ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> شەكىلۋازلىققا قارشى تۇرۇشتا ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئەڭ مۇھىم

شەكىلۋازلىققا قارشى تۇرۇشتا ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئەڭ مۇھىم

2014-02-16 1:13     كۆرۈلۈشى: 1583 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      (خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى) «شەكىلۋازلىق كىشىنى نابۇت قىلىدۇ››. شەكىلۋازلىق قۇرۇق ھەيۋە، قۇرۇق نام بولۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭ ‹‹ياتلاشتۇرۇش›› رولى تېخىمۇ زىيانلىق، بارلىق خىزمەتلەرنى تۈپتىن پاسسىپ....

     (خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى) «شەكىلۋازلىق كىشىنى نابۇت قىلىدۇ››. شەكىلۋازلىق قۇرۇق ھەيۋە، قۇرۇق نام بولۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭ ‹‹ياتلاشتۇرۇش›› رولى تېخىمۇ زىيانلىق، بارلىق خىزمەتلەرنى تۈپتىن پاسسىپلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشنى كۆپۈككە ئايلاندۇرىدۇ.

     قەدىمكىلەر ئون بارماقنىڭ ھەممىسىنى سېسىتىۋەتكىچە، بىرىنى كېسىۋەتكەن ياخشى، دېگەنىدى. مەسىلىنى ھەل قىلىشتا، ھەممىنى بىراقلا قىلىمەن دەپ، ئاخىرىدا بىرىنىمۇ قىلالماسلىقتىن ساقلىنىش كېرەك. نىشاننى توغرا، كىچىكرەك بېكىتىپ، ئەڭ تەخىرسىز مەسىلىنى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ھەل قىلىش كېرەك، بۇ ھەم راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇشنىڭ ھەم ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ ئىشلەشنىڭ ئىپادىسى.

     «مەركەز قايتا – قايتا مۇھاكىمە قىلىپ، بۇ قېتىمقى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسىنى ئىستىل قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك ۋە ئىسراپچىلىقتىن ئىبارەت <تۆت خىل ناچار ئىستىل> مەسىلىسىنى مەركەزلىك ھەل قىلىشنى قارار قىلدى››. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان ‹‹تۆت خىل ناچار ئىستىل›› مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى نىشان قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلەپ، مەسىلىنىڭ دەل جايىنى، مۇھىم نۇقتىسىنى تېپىپ بەردى؛ شەكىلۋازلىقنى ‹‹تۆت خىل ناچار ئىستىل››نىڭ ئەڭ ئالدىغا قويۇشتىمۇ ئۇنىڭ زېيىنىنىڭ چوڭ ۋە كەڭ دائىرىلىك ئىكەنلىكى نەزەردە تۇتۇلغان.

     «شەكىلۋازلىق كىشىنى نابۇت قىلىدۇ››. شەكىلۋازلىق قۇرۇق ھەيۋە، قۇرۇق نام بولۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭ ‹‹ياتلاشتۇرۇش›› رولى تېخىمۇ زىيانلىق بولۇپ، بارلىق خىزمەتلەرنى تۈپتىن پاسسىپلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشنى كۆپۈككە ئايلاندۇرىدۇ. مەسىلەن، كۆكەرتىش – مۇھىت ئاسراشنى تەلەپ قىلسىڭىز، شەكىلۋازلار قاقاسلىقنى يېشىل رەڭدە بوياپ، قاقشال دەرەخكە يالغان شاخ قىستۇرۇپ قويىدۇ؛ ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىمىنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلسىڭىز، شەكىلۋازلار ئۈزچاتنى تارتىۋىتىپ توكنى تېجىمەكچى بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، ئاھالىنىڭ ئۆيلىرىدە نەچچە كۈنگىچە توك توختايدۇ؛ ‹‹ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى تور ئارقىلىق بېجىرىش››نى تەلەپ قىلسىڭىز، شەكىلۋازلار قىزغىنلىق بىلەن ئۈسكۈنە سېتىۋېلىپ، ئەمەلىي ئىشقا ئىشلەتمەستىن، بېزەك بۇيۇمى قاتارىدا تىزىپ قويىدۇ؛ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلسىڭىز، شەكىلۋازلار دورامچىلىق قىلىپ، ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنى قوشۇلۇش يىغىنىغا ئۆزگەرتىۋېتىدۇ… بۇنداق مىساللار تولىمۇ كۆپ، ‹‹شەكىلۋازلىق گۆدەكلەرچە قىلىنىدىغان، ئەقىل ئىشلەتمەيدىغان، بىمەنە، چاكىنا ئىستىل».

     شەكىلۋازلىق قەدىمدىن تارتىپلا بار، شەكىلۋازلىق نېمە ئۈچۈن توسقانسېرى ئەۋج ئېلىپ، ھازىرقى ‹‹تۆت خىل ناچار ئىستىل›› مەسىلىسىنىڭ ئەڭ ئالدىغا تىزىلىپ قالىدۇ؟ بۇنىڭدىكى سەۋەب شۇكى، ‹‹سىياسەت توغرا›› دېگەن پوزىتسىيەدە بولۇپ، مەركەزنىڭ تەلىپىنى ئېغىزىمىزدىلا ئورۇنداپ، ئۈنۈمسىز ئىش قىلىپ، ھېچقانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقمىدۇق؛ ئاممىنىڭ ساداسىنى قارىماققا ناھايىتى قىزغىن ئاڭلىغاندەك قىلغىنىمىز بىلەن، ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ تەلەپ – ئارزۇلىرىنى ئورۇندىمىدۇق. بۇنداق ئاشكارا ‹‹سىياسىي ھەشەم››، دەبدەبىلىك ‹‹سىياسىي ئۈنۈم›› نۇرغۇن ناتوغرا ئىستىلنىڭ مەنبەسىگە ئايلىنىپ، بارلىق خىزمەتلىرىمىزنى زىيانغا ئۇچراتتى، يوققا چىقاردى. مەسىلەن، مەلۇم قىلىنغان ئەھۋال، سانلىق مەلۇمات، تىپ – ئۈلگىلەرنىڭ يالغانلىقىنى بىلىپ تۇرساقمۇ كارىمىز بولمىدى، ھەتتا بار ئاماللار بىلەن يالغاننى ئويدۇرۇپ، ناچار تەرەپلىرىمىزنى بىزەپ كۆرسەتتۇق. بەزىلەر بۇ خىل ئەھۋالنى تەنقىدلەشنى ئويلىسىمۇ، ‹‹چوڭ ياخشى ۋەزىيەت››كە تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇشتىن ئەنسىرىدى، بەزىلەر قارشى تۇرماقچى بولسىمۇ، ئەمەلدارلارنىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇشتىن ئېھتىيات قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بۇنداق شەكىلۋازلىق دەستىدىن زىددىيەتلەر يوشۇرۇلۇپ، مەسىلىلەر ھەل قىلىنمىدى.

     «شەكىلۋازلىق مەسىلىسى›› ‹‹شەكىلۋازلىقنى ھەل قىلىش›› جەريانىدا قايتىدىن پەيدا بولغاندا، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تەدبىرلىرى ئېغىزدىلا ‹‹ئەمەلىيلىشىپ››، ‹‹قۇرۇق نەرسە››گە ئايلىنىپ قالغاندا، ئىسلاھات لايىھەلىرى شەكىلۋازلىق سەۋەبىدىن بېسىلىپ قېلىپ يولغا قويۇلمىغاندا، شەكىلۋازلىق نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت، پارتىيە بىلەن ئامما ئارىسىدىكى ‹‹شەكىلسىز تام››غا ئايلىنىدۇ. بۇ ‹‹تام›› ئۆرۈۋېتىلمىسە، راست يالغانغا، يالغان راستقا ئايلىنىپ، پارتىيەمىزنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ ئىناۋىتى، ئىشەنچىلىكلىكى يوقىلىدۇ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ سۆزى، ئىشىنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ.

     شەكىلۋازلىقنىڭ ئىستىلدا دۇرۇس بولماسلىق، سۆز – ھەرىكەتتە بىردەك بولماسلىق، تۈگىمەس ھۆججەت ۋە ئۈزۈلمەس يىغىنغا پېتىپ قېلىش، كۆرۈنۈشتە چىرايلىق، ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق قىممىتى يوق ئىشلارنى قىلىش، قۇرۇق ئابرۇي قوغلىشىش، ساختىلىق قىلىش قاتارلىق ئىپادىلىرىنىڭ ‹‹ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىمەي، قۇرۇق گەپ سېتىپ، كىشىلەرنى ئاغزىغا قارىتىش››تەك ئورتاق ئالاھىدىلىكى بار، شەكىلۋازلار ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، ھەل قىلىشنى كەينىگە سۆرەيدۇ، ئۆزىنى كۆرسەتكىلى بولىدىغان ئىشلارنى بولسا ئىزدەپ يۈرۈپ تالىشىپ قىلىدۇ. شەكىلۋازلىقنىڭ يەنە ‹‹رەسمىيەتچىلىككە زىيادە ئەھمىيەت بېرىش››تەك ئاساسىي خۇسۇسىيىتى بار، شەكىلۋازلار پىرىنسىپقىلا ئېسىلىۋېلىپ، چارە قوللانمايدۇ؛ داغدۇغا پەيدا قىلغىلى بولسىلا، تەننەرخ بىلەن ھېسابلاشمايدۇ؛ قۇرۇق ئابرۇينىلا قوغلىشىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلىمەيدۇ. رەھبەرلەرگە تەسىر قالدۇرالمايدىغان، ياقمايدىغان، قارىماققا چىرايلىق كۆرۈنمەيدىغان ئىشلارنى قىلمايدۇ، ھەر خىل مۇراسىملارنى توختىماي ئۆتكۈزىدۇ، خۇلاسە دوكلاتىنى ئارقا – ئارقىدىن يازىدۇ، بەس – بەستە باھالاپ مۇكاپاتلايدۇ. قىسقىسى، ئۇلار يالغانچىلىق قىلىدۇ. قاراشقا ناھايىتى قىزغىندەك بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي قۇرۇق پو ئاتىدۇ؛ قارىماققا ئىشلەۋاتقاندەك تۇرسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھېچ ئىش قىلمايدۇ؛ ئۆزىنىلا خۇش قىلىپ، ئاممىنى ئويلىمايدۇ.

     مۇشۇلارنى نەزەردە تۇتقاندا، ‹‹خىزمەتتە ئەمەلىي بولماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئۆگىنىش ئىستىلى، يېزىقچىلىق ئىستىلى، يىغىن ئىستىلى، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، چوڭ ھەق چوڭ ناھەق ئالدىدا دادىل بولۇپ، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەت – ئېتىبارنى ئىشلەشكە قارىتىپ، كۈچنى ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈش، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىش، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا سەرپ قىلىش كېرەك››. مەركەزنىڭ شەكىلۋازلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ‹‹ئەمەلىيەتچىل بولۇش››قا قاراتقانلىقى بۇ قېتىمقى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ باش تېمىسىغا ئۇيغۇن، شۇنداقلا بۇنىڭدا شەكىلۋازلىق مەسىلىسىنىڭ ئەجەللىك نۇقتىسى چىڭ تۇتۇلغان. ئەمەلىيەتچىل بولۇش شەكىلۋازلىقنىڭ كۈشەندىسى، ‹‹ئەمەلىيەتچىل بولۇش››قا كۈچەپ، ئەمەلىي ئىش قىلىشنى ئويلاپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەندىلا، شەكىلۋازلىق يىلتىز تارتقان ‹‹تۇپراق››نى تازىلىغىلى، شەكىلۋازلىق مەسىلىسىنىڭ تۈزىگەنسېرى يەنە پەيدا بولۇشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

     «سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەڭ مۇھىم، ئەمەلىي ئىشلىگەندىلا، تۈزىگىلى بولىدۇ، قۇرۇق گەپكە تايىنىپ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ››. ئامما ھەقىقىي ئىشلىگەننى ياقتۇرىدۇ، ساختىپەزلىكتىن بىزار. پارتىيەمىزنىڭ 90 نەچچە يىللىق تارىخىنى ئەسلەيدىغان بولساق، شەكىلۋازلىق ئەۋج ئالغاندا جاپالىق كۈنگە قالدۇق، توغرا يولدىن چەتنەپ كەتتۇق؛ راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولغاندا تەرەققىياتقا، يېڭى شانلىق نەتىجىلەرگە ئېرىشتۇق. ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋەزىپىسى مۈشكۈل بولغان، جەمئىيەتتە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، شەكىلۋازلىقتىن ساقلىنىپ، ئەمەلىي بولۇشقا ئىلھام بېرىپ، ساختىلىققا قارشى تۇرساقلا، ئەمەلىي ئىشلەپ دۆلىتىمىزنى گۈللەندۈرۈش جەريانىدا خەلققە ‹‹كۆرگىلى بولىدىغان ماددىي پاراۋانلىق›› يارىتىپ بېرەلەيمىز، خىزمەتلەرنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلەپ، مۇستەھكەم ئابىدە تىكلىيەلەيمىز.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter