Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى

2013-12-03 10:23     كۆرۈلۈشى: 11,649 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى بىرلىكتە روياپقا چىقىرايلى گو يىخەي      پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››دىن ئى....

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى

بىرلىكتە روياپقا چىقىرايلى

گو يىخەي

     پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››دىن ئىبارەت كۈرەش نىشانىنى تەكىتلىدى. يولداش جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گۈللەنگەن، باي، ئىناق، مۇقىم، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نىڭ شىنجاڭدىكى كونكرېت ئىپادىسى. ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى›› ھەر بىر شىنجاڭلىقنىڭ ئارزۇسى بىلەن زىچ باغلانغان. شىنجاڭدىن ئىبارەت كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان رايوندا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىشتا ئومۇمىيەتكە تاقىلىدۇ، ئەھمىيىتى زور.

     مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىشنىڭ تۈپ كاپالىتى. دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە نەزەر سالساق، مۇقىم سىياسىي تەرتىپ ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت بولمىسا، ھەر قانداق ئىشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. تارىخ ۋە ئەمەلىي تەجرىبە شۇنى ئىسپاتلىدىكى دۆلەت بىرلىككە كەلگەن، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولسا، ئىش ئوڭ، ئەل ئىناق، دۆلەت باياشات، خەلق خاتىرجەم بولىدۇ. دۆلەت پارچىلانسا، مىللەتلەر ئارا نىزا كۆرۈلسە، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى يوقايدۇ، دۆلەت ئاھانەتكە ئۇچرايدۇ، خەلق بالايى قازاغا دۇچار بولىدۇ. يولداش ماۋزېدۇڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى، خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت ئىچىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىشلىرىمىزدا مۇقەررەر غەلىبە قىلىشىمىزنىڭ تۈپ كاپالىتى. يولداش دېڭ شياۋپىڭ كۆپ قېتىم مۇنداق دەپ تەكىتلىگەن: جۇڭگونىڭ مەسىلىسىدە، مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ. مۇقىم مۇھىت بولمىسا، ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولمايدۇ. ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن، مۇقىم، تەرتىپلىك ئىجتىمائىي مۇھىت بولۇشى كېرەك. جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشى، دۆلەتنىڭ ئۇزاققىچە ئەمىن بولۇشى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ. شىنجاڭ كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىخ يەنە بىر قېتىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىلەن جەمئىيەت مۇقىملىقى زىچ باغلانغان. مىللەتلەر ئىتتىپاق بولسا جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولىدۇ؛ مىللەتلەر ئارىسىدا نىزا كۆرۈلسە، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇشى بۇزغۇنچلىققا ۋە تەسىرگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش شىنجاڭدا تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت ‹‹مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىشى، تەرەققىياتى››دىن ئىبارەت مىللەتلەر خىزمىتى باش تېمىسىنى چىڭ ئىگىلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش خىزمىتىنى ئومۇمىيەتكە تاقىلىدىغان چوڭ ئىش سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئىناقلىقى، ھەمكارلىشىپ، قىيىنچلىقنى يېڭىش، ماس تەرەققىياتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇشىدا تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى، بۇ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تۈرلۈك قىيىنچلىق، خەۋپ خەتەر، خىرىسنى يېڭىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ساقلاشنىڭ تۈپ كاپالىتى.

     مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىشنىڭ كۈچ مەنبەسى. قەدىمكىلەر: ئاۋام ئىتتىپاق بولسا قۇدرەت تاپۇر، دېگەن. يولداش شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن، جۇڭگودىكى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. يولداش جاڭ چۈنشيەننىڭ ئېيتقىنىدەك، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى شىنجاڭدىكى ھەر بىر كىشى، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ھەممەيلەن زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، تىرىشىپ ئىلگىرىلىگەندىلا، ئارزۇغا يېتىدىغان كۈچ زورىيىدۇ. ئۆزبېكلەردە مۇنداق بىر گەپ بار: ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە. ئىتتىپاقلىق قەلبلەرنى ئويۇشتۇرىدۇ، ئىتتىپاقلىق كۈچ توپلايدۇ. شىنجاڭ ھازىر مۇھىم ئىستىراتېگىيەلىك پۇرسەت باسقۇچىدا تۇرۋاتىدۇ، ھەر مىللەت پەرزەنتلىرى جەزمەن ئىتتىپاقلىشىپ، قەلبداش بولۇپ، تەڭ كۈچەپ ئۇيۇشقاندىلا شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقى، ئۇزاق ئەمىنلىكىدىكى قۇدرەتلىك كۈچ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ باياشات، خاتىرجەم تىرىكچىلىكىدىكى قۇدرەتلىك كۈچ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچ، ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىش قۇدرەتلىك كۈچىنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ.

     مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى كۈچلۈك قورال. شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بۆلگۈنچلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپى، ئالاھىدە رايون، ئالاھىدە رايون ئەھۋالى، ئالاھىدە گومانىتارلىق ئامىلى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى ھەتتا پۈتكۈل مەملىكەت ئومۇمىيىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق مەركەز ۋە 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش باھار شامىلىنىڭ تۈرتكىسىدە، ‹‹تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، تىرىشساقلا ئۆزگەرتەلەيمىز›› دېگەن ئىدىيەگە ئاساسەن، ئىتتىپاقلىشىپ تىرىشىپ ئىشلەپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلدى. ئىلگىرىلەشنى كۆزلەش، تەرەققىياتقا ئىنتىلىش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئارزۇسى. بىراق مارالبېشىدا يۈز بەرگەن ‹‹23 – ئاپرېل››، پىچاندا يۈز بەرگەن ‹‹26 – ئىيۇن›› زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، تەرەققىياتى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تىنچ تۇرمۇشىنى كۆرۈشنى خالىمايدىغانلىقى، سىڭىپ كىرىش، بۇزغۇنچلىق ھەرىكەتلىرىنى بىر مىنۇتمۇ توختاتمىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇردى، ئۇلار دۆلەتنى پارچىلاش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھاياتىنى قۇربان قىلىشتىن يانماي، قانلىق ۋەقە سادىر قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئىغۋاگەرچىلىك سالدى. ئۇلار شىنجاڭنىڭ ھازىرقى تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان ياخشى ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، بىزنىڭ بەختىيار تۇرمۇشقا ئىنتىلىش قەدىمىمىزگە توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇندى.

     مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشنىڭ بەخت مەنبەسى. چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ دۆلەتنى پارچىلاش مەقسىتىنى بىتچىت قىلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئورتاق ھەمكارلىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ باياشات، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت پەرزەنتلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ئالدىدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىر توپ چۈمۈلە خالاس، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتى شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىيات مۇساپىسىنى توسىيالمايدۇ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ تەرەققىياتنى تېزلىتىش، مۇقىملىقنى قوغداش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى تەۋرىتەلمەيدۇ.

     مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەسئۇلىيىتى، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىش ھەر بىر كىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. يېڭى ۋەزىيەتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى سەۋىيەسىنى ئۈستۈرۈشتە ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئامما بىلەن قۇيۇق ئالاقىلىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى ئۆزگىرىش، مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر تونۇپ ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا تەشۋىق قىلىپ ۋە شەرھىلەپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنىڭ ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئۇسۇل چارىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئاممىۋىلىق، ئەمەلىيەتچانلىق، دەۋرىيلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنىڭ جەلپكارلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە تەسىرچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەر بىر كىشىنىڭ كۈندىلىك خىزمىتى، تۇرمۇشى، روھىي دۇنياسى، ئىش ھەرىكىتىگە سىڭدۈرۈپ، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئارىسىدا ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا قايىللىق، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سوتسىيالىزم يولى، سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى سىستېمىسى، سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە بولغان تونۇش ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ئىناقلاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

     ئۇزاق تارىخىي جەرياندا، شىنجاڭدا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت پەرزەنتلىرى قۇيۇق ئالاقىلىشىپ، ئۆز ئارا تايىنىپ، مەنپەئەتداش بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى. بۈگۈنكى شىنجاڭ يېڭى تارىخ باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ، بىز تەستە قولغا كەلگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت ياخشى ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئاڭلىق قوغداشتا تەۋرەنمەي، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››غا يېتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter