ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئوقۇغۇچىلارنى تارىخقا قىزىقتۇرايلى

ئوقۇغۇچىلارنى تارىخقا قىزىقتۇرايلى

2013-07-09 12:36     كۆرۈلۈشى: 1278 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ھاۋاگۈل رىشات        تارىخ قارىشى تىكلەش پۇقرالارنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ تارىختىن ئاساسىي بىلىم ۋە ئاساسىي ساۋاتلارنى ئىگىلىشى، شۇنداقلا تارىخنى....

ھاۋاگۈل رىشات

 

     تارىخ قارىشى تىكلەش پۇقرالارنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ تارىختىن ئاساسىي بىلىم ۋە ئاساسىي ساۋاتلارنى ئىگىلىشى، شۇنداقلا تارىخنى چۈشىنىپ، مەسىلىلەرنى تارىخىي ماتېرىيالىزم قارىشى بىلەن تەھلىل قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

     ھازىر تارىخ دەرسىمىزدە بەزىبىر نۇقسانلار ساقلىنىۋاتىدۇ. مەسىلەن: مەكتەپلەر تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدا ئوقۇغۇچىلارنى ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەن بويىچە تۈرگە ئايرىيدۇ. تەبىئىي پەننى تاللىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئاساسەن تارىخ دەرسى ئۆتۈلمەيدۇ. ئالىي مەكتەپلەردە دۇنيا تارىخى دەرسى تاللاپ ئوقۇلىدىغان دەرسلىك قىلىنىدۇ. شۇڭا ئوقۇغۇچىلىرىمىزدا تارىخ، جۈملىدىن دۇنيا تارىخىنى بىلىدىغانلار ئاز.

     قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تارىخقا بولغان قىزىقىشىنى قوزغىغىلى بولىدۇ؟ تارىخى پاكىتقا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ھېكايە خاراكتېرىدىكى ۋەقە ۋە شەخىسلەرنى تاللاپ چىقىپ، بالىلار ئوقۇشلۇقىنىڭ تىلى ئاددىي، يېنىك، ئەستە ساقلاشقا ئاسان بولۇش ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىشى؛ يازغۇچىلار ھېكايە خاراكتېرىگە ئىگە ھەم تارىخنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان ۋەقەلەرنى ئىجادىيىتىنىڭ مەنبەسى قىلىشى، ئەسەرنىڭ تىلى يېنىك، راۋان، چۈشىنىشلىك بولۇشى كېرەك. تارىخ ئوقۇتقۇچىسىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تارىخ دەرسىنى ئۆگىنىش ئۇسلۇبى، ئۈنۈمى ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنىڭ پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئىلمىي نۇقتىدىن باھالاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تارىخ دەرسىنى ئۆگىنىش ئۇسلۇبى ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك.

     قىسقىسى، ئوقۇغۇچىلاردا مۇستەقىل پىكىر قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش ئىدىيەسىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تارىخقا ئائىت مەسىلىلەرنى بايقاش ۋە ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ، تارىخ ئوقۇتۇشىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
  • « ئالدىنقى يازما »
  • « كېيىنكى يازما »
  • ئىنكاس يوللاش
     تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

    ( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter

    مىكرو بلوگىم _ سىزمۇ ئەگىشىڭ