ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئەدەبىيات بارلىق زوراۋانلىقلارغا قارشى تۇرىدۇ

ئەدەبىيات بارلىق زوراۋانلىقلارغا قارشى تۇرىدۇ

2013-12-15 1:17     كۆرۈلۈشى: 1424 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:  شېن ۋېي      2009- يىلى شىنجاڭدا ‹‹5 – ئىيۇل›› ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، ئوت قويۇش ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ھەرىكىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، جەنۇبىي جۇڭگودىكى بىر داڭلىق گېزىتتە ‹‹ئۆز ئارا مۇھەببەت بولمى....

 شېن ۋېي

     2009- يىلى شىنجاڭدا ‹‹5 – ئىيۇل›› ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، ئوت قويۇش ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ھەرىكىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، جەنۇبىي جۇڭگودىكى بىر داڭلىق گېزىتتە ‹‹ئۆز ئارا مۇھەببەت بولمىسا، ئىنسانىيلىق بولمايدۇ›› دېگەن تېمىدا باش ماقالە ئېلان قىلىندى. شۇ ئايدا مەن يېزىشقا قاتناشقان ھەم چەت ئەل تاراتقۇلىرى كۆپ قېتىم كۆچۈرۈپ باسقان ‹‹جۇڭگو شىنجاڭدىكى يازغۇچى، سەنئەتكارلارنىڭ دۇنياغا خىتابى›› ناملىق ئەسەردە بۇ سۆز نەقىل كەلتۈرۈلدى. تۆت يىل ئۆتۈپ كەتتى، شىنجاڭدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاشتىن ئىبارەت جىددىي ۋەزىيەت، بولۇپمۇ بۇ يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن بىر قاتار زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا مەن يەنە ئاشۇ بىر جۈملە سۆزنى تەكىتلىگىم كېلىۋاتىدۇ: ئۆز ئارا مۇھەببەت بولمىسا، ئىنسانىيلىق بولمايدۇ!

     تېررورلۇق ئادەتتە قەستەن ۋەھىمە پەيدا قىلغان زوراۋانلىق قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ مەقسىتى دىن، سىياسىي ياكى ئىدىئولوگىيەدىكى نىشانىغا يېتىپ، جەڭگە قاتناشمايدىغانلار(ئاددىي پۇقرا)غا قەستەن ھۇجۇم قىلىش ياكى ئۇلارنىڭ ئامانلىقىغا پەرۋا قىلماسلىقتۇر. 1937 – يىلى خەلقئارا ئىتتىپاق ماقۇللىغان ‹‹تېررورلۇقتىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى جازالاش ئەھدىنامىسى››نىڭ 1 – ماددىسىدا تېررورلۇقنىڭ دائىرىسىنى ‹‹تېررورلۇق قىلمىشى بىر دۆلەتكە بىۋاسىتە قارشى تۇرىدىغان، ئايرىم شەخس، ئايرىم تەشكىلات ياكى جامائەت ئارىسىدا تېررورلۇق پەيدا قىلىشنى مەقسەت ۋە خاراكتېر قىلغان جىنايى قىلمىش›› دەپ بېكىتكەن. 2004 – يىلى نويابىردا، ب د ت نىڭ بىر دوكلاتىدا تېررورلۇق ‹‹ئاددىي پۇقرا ياكى جەڭگە قاتناشمايدىغان خەلقنى ئۆلتۈرۈش ياكى ئېغىر يارىلاندۇرۇش ئارقىلىق خەلقنى قورقۇتۇش ياكى ھۆكۈمەتنى بەزى ھەرىكەتلەرنى يولغا قويۇش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇرلاش مەقسىتىگە يېتىش›› قىلمىشى دەپ چۈشەندۈرۈلدى. تېررورلۇق بىر خىل ئەسەبىيلىك بولۇپ، ئەسەبىي مىللەتچىلىك، ئەسەبىي ئېرقچىلىق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئىپادىسى. زوراۋان، تېررورچىلارنىڭ قىلمىشىدا ئەڭ ئەقەللىي ئادىمىيلىك ۋە ئەقىل – ئىدراك يوقالغان بولۇپ، ئۇ ئالۋاستىلارنىڭ ھەرىكىتى ۋە رەزىللىكنىڭ ئىپادىسى. تېررورچىلىق ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرغانلىق، شۇڭا ئۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، شۇنداقلا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى.

     «جۇڭگو شىنجاڭدىكى يازغۇچى، سەنئەتكارلارنىڭ دۇنياغا خىتابى›› دا مۇنداق دېيىلگەن: بىز بۈيۈك يىپەك يولىدا، كۆپ مىللەت ئەۋلادمۇ ئەۋلاد توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شىنجاڭدا ياشايمىز، بۇ جايدا گۈزەل زېمىن، ئۇزاق تارىخ، پارلاق مەدەنىيەت بار، بۇ جاي شەرق، غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئۇچرىشىش ۋە ئالاقىلىشىش تۈگۈنى، دۇنيادا ئىنسانلارنىڭ تۆت چوڭ مەدەنىيلىكى بىردىنبىر گىرەلەشكەن رايون. شىنجاڭدا ياشىغىنىمىز بىزنىڭ بەختىمىز، چۈنكى بىز ئىنسانلارنى بېيىتىش ۋە مەدەنىيەتنى كۆپ خىللاشتۇرۇشقا ۋارىسلىق قىلالايمىز ۋە بۇ جەھەتتە يېڭىلىق يارىتالايمىز. بىزنىڭ شىنجاڭ يىپەك يولىدىكى ‹‹مىللەتلەرنىڭ چوڭ بۆشۈكى››، ئۇ زامانىمىزدىكى دۇنيانى مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىناق بىللە ياشاش ئۈلگىسى بىلەن تەمىنلىدى.

     ۋەھالەنكى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بۇ خىل ئىناق بىللە ئۆتۈشكە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، شۇنداقلا مىللەت ۋە رايون ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭنى چۈشەنمەيدىغان قىسمەن كىشىلەرنىڭ شىنجاڭنى تولىمۇ قورقۇنچلۇق دەپ سۈرەتلىشىگە سەۋەب بولدى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلارنىڭ نەزەرىدىكى شىنجاڭنىڭ ئوبرازى بارغانسېرى خۇنۈكلەشتى. ئەمما، ‹‹گۈزەل شىنجاڭ››نىڭ ھۆسنى ھەرگىز سۇلمايدۇ. خەلق زوراۋان، تېررورلۇق قىلمىشىدىن نەپرەتلىنىدۇ، تىنچلىقنى سۆيىدۇ، خاتىرجەم، باياشات تۇرمۇشقا ئىنتىلىدۇ. بىز ھەر ۋاقىت تىلغا ئالىدىغان ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئەمەلىيەتتە مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا سىزنىڭ، سىزنىڭ ۋۇجۇدىڭىزدا مېنىڭ بارلىقىمنى، مېنىڭ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭىپ كەتكەنلىكىمنى، ئۇنىڭمۇ ھەم مېنىڭ بىر قىسمىم ئىكەنلىكىنى، چۈنكى مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلماس بىر گەۋدىلىكىمنى كۆرسىتىدۇ. خۇددى ئەنگلىيەلىك شائىر جون دېڭئىننىڭ شېئىرىدا ئېيتىلغاندەك: ‹‹ھېچكىم قەد كۆتۈرەلمەس يېگانە ئارال تۇرۇپ، ھەممە قۇرۇقلۇققا باغلانغان مەزمۇت. ھەر كىمنىڭ ئۆلۈمى بىر خاۋاتىرلىق، چۈنكى مەن شۇ ئىنسانلار توپىدا مەۋجۇت››. بىز دائىم تىلغا ئالىدىغان ‹‹كۆپ قۇتۇبنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى›› ئەمەلىيەتتە تەبىئەت، جەمئىيەت، مەدەنىيەت، ئۆرپ – ئادەت قاتارلىق نۇرغۇن قاتلاملارغا چېتىلىدۇ، يەنى كۆپ قاتلام ئۆزئارا گىرەلىشىپ، سىڭىشىپ كەتكەن بىر گەۋدىلىشىشتىن ئىبارەت. مېنىڭچە، بۇ شىنجاڭ مەدەنىيىتىدىكى ئاڭلىقلىق، شۇنداقلا مىللەتلەر ئىناق بىللە ياشاشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك نىشانى.

     شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاشتىن ئىبارەت جىددىي ۋەزىيىتى ئالدىدا، بىز پۇقرالىق ئېڭىمىزنى كۈچەيتىپ، قەلبىمىزدىن ئۇرغۇپ چىققان يۇرت – ماكان تونۇشىغا ئىگە بولۇشىمىز كېرەك. خۇددى گەندى: ‹‹مەن ئالدى بىلەن ئادەم، ئاندىن قالسا ھىندىستانلىق›› دېگەندەك، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىمۇ: مەن ئالدى بىلەن جۇڭگولۇق، ئاندىن قالسا شىنجاڭلىق بولۇشى كېرەك.

     يىراقتىكىلەرنىڭ بەختسىزلىكى ھەممىشە يۈرىكىمىزنى ئاغرىتىدۇ، ئەتراپىمىزدىكى پاجىئەلەردە ئۆزىمىزمۇ زەخىملەنمەي قالمايمىز. بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت يازغۇچىلىرى زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشىنى ئەيىبلەش بىلەن بىللە، تېخىمۇ ئەقلىي، تېخىمۇ ئەتراپلىق، تېخىمۇ چوڭقۇر ئويلىنىپ، كىشىلەر بىلەن كىشىلەر ئارىسىدىكى، مىللەتلەر بىلەن مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا ئىتتىپاقلىشىش روھىنى ئۇرغۇتۇشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك. مەدھىيەلەش ۋە لەنەت ئوقۇش بىلەن بىللە، يەنە يالغانچىلىق، رەزىللىك، خۇنۈكلۈكنى تەنقىدلىشىمىز كېرەك. ئۆزئارا مۇھەببەت بولمىسا، ئىنسانىيلىق بولمايدۇ؛ ئۆزئارا مۇھەببەت بولمىسا، شىنجاڭ بولمايدۇ.

      مەن ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ شىنجاڭغا كېلىپ تۇرۇپ قالغان يازغۇچى، شىنجاڭدا ياشاۋاتقىنىمغا 25 يىل بولدى، مەن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى رايوندا تۇغۇلۇپ، غەربىي يۇرتتا چوڭ بولدۇم، ھاياتىمدىكى مۇھىم پەيتلىرىم شىنجاڭ بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. شىنجاڭغا بولغان ئوتلۇق سۆيگۈمنىڭ ئىلھامىدا ‹‹شىنجاڭ داستانى››، ‹‹شىنجاڭ لۇغىتى››، ‹‹شىنجاڭ زىياپىتى›› قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازدىم. بۇ ماقالىنىمۇ ئوخشاشلا شىنجاڭغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىم ۋە چەكسىز ئەنسىرىشىمنىڭ دەۋىتىدە يازدىم. ئاخىرىدا ماقالامنى 2011 – يىللىق ‹‹رۇگاڭ شېئىر مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى››دا سۆزلىگەن سۆزۈمنى نەقىل كەلتۈرۈپ تۈگەتمەكچىمەن: ‹‹مەن ياشاۋاتقان چېگرا رايون ئامان – ئېسەن بولسۇن، ياشانغانلار غەم – ئەندىشىدىن خالىي بولسۇن، بالىلار گۈزەل ئارزۇلارغا ئىگە بولسۇن، شىنجاڭغا گۈزەل كەلگۈسى يار بولسۇن!».

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter