ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلار ياخشى ئەپ (App)لەردىن ئايرىلالمايدۇ. ياخشى بىر ئەپ ئۆز نۆۋىتىدە ئاشۇ يانفوننىڭ ئىقتىدارىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش رولىنى ئوينىيالايدۇ. ئامراق يانفونىڭىزنى قولىڭىزغا ئالغان ۋاقتىڭىزدا بەزىدە نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالامسىز؟ بەلكىم، يانفونىڭىزدا سىزگە ياقىدىغان يېڭى دېتاللار يەنى ئەپلەر قالمىغاندۇ، چۈنكى سىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئويناپ زېرىكتىڭىز. بۇ ۋاقىتتا سىز ئۈچۈن ئەڭ زۆرۈر بولغىنى دەل يانفون دېتاللىرىنى چۈشۈرىدىغان نەرسە، يەنى ئەپ بازىرى. تۆۋەندە تورداشلارغا ئۇيغۇر ئەپ ھەۋەسكارلىرى بىرلىشىپ قۇرۇپ چىققان ئۇيغۇرچە ياخشى بىر ئەپ چۈشۈرۈش ۋە تارقىتىش بازىرى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. سىزمۇ ياقتۇرغان بولسىڭىز تەۋىسيە قىلىپ بىزنى قوللاپ بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز، رەھمەت!
ئەپ بازار ئىسىمى: ئۇيغۇر ئەپ بازىرى
ئەپ بازار ئادىرىسى: http://uyghurapk.com
يانفون تور بەت ئادىرىسى: http://uyghurapk.com
ئۇندىدار سالون نامى: uyghurapk
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!قانداق ئەھۋالىڭىز؟سىزدىن ئازراق ياردەم سوراي دېگەن ئىدى. سىز بۇرۇن ئىشلەتكەن munber-simple بۇ ئۇسلۇب بارمىدۇ؟مەن زاپاس ساقلىماپتىكەنمەن. پاراۋۇز ئەپەندىمۇ ساقلاپ قويماپتۇ. مەن لوپنۇرىنىڭ تارمىقىدا يەنە بىر كىچىك بېكەتتىن بىرنى ئاچماقچى ئىدىم. مۇشۇ ئۇسلۇبنى پاراۋۇز ئەپەندىن قاچىلاپ بەرمەكچى بولغان، لېكىن زاپاسلىماپتىمەن. سىزدە بولسا ماڭا ياكى پاراۋۇز ئەپەندىگە يوللاپ بەرسىڭىز. سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم. ئاللاغا ئامانەت! ھە راست مېنىڭ چ چ نۇمۇرۇم:1428817175
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
چ چ نومۇرىڭىزنى قۇشۇۋالدىم، ئالاقىلىشىپ تۇرايلى. يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان بەك ئالدىراش بۇلۇپ كەتتىم. سىز دىگەن ئۇسلۇب بار ئىدى، ئۆيگە قايتقاندا يوللاپ بىرەي.
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
ماقۇل، ئەمىسە خەۋىرىڭىزنى كۈتىمەن. سىزنى ئاۋارە قىلدىم! سىزگە كۆپ رەھمەت!
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
ئۇسلۇبنى يوللاپ قويدۇم، تەكشۈرۈپ كۆرۈپ بېقىڭ.
بۇ باھاغا پىكىرىم بار: