ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئىغۋا تارقىتىشقا ئورتاق قارشى تۇرايلى

ئىغۋا تارقىتىشقا ئورتاق قارشى تۇرايلى

2013-08-19 5:27     كۆرۈلۈشى: 1672 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئىغۋا تارقىتىشقا ئورتاق قارشى تۇرايلى ئارقا – ئارقىدىن پەيدا بولغان ئىغۋالار      پىچان ناھىيەسىنىڭ لۈكچۈن بازىرىدا 26 – ئىيۇن ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق ج....

پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئىغۋا

تارقىتىشقا ئورتاق قارشى تۇرايلى

ئارقا – ئارقىدىن پەيدا بولغان ئىغۋالار

     پىچان ناھىيەسىنىڭ لۈكچۈن بازىرىدا 26 – ئىيۇن ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى دېلوسى يۈز بەرگەن كۈندىن باشلاپ ئالاقە تورىدىكى QQ توپى، مىكرو بىلوگ، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى قاتارلىقلاردا خىلمۇ خىل ئىغۋالار پەيدا بولدى.

     بىر تورداش 9 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 15 تىن 11مىنۇت ئۆتكەندە ‹‹تېڭشۈن›› مىكرو بىلوگىدا: ‹‹شىخەنزە ج خ ئورگىنى كۆكتات بازىرىدا باشقىلارغا يىڭنە سانجىماقچى بولغان ئىككى ئۇيغۇرنى تۇتتى، قېرىنداشلار سىرتقا چىققاندا دىققەت قىلىڭلار، ئىشىڭلار بولمىسا ئادەم كۆپ جايغا بارماڭلار››، دەپ ئۇچۇر تارقاتقان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ تورداشنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى، ج خ ئورگىنى بۇ ئوقۇغۇچىغا تەنبىھ بەردى.

     بىر تورداش 6 – ئىيۇل QQ بوشلۇقىدا: ‹‹نان يېمەڭلار، ئەتىگەنلىك چېنىقىشقا چىققانلار ئۈرۈمچى شەھەرلىك جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسىنىڭ قېشىدىكى ناۋايخانىدا بىر ناۋاينىڭ خېمىرغا پاسكىنا نەرسىنى قوشۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ، ساقچىغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، ساقچىلار ناۋاينى تۇتۇپ كېتىپتۇ››، دەپ بىلوگ ئېلان قىلغان. ج خ ئورگىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ تورداشنىڭ قاراماي شەھىرىدە تۇرۇشلۇق 22 ياشلىق ئايال ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدى. ھازىر يەرلىك ج خ ئورگىنى ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

     بىر تورداش 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 21 ئۆپچۆرىسىدە ‹‹تېڭشۈن›› مىكرو بىلوگى، ئۈندىدار قاتارلىق سۇپىلاردا: ‹‹زوراۋان – تېررورچىلار بۇرچىن ناھىيەسىگە كەپتىمىش، بۇ يەردىكى كىشىلەر سىرتقا چىقالمايۋېتىپتۇ››، دەپ ئۇچۇر تارقاتقان. ج خ ئورگىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ ئۇچۇرنى بۇرچىن ناھىيەسىدە ۋاقىتلىق تۇرۇشلۇق 29ياشلىق يۈەن x نىڭ تارقاتقانلىقىنى ئېنىقلىدى. يۈەن x خەلق ساقچىلىرىغا: بۇرچىن ناھىيەسىگە بۇ يىل 5 – ئايدا كەلگەنىدىم. يېقىندا بۇرچىن ناھىيەسىدىكى كوچىلاردا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خادىملارنى كۆرۈپ، بۇنى خەۋەردىن كۆرگەن پىچان ناھىيەسىنىڭ لۈكچۈن بازىرىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى بىلەن باغلاپ، كۆڭلۈمدە توردىن چۈشۈپ قالغان زوراۋان – تېررورچىلار بۇرچىنغا قېچىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئويلاپ، خىيالىمدىكى بۇ ئۇچۇرلارنى QQ بوشلۇقى، ‹‹تېڭشۈن›› مىكرو بىلوگى قاتارلىق سۇپىلاردا تارقاتقانىدىم، بۇ ئۇچۇرنى شۇنچىۋالا كۆپ تورداشنىڭ بۇنچە تېز تارقىتىۋېتىشىنى ئويلىماپتىمەن، دېدى. ‹‹ھازىر راستىنلا بەك پۇشايمان قىلىۋاتىمەن، ئەينى چاغدا مەن دوستلىرىمغا بىخەتەرلىككە كۆپرەك دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىپ قويۇش ئۈچۈنلا بۇ ئۇچۇرنى تارقاتقان، يامان غەرىزىم يوق ئىدى، بۇ ئۇچۇرنىڭ جەمئىيەتتە ۋەھىمە پەيدا قىلىشىنى ئويلىماپتىمەن››، دېدى. ج خ ئورگىنى يۈەن x كە مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى ھەم ئۇنى تارقاتقان ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈۋېتىشكە بۇيرۇدى.

     توردا ئارقا – ئارقىدىن پەيدا بولغان ئىغۋالارغا قارىتا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ج خ ئورگانلىرى پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئىغۋا تارقاتقان كۆپ ساندىكى ئىغۋا توقۇغۇچىلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ج خ ئورگانلىرىدىن ئۇقۇشىمىزچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرى 28 – ئىيۇندىن 15 – ئىيۇلغىچە ئىغۋا تۈرىدىكى 802 زىيانلىق ئۇچۇرنى، ئىغۋا تارقاتقان 199كىشىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 72 كىشىنى قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويغان.

تېررورلۇققا چېتىلىدىغان ئىغۋالار كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ

     ئىغۋا تارقاتقۇچىلار ئاساسلىقى قانداق كىشىلەر؟ ئۇلار نېمە مەقسەتتە ئىغۋا توقۇغان؟ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ج خ ئورگىنىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشى بۇ مەسىلىنى ئانالىز قىلدى. بۇ مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىشسىزلار ۋە سىرتتىن كېلىپ جەمئىيەتتە ئېقىپ يۈرگەنلەر ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن باشقا، قورامىغا يەتمىگەنلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ بەلگىلىك نىسبەتنى ئىگىلىگەنلىكىنى بايقىدى.

     ئىغۋانىڭ تۈرىدىن قارىغاندا، شۇ جايدا توپىلاڭ يۈز بەرگەنلىكى ياكى زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ شۇ جايغا كەلگەنلىكىگە چېتىلىدىغان ئۇچۇرلار كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ، بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى مىش – مىش گەپلەر ياكى ئەپقاچتى گەپلەرگە تەۋە ساختا ئۇچۇرلار بولۇپ، بۇ تۈردىكى ئۇچۇرلار تەخمىنەن %60 نى ئىگىلەيدۇ؛ ئۇنىڭدىن قالسا، قىسمەن تور ئەھلىلىرى QQ، ئۈندىدار قاتارلىق ئالاقە قوراللىرىدىن پايدىلىنىپ، يېقىندا يۈز بەرگەن بىر قاتار دېلو(ۋەقە)لەرنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنى بۇرمىلاپ، دەلىللەنمىگەن مىش – مىش گەپلەرنى ئۆزئارا تارقىتىپ، ئىغۋانىڭ يوشۇرۇن چوڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جەمئىيەتتە بەلگىلىك ۋەھىمە پەيدا قىلغان؛ ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە قىسمەن تور ئەھلىلىرى قۇتراتقۇلۇق خاراكتېرلىك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان سۆزلەرنى تارقاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى مىللەتلەر ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئاممىنى يىغىلىشقا قۇترىتىپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىش.

     ئىغۋا تارقىتىش مۇددىئاسىدىن قارىغاندا، كۆپ ساندىكى تور ئەھلىنىڭ بېسىمغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى نىسبەتەن ئاجىز، توردىكى ئىغۋالارنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى تۆۋەنرەك، ئۈنىڭ ئۈستىگە يېقىنقى مەزگىلدە ئاپتونوم رايونىمىزدا بىر قانچە قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بېرىپ، توردا ۋەھىمىلىك كەيپىياتنىڭ كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىجتىمائىي تەسىرى قىسقا مەزگىل ئىچىدە تولۇق تۈگىمىدى، شۇ سەۋەبتىن، ئىغۋانىڭ ئارقا – ئارقىدىن پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى؛ ھازىر جەمئىيەتتە نۇرغۇن كۈچ مۇقىملىقنى ساقلاشقا قاتناشتى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ بەزى ئاممىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى مۇداپىئە قىلىش ئېڭىمۇ كۈچەيدى، ئۇلارنىڭ دەلىللەنمىگەن بەزى ئۇچۇرلارنى تارقىتىشىدا، سۇبيېكتىپ جەھەتتە يامان غەرىزى يوق بولۇپ، ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلىرىنى بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشقا ئەسكەرتىپ قويماقچىلا بولغان، بۇنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن؛ يەنە بەزى تور ئەھلىلىرى ئىغۋا تارقىتىشتا نوقۇل شەخسىي مەقسىتىنىلا كۆزلىگەن بولۇپ، زوراۋان، تېررورلۇق ۋەقەسىدىن پايدىلىنىپ، جايلاردا ‹‹مالىمانچىلىق››، ‹‹قاتىللىق›› ۋەقەلىرى پەيدا بولغانلىقى توغرىسىدىكى ئىغۋالارنى قەستەن تارقىتىش ئارقىلىق، جەمئىيەتكە بولغان نارازىلىق كەيپىياتىنى ئىپادىلىمەكچى بولغان.

ئىغۋا تارقىتىشقا ئورتاق قارشى تۇرايلى

     توردىكى تۈرلۈك ئۇچۇرلارنىڭ راست – يالغانلىقىنى زادى قانداق پەرقلەندۈرۈشىمىز كېرەك؟

     ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ج خ ئورگىنى تور ئەھلىلىرىگە تۆۋەندىكىلەرنى ئەسكەرتتى: ئۆزىمىزنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىمىزنى جەزمەن كۈچەيتىپ، باشقىلار نېمە دېسە شۇنى دېمەسلىكىمىز كېرەك. بولۇپمۇ بەزى تۇيغۇن مەزگىل ۋە تۇيغۇن نۇقتىدا سالماق بولۇش، جەزمەن پەرقلەندۈرۈش، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش كېرەك. ئۇنىڭدىن قالسا، توردا تارقىلىۋاتقان بەزى مۇھىم ئۇچۇرلارنىڭ مەنبەسىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر ‹‹كىشىنى چۆچىتىدىغان›› ئۇچۇرلارنى كۆرگەندىن كېيىن، جەزمەن ئۇنىڭ ئىشەنچلىك ئاساسىي تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنغان – قىلىنمىغانلىقىغا قاراش كېرەك. ئەگەر توردىلا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇر بولسا، ئۇنىڭ ئىشەنچلىكلىكىگە گۇمان بىلەن قاراش كېرەك.

     ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ج خ ئورگىنى ھەر مىللەت ئاممىنى ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇپ، ئىغۋاغا قۇلاق سالماسلىق، ئىغۋاغا ئىشەنمەسلىك، ئىغۋا تارقاتماسلىققا مۇراجىئەت قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ج خ ئورگانلىرى يانفون، ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ ئىغۋا توقۇپ، تارقىتىپ، ئىجتىمائىي تەرتىپنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، جەمئىيەت بىخەتەرلىكىگە زىيان سالىدىغان قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ. تور ئەھلىلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن، نىزاملىرىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، ساغلام تور مۇھىتى ۋە ياخشى ئىجتىمائىي تەرتىپنى ئورتاق قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

     مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter