ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> «ئۈچ مۇلاھىزە سوئالى›› توغرىسىدا مۇلاھىزە

«ئۈچ مۇلاھىزە سوئالى›› توغرىسىدا مۇلاھىزە

2013-02-05 10:48     كۆرۈلۈشى: 1468 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: شىن شۈەن        ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى 26–نويابىر كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش توغرىسىدىكى تونۇشى ۋە تەسىراتىنى....

شىن شۈەن

 

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى 26–نويابىر كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش توغرىسىدىكى تونۇشى ۋە تەسىراتىنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ پىكىرلەشتى. ئۆگىنىش ئاياغلاشقاندا، يولداش جاڭ چۈنشيەن كۆپچىلىككە مۇنداق ئۈچ سوئال قويدى:

     شىنجاڭ ھازىر قانداق خەۋپ ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ؟

     مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيانقى ئىدىيە، تەسەۋۋۇر، تەدبىر ۋە تەجرىبە– ساۋاقلارنى قانداق ئەستايىدىل خۇلاسىلەش كېرەك؟

     پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹‹بەش بىرگەۋدىلەشتۈرۈلگەن›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى مۇلاھىزە ۋە ئانالىز قىلىپ، تەسەۋۋۇر ۋە تەدبىرلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ‹‹ئالتە قۇرۇلۇش›› تا قانداق قىلىپ يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى بۆسۈش، يېڭى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟

     شىنجاڭدا پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن پەيتتە، مۇشۇنداق سوئاللارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، دەپ قاراپ، ئۇنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان چوڭقۇر مەنىنى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ مۇلاھىزە قىلىشىمىز كېرەك.

     يەككە سان–سېپىرلار كىشىلەرنى قىزىقتۇرالمايدۇ. لېكىن، سان–سېپىرلارنى ئۆزئارا سېلىشتۇرىدىغانلا بولساق، مىقدار ئۆزگىرىشىدىن سۈپەت ئۆزگىرىشىگىچە بولغان ‹‹ھەيران قالارلىق ھالقىش›› نى بايقىيالايمىز.

     2010- يىلى شىنجاڭنىڭ GDP سى 500 مىليارد يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.6 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 29–ئورۇندا تۇردى؛ 2011–يىلى شىنجاڭنىڭ GDP سى 600 مىليارد يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 21–ئورۇندا تۇردى؛ بۇ يىل 1–ئايدىن 9–ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ GDP سى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.5 ئېشىپ، مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 3.8 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 12–ئورۇندا تۇردى، بۇيىل شىنجاڭ GDP سىنىڭ 700 مىليارد يۈەندىن ئېشىشىدىن ئۈمىد بار.

     مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، مەملىكىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تەدرىجىي ئاستىلىشىشقا يۈزلىنىۋاتقان ئەھۋالدا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى تېز ئاشتى.

     بۇيىل 5–ئايدا ئېچىلغان 3–قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدا، يولداش لى كېچياڭ، يولداش جۇ يۇڭكاڭ: ‹‹ئىككى يىلدىن بۇيان شىنجاڭدا كىشىنى ئەڭ روھلاندۇرىدىغىنى شۇكى، ئۆزگىرىش بولدى، ئەڭ تەسىرلەندۈرىدىغىنى شىنجاڭچە روھ بولدى›› دېدى.

     دۆلەتنىڭ قوللىشى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ياردىمى كەم بولسا بولمايدۇ، ئەمما ئاساسىي گەۋدىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش بولسا، تۈپ ئالدىنقى شەرت.

     شىنجاڭدىكى 22 مىليون ھەرمىللەت كادىر، ئاممىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي گەۋدىنىڭ ئاكتىپلىقى قوزغالسىلا، تەبىئەتنى ئۆزگەرتىدىغان غايەت زور ئېنېرگىيە ھاسىل بولىدۇ.

     بۇ ‹‹پارتلاتقۇچ›› ئاپتونوم رايونلۇق 8–قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، خۇلاسىلەپ تاۋلاپ چىققان ‹‹ئۆزگىرىش ياساش – ئىسلاھ قىلىش، دادىل بولۇش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەش›› روھى.

     ئىدىيە ھەرىكەتنىڭ باش يېتەكچىسى، تەسەۋۋۇر چىقىش يولىنى بەلگىلەيدۇ.

     مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى شىنجاڭلىقلارنىڭ قەلبىدىكى مەشئەلگە ئوت ياقتى، كەلگۈسىدىكى گۈزەل مەنزىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلقنىڭ ئارزۇ ساداسىنى قاندۇرۇشتا بىزنىڭ قىيىنچىلىقنى بىلىپ تۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جان تىكىپ ئېلىشىشىمىزغا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، مەن قىلمىسام كىم قىلاتتى دېيىشىمىزگە، تېخىمۇ مۇھىمى كۈرەش،كۈرەش،كۈرەش قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

     شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىپ، چېگرانى مۇستەھكەملەپ، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشتا ‹‹ئەۋزەللىكنى چىڭ تۇتۇش››ىمىزغا، چىڭ تۇتۇپ، تېز بېجىرىشىمىزگە، تېز ھەرىكەتكە كېلىشىمىزگە، تېخىمۇ مۇھىمى ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلىشىمىزگە، ھەربىر چامدامدا ئىز قالدۇرۇپ، بېكىتكەن ئىشنى قىلىشىمىزغا، قىلغان ئىشىمىزنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىدىيەدە ئازاد بولۇش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىشنى ئۆزىدىن باشلاپ، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ھەرمىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قاراشنى ئۆزگەرتىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى.

     تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ؛ تىرىشساقلا ئۆزگەرتەلەيمىز.

     ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، يېڭى–كونا قاراشلار توقۇنۇشۇپ، ئىدىيە كۆزنەكلىرى ئېچىلىپ، سۈركىلىشتىن چىققان ئىدىيە ئۇچقۇنلىرى دۆلىتىمىزنىڭ ئالتىدىن بىر قىسىمىنى ئىگىلەيدىغان بۇ مۇنبەت تۇپراقنى يورۇتتى.

      ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، قاراشنى ئۆزگەرتىشنىڭ نەتىجىسىنىڭ شاھىتى بولغان ھەرمىللەت كادىرلار، ئامما‹‹ئىسلاھ قىلىش – ئۆزگىرىش ياساش، دادىل بولۇش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەش››نى ئورتاق تونۇش دەپ بىلىپ، ئۇنى روھىي دۇنياسىغا، خىزمەت، تۇرمۇشىنىڭ بۇلۇڭ–پۇچقاقلىرىغا چوڭقۇر سىڭدۈردى.

     توغرا ئىدىيە نەدىن كېلىدۇ؟ بۇ شۈبھىسىزكى، ئاممىدىن، ئەمەلىيەتتىن كېلىدۇ.

    مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىش ھارپىسىدا، يېڭى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن جاڭ چۈنشيەن ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىنچىكە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب، شىمالىنى كېزىپ،ئوخشىمىغان قاتلام، ئوخشىمىغان تىپتىكى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقتىن ئىبارەت ئىككى ئاساسىي تېمىنى چۆرىدەپ، خەلقنىڭ رايىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، پىكىر يوللىرىنى ئېچىپ، خەلقنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى توپلىدى.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىغا ئاساسەن، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ھۆكۈم چىقاردى ۋە ئۇنىڭ ئورنىنى بېكىتتى:

     ۋەزىيەتكە ئىلمىي ھۆكۈم قىلىش ئاساسىدا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت پارتىيەلىك كادىرلار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئەقىل–پاراسىتىنى توپلىدى، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 9–ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا ئاپتونوم رايوننىڭ 8–قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن كونكرېت ئىستراتېگىيەلىك تاللا ‹‹زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى، پەن–تېخنىكا، مائارىپنى تىرەك قىلىپ، يېڭىچە سانائەتلىشىش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، يېڭىچە شەھەر–بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، جۇڭگو غەربىي رايون ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش قۇتۇپى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشنىڭ كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى بەرپا قىلىپ، گۈللەنگەن، باي، ئىناق، مۇقىم گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش›› ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ كونكرېت ئىستراتېگىيەلىك تاللاش–شىنجاڭنى كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋېتىش، كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ‹‹باش پىروگراممىسى››غا ئايلاندى.

     ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت تارىخ ئېقىمىدا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كېتىدۇ. لېكىن نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشتا باشتىن–ئاخىر چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ قائىدە ئىزچىل داۋاملىشىدۇ.

     بۇ، قىيىن ئەمما جاسارەتكە تولغان ئىزدىنىش. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق ئۇمۇمىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ئېتىقاد ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتە پائال ئىزدىنىپ، شىنجاڭچە خاسلىققا ئىگە بىر قاتار يېڭى ئېتىقاد ۋە يېڭى تەدبىرلەرنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭىدىن زور تەرەققىيات ۋە بۆسۈشنى قولغا كەلتۈردى.

     ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتا، ئىلمىي ھالقىش،كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىش، يۇقىرى پەللە، يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى ئۈنۈمدە تەرەققىي قىلىش قارىشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، يۇقىرى قاتلامدا لايىھەلەش، پىلاننى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، رايون ئىقتىسادىنىڭ ماس تەرەققىي قىلىشىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى ئېنىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، يېڭىچە سانائەتلىشىشنى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىش، ‹‹ئۈچلەشتۈرۈش›› قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى پەللىدە ئىلگىرى سۈرۈش، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش قاتارلىقلارغا ئەھمىيەت بېرىلدى .

     سىياسىي قۇرۇلۇشتا، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، كوللېكتىپ تەدبىر بەلگىلەش، ‹‹ئۈچ خىل كىشىلەرنى زىيان تارتقۇزماسلىق››تەك ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇشتا چىڭ تۇرۇش، ‹‹ئاساسىي قاتلامغا ئەھمىيەت بېرىش، ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلام ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش››نى، كادىرلارنى باشقۇرۇشتا ‹‹چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قاتتىق باشقۇرۇش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش›› قاتارلىقلار تەكىتلەندى.

     مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ‹‹ۋەتەننى – شىنجاڭنى سۆيۈش، ئىتتىپاق ئۆتۈش – تۆھپە قوشۇش، تىرىشىپ ئىشلەش–ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئېچىۋېتىش – ئىلگىرىلەش››تەك شىنجاڭچە روھ تاۋلىنىپ، پەرقلەرگە ھۆرمەت قىلىش، كەڭ قورساق، كۆپ خىل بولۇش، ئۆز ئارا ھۇزۇرلىنىش، ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا، ‹‹ بىر گەۋدىلەشكەن كۆپ مەنبەلىك بولۇش، يۇغۇرۇلما تەرەققىي قىلىش، شىنجاڭچە خاسلىققا ئىگە بولۇش›› تەك زامانىۋى مەدەنىيەتنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت مەنبەسى چوڭ رايوندىن مەدەنىيەت تەرەققىي قىلغان چوڭ رايونغا ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەشەببۇس قىلىندى.

     ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشتا، ‹‹پەن–تېخنىكا، مائارىپنى تايانچ قىلىش››، ‹‹مائارىپ ئارقىلىق رايوننى گۈللەندۈرۈش،ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايون قۇرۇش››، ‹‹خەلق تۇرمۇشىنى ئاۋۋال ئويلىشىش، ئاممىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئاساسىي قاتلامنى مۇھىم بىلىش››، ‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى››، ‹‹زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، قانۇنچىلىققا ئەھمىيەت بېرىش، تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىش››، ‹‹مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىنى دائىملاشتۇرۇش›› قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

     ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا، ‹‹مۇھىت ئاسراشنى ئاۋۋال ئويلىشىش، ئېكولوگىيە كۈچلۈك رايونى قۇرۇش››، ‹‹بايلىق ئېچىش ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، ئېكولوگىيە مۇھىتىدا ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش›› قاتارلىق ئىدىيە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىدىيەدە يېڭىلىق يارىتىش بىلەن بىللە، دادىل ئىزدىنىپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان شەكىللىنىپ قالغان چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە تېگىشكە، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلىپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش جەھەتتە زور بۆسۈشنى قولغا كەلتۈردى.

     ئىقتىساد ئېلىمىز ئىقتىسادى تۆۋەنلەۋاتقان ئەھۋالدا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى ئېشىپ، ئىلگىرىكى ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى مەملىكەتنىڭكىدىن ئاستا، تۆۋەنلىشى مەملىكەت بويىچە تېز بولۇشتەك ۋەزىيەت ئۆزگەرتىلدى؛ بايلىقنى تەقسىملەش، بايلىقنى ھەقلىق ئىشلىتىشنى ئىسلاھ قىلىشتا ھەل قىلغۇچ قەدەم تاشلاندى، سەنتاڭخۇ كۆمۈرلۈكىنىڭ‹‹ئىككى ھوقۇقى››نى ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، مەركەز كارخانىلىرىنى يەرلىككە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئىسلاھاتىدىمۇ زور ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى.

     خەلق تۇرمۇشى چوڭ كارخانا، گۇرۇھلار چارۋىچىلىق رايونلىرىدا كىچىك سۇ ئامبارلىرىنى قۇردى، بۇ يىل 27 كىچىك سۇ ئامبىرىنىڭ ھەممىسىگە سۇ قاچىلاندى؛ ‹‹7–ماي ئىشچىلىرى›› مەسىلىسى مەملىكەت بويىچە ئەڭ بالدۇر ھەل قىلىندى. ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىنى تۈگىتىش، ئىچكىرىدىكى سەرگەردان بالىلارنى تولۇق قايتۇرۇپ كېلىش، نامرات ئائىلىلەردىكى تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىلارنى ھەقسىز داۋالاش، ئىشقا ئۇرۇنلىشالمىغان ئىستۇدېنتلارنى ئىچكىرىدە تەربىيەلەش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار يولغا قويۇلدى. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاتموسفىرا بۇلغىنىشىنى تۈزەشتە ئىككى يىل تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق بۇ يىل ‹‹كۆمۈر قالاشنى گاز كۆيدۈرۈشكە ئۆزگەرتىش››قۇرۇلۇشى تاماملاندى. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئۆزگەرتىش مىقدارى بېيجىڭنىڭ ئون يىللىق ئۆزگەرتىش مىقدارىنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ كېلىدۇ. ھازىر ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭ قىش كۈنلىرىمۇ كۆپكۆك ئاسمان، ئاپپاق بۇلۇتلارنى كۆرۈش ئارزۇسى روياپقا چىقتى.

     مۇقىملىقنى ساقلاش شىنجاڭچە جەمئىيەت باشقۇرۇش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىلىپ، ئۈنۈملۈك تورلاشقان خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىلدى، جەنۇبىي شىنجاڭدا بىر كەنتتە بىر ساقچى بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى بايقاش ۋە ھەل قىلىش ئىقتىدارى ئاشۇرۇلۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقتا ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى.

     ھازىر قارايدىغان بولساق، ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە يېڭىلىق يارىتىش پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىغا، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىغا تامامەن ئۇيغۇن بولۇپ، بۇ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ شىنجاڭدىكى جانلىق ئەمەلىيىتى، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىزدىنىش ھېسابلىنىدۇ.

     ئەگەر مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ‹‹دىرىژورلۇق تايىقى››غا ئوخشاتساق، ئۇنداقتا شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى بىر ‹‹ئوركېستېر››غا ئوخشىتىشقا بولىدۇ، ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ماكانىمىزدا ئىنتايىن دەبدەبىلىك، ھەيۋەتلىك، قالتىس ۋە رىتىملىرى ماسلاشقان گۈزەل مېلودىيە ياڭراۋاتىدۇ.

     ھەم تەرەققىياتنى بىرىنچى ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، تەرەققىياتنى شىنجاڭنىڭ بارلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى قىلىش، ئىلمىي تەرەققىياتقا، كېيىن تەرەققىي قىلىپ، ئېشىپ كېتىشكە تۈرتكە بولۇنۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تىرىشىپ يۇقىرى باسقۇچقا كۆتۈرۈلدى؛ ھەم مۇقىملىقنى بىرىنچى مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ھادىسىنىمۇ، ماھىيەتنىمۇ تۈزەش، ئۇنىۋېرسال تەدبىر بەلگىلەش، مۇقىملىق خىزمىتىنىڭ نورمال ھالىتىنى ساقلاش، ئۇزاققىچە ئەمىن بولۇش خىزمىتى تىرىشىپ پۇختا ئىشلەندى. تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىق بىر–بىرىنى شەرت قىلىدۇ، بىر–بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، كۆز ئالدىمىزدا ئىقتىسادنى تېزلىتىشنىڭ يېڭى مەنزىلى، مۇقىملىقى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىۋاتقان شىنجاڭنىڭ يېڭى قىياپىتى نامايان بولماقتا.

     ھەم ‹‹ياخشى›› دېگەن بۇ سۆز ئىشلىرىمىزغا يېتەكچى قىلىنىپ، ‹‹ئىككىدە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش›› تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلى ئۆزگەرتىلىپ، بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر زامانىۋى سانائەت سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، تاغ–دەريالىرىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىغا، بوستانلىقىلرىمىزنىڭ دائىم ساقلىنىپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى؛ ھەم ‹‹تېز›› دېگەن بۇ سۆز ھەمتۈرتكە قىلىنىپ، چامىمىزنىڭ يېتىشىچە تېز ھەرىكەتلىنىپ، بىر قەدەر تېز بولغان تەرەققىيات سۈرئىتى ئارقىلىق تەرەققىي تاپقان رايونلار بىلەن بولغان پەرق ئىمكانقەدەر كىچىكلىتىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە ماس قەدەمدە كىردۇق. شىنجاڭ ‹‹ھەم ياخشى، ھەم تېز›› بولغان تەرەققىيات يولىدا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرىدۇ.

     ھەم ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قەدىمىنى تېزلىتىشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، ‹‹ئۈچلەشتۈرۈش›› مۇساپىسى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىدە قەد كۆتۈرۈشى تېزلىتىلدى. ھەم زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشنى تەشەببۇس قىلىنىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى يېڭلىنىپ، قارىىنى ئۆزگەرتىلىپ، تەپەككۇرى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭچە روھ يىغىنچاقلاپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئىككى زور تارىخىي ۋەزىپىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشتەك مەنىۋى رىشتىسى ۋە ئىدىيەۋى ئۇل تېشى شەكىللەندى. مەدەنىيەت بىلەن ئىقتىسادنىڭ ماس تەرەققىياتى شىنجاڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكىگە ئايلاندى.

     ھەم بىر نىيەت بىر مەقسەتتە تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئۈزلۈكسىز ئېشۋاتقان ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچ ئارقىلىق، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ياخشى ۋەزىيىتى نامايان قىلىنىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا ماددىي ئاساس سېلىندى؛ ھەم ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، پۇقرالارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان بەخت كۆرسەتكۈچى ئارقىلىق تەرەققىياتنىڭ ئاخىرقى نىشانى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسى تەرەققىيات مېۋىسىدىن،گۈزەل تۇرمۇشتىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىندى. خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە ئىلگىرى سۈرۈلۈشى گۈللەنگەن، باي، ئىناق، مۇقىم شىنجاڭ قۇرۇشتا تېخىمۇ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولغۇسى.

     ھەم مەۋقە ھازىرغا قويۇلۇپ، خەلق تۇرمۇشىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ تەخىرسىز، ئەڭ رېئال مەسىلە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ھەل قىلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تۇرالغۇ ئۆي، ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، مائارىپ، داۋالىنىش، كىرىم قاتارلىق پۇقرالارنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەر تېزلىكتە قانات يايدۇرۇلدى؛ ھەم يىراققا نەزەر سېلىنىپ، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ئالاقىدار مۇھىم ھالقىلار پائال پىلانلىنىپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلان تۈزۈلۈپ، ئالدىنئالا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا ئاساس سېلىنىپ، يېتەرلىك زاپاس كۈچ توپلاندى. ‹‹يېقىن بىلەن يىراق›› نىڭ نوقسانسىز جىپسىلىشىشى شىنجاڭنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتىنى قاينام – تاشقىنلىققا چۆمدۈرۈپ، كەلگۈسىگە چەكسىز يوشۇرۇن كۈچ ئاتا قىلىدۇ.

     ھەم تۈرلۈك ئاماللار بىلەن دۆلەتنىڭ غەمخورلۇقى، ياردىمى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ مۇتلەق ياردىمى قولغا كەلتۈرۈلۈپ، نۆۋەتتە ئۆزى ھەل قىلالمىغان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەردە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، ئۆزىنىڭ قان ھاسىل قىلىش ئىقتىدارى كۈچەيتىلدى؛ ھەم سۇبيېكتىپلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش باشتىن – ئاخىر تەكىتلىنىپ، ‹‹كۈتۈپ تۇرۇش، تايىنىۋېلىش، ئېلىش›› ئىدىيەسى چۆرۈپ تاشلىنىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەمگەكچان بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەل كەلگۈسى بەرپا قىلىندى. ئىچكى كۈچ بىلەن تاشقى كۈچنىڭ بىرىكىش نەتىجىسى بۈگۈنكى شىنجاڭنى پۈتمەس – تۈگىمەس ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى.

     ھەم توغرا سىياسەت ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتىن، ئاساسىي قاتلامدىن كېلىدۇ دەيدىغان قاراشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئاممىدىن ئېلىپ، ئاممىغا قايتۇرۇش، تۈرلۈك تەدبىرلەر ئۈزلۈكسىز تولۇقلىنىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ لايىقلاشتۇرۇلدى؛ ھەم ئىجرا قىلىش كۈچى قۇرۇلۇشى چىڭ تۇتۇلۇپ، ‹‹نەتىجە، ئۈنۈم بورىنى››، ‹‹شەكىۋازلىقنى ئازايتىپ، ئەمەلىي ئىشنى كۆپ قىلىش››، ‹‹مىكرو بىلوگدا خەلقتىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ھەققىدە چارە–تەدبىر سوراش››، ‹‹باش تېما ھەپتىلىكى››، ‹‹خىزمەت زىياپىتى››، ‹‹شىنجاڭچە ئۈنۈم››…تەدبىرىنى بەلگىلەشتە ئىلمىي، دېموكراتىك بولۇپ، ئۇنى ئۆزگەرتمەي تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىككىسى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ قەلبداش، نىشانداش، پىكىرداش بولۇپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىش كۈچى مۇجەسسەملەندى.

     ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتقا نەزەر سالساق، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىش كىشىنى خۇشال قىلىدۇ، ھەم پەخىرلەندۈرىدۇ. بىزنىڭ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز نەتىجىسىدە، ‹‹بەش كۆرۈنەرلىك بولۇش›› ۋە ‹‹بىرگە كاپالەتلىك قىلىش›› نىشانى (2015–يىلىغا بارغاندا شىنجاڭنىڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى كۆرۈنەرلىك تېزلىتىش، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاش، شەھەر، يېزا قىياپىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆزگەرتىش، جامائەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىش، 2020– يىلىغا بارغاندا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىش)نى تاماملاشقا ئاز قالدى، مەنزىل نۇرى جىلۋىلىنىپ، قەلبىمىزنى ھاياجانغا سالماقتا.

     لېكىن، قارشى قىرغاققا يېتىپ بېرىشتىكى ئەڭ ئاخىرىقى سەپەرنىڭ خالىغانچە قەدەم ئېلىپ، ئۇدۇللا ماڭىدىغان ياكى ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىدىغان يول ئەمەسلىكى ئېنىق. ئاخىرىقى مەنزىلگە يېقىنلاشقانسېرى، مەسىلىلەر شۇنچە مەركەزلىشىپ، قىيىنچىلىقلار كۆپىيىدۇ، بۇ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان مۇھىم ئىشلاردا مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان ھەقىقەت.

     ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىدىغان بولساق، ئىلگىرىلەش يولىمىز يەنىلا ئەگرى–توقاي ۋە جاپالىق:

     ئىقتىسادىي قۇرۇلما مۇۋاپىق بولماسلىق، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولماسلىق شىنجاڭ ئىقتىسادىدىكى ‹‹ئاجىز ھالقا››؛

     رايونلار تەرەققىياتىنىڭ تەڭپۇڭ بولماسلىقى، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى قىيىنچىلىقنىڭ زور بولۇش مەسىلىسى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ؛

     سۇ بايلىقى ۋە قاتناش چەكلىمىسى زور، ئېكولوگىيە مۇھىتى ناچار بولۇش ئەھۋالىدا تۈپ ئۆزگىرىش بولغىنى يوق؛

     سىرتقا ئېچىۋېتىش دەرىجىسى تۆۋەنرەك، رايونلارنىڭ ئۈستۈنلۈكلىرى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇلمىغان؛

     پەن–تېخنىكا، مائارىپ، سەھىيە قاتارلىق ئىجتىمائىي ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتى ئارقىدا، ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇش مەسىلىسى گەۋدىلىك؛

     ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئىشلىرىدا يەنە كۆپلىگەن مەسىلىلەر ساقلانماقتا، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى ۋەزىپىسى مۈشكۈل.

     ساقلانغان تۈرلۈك مەسىلىلەر بىزنى سەگەك، سوغۇققان بولۇشقا، شۇنداقلا ھازىرقى شىنجاڭنىڭ مەملىكىتىمىزنىڭ تەرەققىيات خەرىتىسىدىكى ھەقىقىي كوئوردېناتىنى تېخىمۇ ئېنىق پەرقلەندۈرۈشكە ئۈندەيدۇ.

     شىنجاڭنىڭ مەردانە ئىلگىرىلىشىدىكى بۇ ‹‹توسالغۇلار›› ۋە گۈللىنىشىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ‹‹كۈتۈلمىگەن ئاپەتلەر›› ھەم تەرەققىيات جەريانىدا كۆرۈلگەن يېڭى زىددىيەت، يېڭى مەسىلىلەر خەۋپ ئېڭىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، كەم بولسا بولمايدىغان مەنىۋى بايلىققا ئايلاندى.

     مەسىلىلەر دەۋرنىڭ شوئارى. كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش بولۇۋاتقان مۇشۇ قىزغىن يىللاردا، تېخىمۇ سەگەك بولۇشىمىز كېرەك. يولداش جاڭ چۈنشيەن ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹ئۈچ مۇلاھىزە سوئالى›› شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىۋاتقان ھالقىلىق مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ دىلنى يورۇتۇش، كىشىنى سەگەكلەشتۈرۈش ئۈنۈمىگە ئىگە.

     ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتىن ئاۋۋال تەييارلىقنى ياخشى قىلغاندىلا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا مەغلۇپ بولىدۇ. ‹‹ئۈچ مۇلاھىزە سوئالى›› ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا شىنجاڭنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات مۇساپىسىنىڭ بىر قېتىملىق ئالدىنئالا رېپېتىتسىيەسى بولۇپ، ئۇ شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەردىن ئومۇمىيەتكە ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان تۈرلۈك ئىشلارنى ئالدىن ئويلاپ، ئالدىن ھەل قىلىپ، خەۋپ–خەتەرنى تىرىشىپ تۈگىتىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ پارلاق كەلگۈسىنى يارىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

خەتكۈچ:
تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter