاس يوللاش
     تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

    ( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter

    مىكرو بلوگىم _ سىزمۇ ئەگىشىڭ