Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> مىللەت ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

مىللەت ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

2013-07-14 9:37     كۆرۈلۈشى: 11,585 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: مىللەت ئۇقۇمى ھەققىدە        مىللەت – ئىنسانلار جەمىيىتى تەرەققىي قىلىپ مۇئەييەن تارىخىي باسقۇچقا بارغانلىقىنىڭ مەھسۇلى بۇلۇپ، بىر تارىخى كاتوگىرىيە. مىللەت ئىنسانلار جەمىيىتىنىڭ باشلىنىشى بىلەنلا....

مىللەت ئۇقۇمى ھەققىدە

 

     مىللەت – ئىنسانلار جەمىيىتى تەرەققىي قىلىپ مۇئەييەن تارىخىي باسقۇچقا بارغانلىقىنىڭ مەھسۇلى بۇلۇپ، بىر تارىخى كاتوگىرىيە. مىللەت ئىنسانلار جەمىيىتىنىڭ باشلىنىشى بىلەنلا مەۋجۇت بولغان ئەمەس، مەڭگۇ مەۋجۇت بۇلۇپمۇ تۇرىۋەرمەيدۇ، ئۇنىڭ شەكىللىنىش، راۋاجلىنىش ۋە يۇقۇلۇش جەريانى بۇلىدۇ.

     مىللەت – ئىنسانلارنىڭ تىل ئومۇمىيلىقى، تىروتىرىيە ئومۇمىيلىقى، ئىقتىسادىي تۇرمۇش ئومۇمىيلىقى ۋە مەدىنىيەت بىرلىكىدە ئىپادىلىنىدىغان روھىي ھالەت تۈزۈلۈش (ئورتاق پىسخىك ساپا) ئومۇمىيلىقى ئاساسىدا تارىخىي يۇسۇندا شەكىللەنگەن مۇستەھكەم بىر پۈتۈن، بىرلىككە كەلگەن گەۋدىدۇر.

 

 

     مىللەت – ئۇرۇق ۋە قەبىلە ئورتاق گەۋدىسىگىمۇ ئوخشىمايدۇ، ئىرىق ئورتاق گەۋدىسىگىمۇ ئوخشىمايدۇ، دۆلەت ئۇقۇمىغا ھەم دىنىي ئورتاق گەۋدگىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئۇ يۇقىرىدىكى تۆت خۇسۇسىيەتنىڭ بىرلىشىدىن ھاسىل بولغان كىشىلەرنىڭ مۇقىم ئورتاق گەۋدىسى. بۇ تۆت خۇسۇسىيەت مىللەتنى مىللەتتىن پەرقلەندۈرۈشتىكى ئاساسىي ئۆلچەمدۇر.

 

مىللەتنىڭ خۇسۇسىيىتى

 

     بىرىنچى، تىل ئومۇمىيلىقى:

     تىل ئومۇمىيلىقى دېگەندە، بىر مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىدە قوللۇنىدىغان ئورتاق تىلى كۆزدە تۇتىلىدۇ. ئۇ مىللەتنىڭ ئەڭ ئاشكارا بىر خۇسۇسىيىتىدۇر. ئادەتتە ھەممە مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئورتاق تىلى بۇلىدۇ. ئورتاق تىل بولمىسا بىر مىللەت بۇلۇپ شەكىللىنەلمەيدۇ. بىراق ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مىللەتكە بولغان تەسىرى تۈپەيلىدىن ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەر ئوخشاش بىر تىلنى قوللىنىدىغان ھادىسىلەرمۇ، ئوخشاش بىر مىللەت ئوخشاش بولمىغان تىلدا سۆزلىشىدىغان ھادىسىلەرمۇ بار.

     ئىككىنچى، تېرتورىيە ئومۇمىيلىقى:

     تېرتورىيە ئومۇمىيلىقى دېگەندە، بىر مىللەت بىرلىكتە ئولتۇراقلاشقان، تۇرمۇش كۆچۈرگەن، ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بارغان ۋە ياشىغان جۇغراپىيىلىك مۇھىت كۆزدە تۇتىلىدۇ. بۇ – مىللەتنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئوبىكتىپ ئاساسى. ئادەتتە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ نىسپىي مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان تېرتورىيىسى بۇلىدۇ. ئەمما مىللەت شەكىللەنگەندىن كېيىن نىسپى مۇقىم ھالدىكى توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش جەريانىدا يەنە جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن كۆچۈش، يۆتكىلىپ تۇرۇش ئەھۋاللىرى، مىللەتلەرنىڭ ئارلىشىپ ئولتۇراقلىشىش ھادىسلىرى كېلىپ چىقىدۇ. زامانىۋى ئىقتىسادىي تۇرمۇش قانچىكى تەرەققىي قىلسا، مىللەتلەر ئارسىدىكى يۆتكىلىش، ئارلىشىپ ئولتۇراقلىشىش ھادىسىسى شۇنچە ئومۇميۈزلۈك بولىدۇ.

     ئۈچۈنچى، ئىقتىسادىي تۇرمۇش ئومۇمىيلىقى:

     ئىقتىسادىي تۇرمۇش ئومۇمىيلىقى دېگەندە، مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى باغلىنىشچانلىقى ۋە ئىگىلىك تىپى كۆزدە تۇتىلىدۇ. بۇ مىللەتلەرنىڭ ئويۇشۇشىنىڭ ئىقتىسادىي ۋاستىسى ۋە ماددىي شەرتى. ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئىش تەقسىماتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى تۈپەيلىدىن، ئوخشاش بىر مىللەتنىڭ ئوخشاش بولمىغان رايۇنلاردىكى، ھەر قايسى ساھەلەردىكى، تارماقلاردىكى ئىقتىسادى جەھەتتىكى ئۆز ئارا تايىنىشى، ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئۆز- ئارا ئالاقىسى ۋە ئورتاق بازاردىكى ئالماشتۇرىشى كەم بولسا بولمايدىغان زۆرۇرىيەتكە ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئاساسىي كەسىپ ئىگىلىكى بولۇپ، ئۆزىگە خاس ئىگىلىك تىپىنى شەكىللەندۈرىدۇ. مەسىلەن: چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان مىللەت، دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان مىللەت قاتارلىقلار.

     تۆتىنچى، پىسخىك ساپا ئومۇمىيلىقى:

     پىسخىك ساپا ئومۇمىيلىقى دېگەندە، مىللەتنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا ئىجتىمائىي ئىقتىساد، تارىخى ئەنئەنە، تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە جۇغراپىيىلىك مۇھىتنىڭ مىللەتنىڭ روھى، مىجەزى، پىسخىكىسىغا تەسىر كۆرسىتىش ھادىسىسى كۆزدە تۇتىلىدۇ. ئادەتتە ئۇ پىسخىك ھالەت ياكى مىللى خەرەكتىر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدا كۆپ ھاللاردا بىر مىللەتنىڭ تىل – يېزىقى، ئەدەبىيات- سەنئىتى، ئۆرپ- ئادىتى، دىنىي ئىتىقادى، ئەخلاق – مىجەزى قاتارلىق مەدىنىيەت ئالاھىيدىلىكلىرى ئارقىلىق مىللەتنىڭ قىزىقىشى، مىجەزى، ئىقتىدارى، خۇسۇسىيىتى، ئېڭى قاتارلىقلاردىن ھاسىل بولغان مىللەتنىڭ پىسخىك ساپاسى ئىپادىلىنىدۇ. بۇ مىللەتنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم خەرەكتىرگە ئىگە بولغان خۇسۇسىيەتتۇر.

 

مىللەتنىڭ شەكىللىنىشى

 

     ئىنسانلار دەسلەپ پەيدا بولغاندا مىللەت يوق ئىدى. مىللەت ئىنسانلار جەمىيىتى تەرەققىي قىلىپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندە ئاندىن بارلىققا كەلگەن. ئىپتىدائىي جەمىيەتنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا قالاق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى كىشىلەرنىڭ توپلۇشىپ تۇرمۇش كۆچۈرۈشىنى بەلگۈلىگەن. ئۇزۇنغا سۇزۇلىدىغا نتەدىرىجى تەرەققىيات ئارقىلىق ئىنسانلار جەمىيىتى ئۇرۇقداشلىق باسقۇچىغا كىرگەن ھەمدە ئۇرۇقداشلىق كومۇنالىرى ئاساسىدا قوشنا بۇلۇپ ئولتۇراقلىشىش، ئۆز-ئارا نىكاھلىنىش، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى بىر-بىرىگە بولغان ئىھتىياج تۈپەيلى، بىر نەچچە ئۇرۇقتىن قەبىلە ھاسىل بولغان. شۇنىڭغا ئەگىشىپ قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار بار ۋە تىلى يېقىن كىلىدىغانلار ھەم بىر تېرتورىيىدە ئولتۇراقلاشقان ھەرقايسى قابىلىلەر تەدىرىجى ھالدا قەبىلىلەر ئىتتىپاقى بۇلۇپ ئۇيۇشقان، قەبىلىلەر ئىتتىپاقى مىللەت بۇلۇپ شەكىللىنىشكە قاراپ بىرىنچى قەدەمنى تاشلىغان. مۇشۇنداق تەدىرىجى تەرەققىيات جەريانىدا ھازىرقى مىللەتلەر شەكىللەنگەن.

 

مىللەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى

 

     مىللەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى دېگەندە، ئادەتتە مىللەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدىنىيەت جەھەتتە تەرەققىي قىلىشى، مىللەت ساپاسىنىڭ ئۆسۈشى، مىللەت خۇسۇسىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، مىللەتلەر ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخىي تىپنىڭ ئۆزگىرىپ بېرىشى، شۇ ئارقىلىق مىللەتنىڭ قالاق ھالەتتىن ئۈزلۈكسىز قۇتۇلۇپ تەرەققىيات ھالىتىگە قەدەم قۇيۇشى كۆزدە تۇتىلىدۇ. مىللەت ئىجتىمائىي تارىخىي ھادىسە بۇلۇش ، كىشىلەرنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇش شەكلى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ تەرەققىياتى مۇقەررەر ھالدا جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. ماركسىزىمنىڭ قارىشىچە، مىللەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئۆزگىرىشى ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ۋە ئىچكى تاشقى ئالاقىسىنىڭ تەرەققىيات دەرىجىسىگە باغلىق بۇلىدۇ. بۇ شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، مىللەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئۆزگىرىشى ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى، ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىگە يەنى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىگە باغلىق بۇلىدۇ. مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئۆزگىرىشى ۋە تاشقى ئالاقىسىنىڭ ئېچىۋىتىلىش دەرىجىسى ئاخىرقى ھىساپتا مىللەتنىڭ خۇسۇسىيىتى، ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى، شۇ ئارقىلىق مىللەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بۇلىدۇ. مىللەتنىڭ ئىجتىمائى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىغا، ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىشى نەتىجىسىدە ئوخشاش بولمىغان تارىخى تىپتىكى مىللەتلەر كىلىپ چىقىدۇ.

 

مىللەتنىڭ يوقۇلىشى

 

     مىللەتنىڭ يوقۇلىشى دېگەندە، پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي خۇسۇسىيىتىنىڭ، پەرقنىڭ يۇقۇلۇپ مىللەتلەرنىڭ چوڭ قۇشۇلۇپ كىتىشىنىڭ ئىشقا ئېشىشى كۆزدە تۇتىلىدۇ. بۇ ئىنسانلار جەمىيىتىنىڭ تارقاقلىقتىن مەركەزلىشىپ بىرلىككە كىلىدىغان تەرەققىيات قانۇنىيىتىنىڭ ۋە مىللەتنىڭ ئۆز تەرەققىيات قانۇنىيىتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى. مىللەتلەرنىڭ قۇشۇلۇپ كىتىشى بىر ئۇزاق مۇددەتلىك، تەبىئىي تارىخىي جەريان، مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچۈيىشى جەريانىدىكى ئورتاقلىق، بىردەكلىك ئامىللىرىنىڭ تارىخىي جۇغلىنىشىنىڭ ئاخىرىقى نەتىجىسىدۇر. پەقەت ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغاندىلا، مەدىنىيەت يۈكسەك دەرىجىدە گۈللەنگەندىلا مىللەتلەرنىڭ بارلىق پەرقلىرى يۇقۇلۇپ، قۇشۇلۇپ بىر گەۋدە بولغاندىلا، ئاندىن مىللەتنىڭ يوقۇلىشى ئىشقا ئاشىدۇ. مىللەت يۇقىلىشتىن ئىلگىرى مىللەتنىڭ قۇشۇلۇپ كىتىش ئامىللىرى باشتىن- ئاخىر مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدۇ. مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقە ۋە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچۈيىشى نەتىجىسىدە، ئارقىدا قالغان مىللەت ئىلغار مىللەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئىلغار مىللەتنىڭ خۇسۇسىيىتىنى تەبىئىي ھالدا قۇبۇل قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا باشقا بىر مىللەتكە ئايلىنىدۇ. بىر رايۇن، بىر دۆلەتتىكى نۇرغۇن مىللەتلەر ئوخشاش بىر مەدىنىيەت شارائىتىدا ياكى ئوخشاش بىر دۆلەت ھاكىمىيىتى ئاستىدا ئورتاق مەنپەت تەلىپىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچۈيىشى تۈپەيلىدىن، ئۇلاردا بىر گەۋدىلىشىش، قۇشۇلۇش، ئەڭ ئاخىرىدا بىر مىللەت بۇلۇشقا قاراپ ئۈتۈش جەريانى كىلىپ چىقىپ، بىر گەۋدىلىشىش يۈزلىنىشى بارلىققا كىلىدۇ.

 

مىللەتلەر مەسىلىسى

 

     مىللەتلەر مەسىلىسى – بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئېيتقاندا، مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى زىدىيەت مەسىلىسى دېمەكتۇر. ئۇ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدىنىيەت، تىل- يېزىق، ئۆرپ- ئادەت، دىنىي ئىتىقاد قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ، مىللەتنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىشى ۋە تەرەققىياتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭىپ كەتكەن بۇلىدۇ. مىللەت مەۋجۇتلا بۇلىدىكەن مىللەتلەر مەسىلىسى مەۋجۇت بۇلىدۇ. مىللەتلەر مەسىلىسى ھەم مىللەتنىڭ ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىنى، ھەم مىللەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت، مىللەت بىلەن سىنىپ، دۆلەت قاتارلىقلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مىللىي پەرقلەرنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىشى – مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ مەيدانغا كىلىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى. مىللىي پەرقلەر ئاساسلىقى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تىلى، تېرتورىيىسى، ئىقتىسادىي تۇرمۇشى، پىسخىك ساپاسى ۋە شۇ ئاساستا شەكىللەنگەن مىللىي ئالاھىيدىلىك جەھەتلەردىكى پەرقنى كۆرسىتىدۇ. مىللەت مەۋجۇتلا بۇلىدىكەن مىللىي پەرق مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدۇ. پەرق دېگىنىمىز زىدىيەتتۇر. مىللىي پەرق مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ پەيدا بۇلىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى.



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter