بۇئايشەم سىدىق
بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ كاللىسىدىكى سوئاللارمۇ كۈندىن – كۈنگە كۆپىيىشكە باشلايدۇ، دۇنياغا نىسبەتەن تەپەككۈرى ۋە چۈشۈنىشى ئاشىدۇ. ئۇلار يېڭى نەرسىلەرنى بايقىغاندا دەرھال ئىپادىلەيدۇ؛ بوزەك بولغاندا، تەسەللىي تېپىشنى ئويلايدۇ. بۇ ئاددىي بولغان پىسخولوگىيەلىك ئېھتىياج بولۇپ، ئاتا – ئانىلار بولۇپمۇ ياش ئاتا – ئانىلار بۇنىڭغا سەل قاراپ، بالىنى چەكلىمەسلىكى، ئەيىبلىمەسلىكى لازىم.
بالىلارنىڭمۇ چوڭلارغا ئوخشاش ھېس قىلغىنىنى ئىپادىلەش، كۆز قارىشىنى بايان قىلىش ئەركىنلىكى بار، بالىنىڭ دېگەنلىرىنى ئاڭلاش بالىنى چۈشىنىش ۋە ھۆرمەت قىلغانلىق. ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بالىلارنىڭ قەلبى ناھايىتى نازۇك بولۇپ، ئاسانلا كۆڭلى ئاغرىپ قالىدۇ. ئۇلار تەنقىدلەشكە ئۇچرىغاندا، بوزەك قىلىنغاندا، بىرەرسىنى تېپىپ بىر نەچچە ئېغىز تەسەللىي سۆزى ئاڭلىماقچى بولىدۇ، بولۇپمۇ بەزى بالىلار خاتالىق ئۆتكۈزگەندە ياكى مەغلۇپ بولغاندا، روھىي چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا، ئاتا – ئانىلار بالىنى ئەيىبلىسە، بالىدا ئاسانلا روھى بىسىم پەيدا قىلىپ قويىدۇ. بالىنىڭ قەلبىدىكى ئاتا – ئانا ھەممە ئىشنى قىلالايدىغان، ھەممە ئىشنى بىلىدىغان چوقۇنۇش ئوبىكتىدۇر. بالا قانداق ئىش بولسا ئاتا – ئانىسىدىن سورايدۇ، قانداق تەلىپى بولسا ئاتا – ئانىسىغا ئېيتىدۇ، شۇڭا ئاتا – ئانىلار بالىنىڭ ئىيتقانلىرىنى ئەستايدىل ئاڭلاپ، ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ، بالا ئوتتۇرىغا قويغان ئورۇنلۇق تەلەپنى ئامال بار قاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پىسخىك تەلىپىنى چۈشىنىشى، توغرا ئوسۇلدا ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، بالىغا ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، بالىنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا كىرگىلى بولىدۇ. ئەگەر ئاتا – ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى بەكرەك تەكىتلىسە، بالىدا ساغلام، مۇۋاپىق بولغان ئاتا – بالىلىق موناسىۋەتنى شەكىللەندۈرگىلى بولمايدۇ.
«ھەر كۈنى ئون مىنۇت توختاپ، سەبى بالىڭىزنىڭ قەلبىدىكى ئارزۇسىنى ئاڭلاپ بېقىش›› نورغۇنلىغان ئاتا – ئانىغا نىسبەتەن ھەر قىيىن ئەمەس. بالا بىلەن ئوخشاش قىياپەتتە، ئوخشاش ئېگىزلىكتە تۇرۇپ، بالىنىڭ دېگەنلىرىنى ئاڭلاش بالىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشگە ياردەم بېرىدىغان ياخشى ئۇسۇل، شۇنداقلا، ئاتا – ئانىلارنىڭ مەسئۇليىتى.