ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى

2013-08-16 11:31     كۆرۈلۈشى: 1796 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا  يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى (1991- يىل 9- ئاينىڭ 4- كۈنى 7- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21 – يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2006 ̵....

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا

 يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى

(1991- يىل 9- ئاينىڭ 4- كۈنى 7- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21 – يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2006 – يىل 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى 10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى، 2012- يىل 10 – ئاينىڭ 26 – كۈنى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 29 – يىغىنىنىڭ ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار››ىغا ئاساسەن تۈزىتىلدى)

مۇندەرىجە

1-باب: ئومۇمىي پىرىنسىپ

2-باب: ئائىلە قوغداش

3-باب: مەكتەپ قوغداش

4-باب: جەمئىيەت قوغداش

5-باب: قانۇن يۈرگۈزۈش بويىچە قوغداش

6-:باب قانۇن جاۋابكارلىقى

7-باب: قوشۇمچە پىرىنسىپ

1-باب: ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى ئاسراش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلدۈرۈش، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك، ئىنتىزامچان قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارى قىلىپ يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر يېشى 18 گە تولمىغان پۇقرالارنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ياشاش ھوقۇقى، يېتىلىش ھوقۇقى، قوغدىلىش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى قاتارلىق ھوقۇقلارغا ئىگە. دۆلەت قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىش ئالاھىدىلىكىگە قاراپ ئالاھىدە ۋە ئالدى بىلەن قوغدايدۇ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە چېقىلدۇرمايدۇ.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بىلىم ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە، دۆلەت، جەمئىيەت، مەكتەپ ۋە ئائىلىلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ بىلىم ئېلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنسىي، مىللىتى، ئىرقى، ئائىلە مال – مۈلۈك ئەھۋالى، دىنىي ئېتىقادى قاتارلىقلارغا قارىماي، ھوقۇقتىن قانۇن بويىچە باراۋەر بەھرىمەن بولىدۇ.

4-ماددا دۆلەت، جەمئىيەت، مەكتەپ ۋە ئائىلىلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە غايە تەربىيەسى، ئەخلاق تەربىيەسى، مەدەنىيەت تەربىيەسى، ئىنتىزام ۋە قانۇنچىلىق تەربىيەسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم ۋە سوتسىيالىزم تەربىيەسى بېرىدۇ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، خەلقنى سۆيىدىغان، ئەمگەكنى سۆيىدىغان، پەننى سۆيىدىغان، سوتسىيالىزمنى سۆيىدىغان ئىجتىمائىي ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلىدۇ، كاپىتالىستىك، فېئودال ئىدىيە ۋە باشقا چىرىك ئىدىيەلەرنىڭ چىرىتىشىگە قارشى تۇرىدۇ.

5-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىدە تۆۋەندىكى پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش لازىم:

(1)            قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىنسانىي ئىززىتىگە ھۆرمەت قىلىش؛

(2)            قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكىگە لايىقلىشىش؛

(3)            تەربىيەلەش بىلەن قوغداشنى بىرلەشتۈرۈش.

6-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش دۆلەت ئورگانلىرى، قوراللىق كۈچلەر، پارتىيەلەر، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار، شەھەر، يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئاپتونوم تەشكىلاتلار، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ۋەسىيلىرى ۋە قۇرامىغا يەتكەن باشقا پۇقرالارنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە چېقىلىش قىلمىشلىرىنى ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس نەسىھەت قىلىپ توسۇش، چەكلەش ياكى ئالاقىدار تارماقلارغا پاش قىلىش ياكى شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

دۆلەت، جەمئىيەت، مەكتەپ ۋە ئائىلىلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، ئۆزىنى قوغداش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە تەربىيە ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.

7-ماددا مەركەز ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىنى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ياخشى ئىشلىشى لازىم.

گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ؛ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە يىللىق پىلانغا كىرگۈزىدۇ، كېرەكلىك خىراجەتنى شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خامچوتىغا كىرگۈزىدۇ.

گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەشكىلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئالاقىدار تارماقلارنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ماسلاشتۇرىدۇ. كونكرېت ئاپپاراتنى گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بېكىتىدۇ.

8-ماددا كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ياشلار بىرلەشمىسى، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى، پىيونېرلار ئەترىتى ۋە باشقا ئالاقىدار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدىشىغا ھەمكارلىشىدۇ.

9-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداشتا نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ.

2-باب: ئائىلە قوغداش

10-ماددا ئاتا – ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر ياخشى، ئىناق ئائىلە مۇھىتى يارىتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ۋەسىيلىك قىلىش مەسئۇلىيىتى ۋە ئۇلارنى بېقىش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئائىلە زۇلمى سېلىش مەنئى قىلىنىدۇ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى خورلاش، تاشلىۋېتىش مەنئى قىلىنىدۇ، بوۋاقلارنى تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈش قىلمىشى ۋە ناكار قىلىشتەك باشقا قىلمىشلار مەنئى قىلىنىدۇ، قۇرامىغا يەتمىگەن قىزلار ياكى مېيىپلەرنى كەمسىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

11-ماددا ئاتا – ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ فىزىيولوگىيەلىك، پىسخىك ئەھۋالى ۋە قىلىقىغا دىققەت قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ساغلام ئىدىيە، ياخشى پەزىلەت، مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن تەربىيەلەپ ۋە ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنى جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىققا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشقا يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، سەرگەردان بولۇپ يۈرۈش، تورغا مەستانە بولۇش ۋە قىمار ئويناش، زەھەر چېكىش، ئىپپەت – نومۇسىنى سېتىشقا ئوخشاش ھەرىكەتلەردە بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى توسۇشى كېرەك.

12-ماددا ئاتا – ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر ئائىلە تەربىيەسىگە دائىر بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئوبدان ئادا قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى بېقىشى، تەربىيەلىشى كېرەك.

دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا – ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىگە ئائىلە تەربىيەسى جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

13-ماددا ئاتا – ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ بىلىم ئېلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئوقۇش يېشىدىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قانۇن بويىچە مەكتەپكە بېرىشى ھەمدە مەجبۇرىيەت مائارىپى تەربىيەسىنى تاماملاتقۇزۇشى شەرت، مەجبۇرىيەت مائارىپى تەربىيەسى ئېلىۋاتقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئوقۇشتىن توختىتىۋالماسلىقى كېرەك.

14-ماددا ئاتا – ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ يېشىغا ۋە ئەقلىي جەھەتتىن يېتىلىشىگە قاراپ، ئۇلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى قارار قىلغاندا ئۆزىگە ئۇقتۇرۇشى ھەمدە ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئېلىشى كېرەك.

15-ماددا ئاتا – ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ نىكاھلىنىشىغا رۇخسەت قىلسا ياكى ئۇلارنى نىكاھلىنىشقا مەجبۇرلىسا بولمايدۇ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە چاي ئىچۈرسە بولمايدۇ.

16-ماددا ئاتا – ئانىلاردىن سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ۋەسىيلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمىغانلىرى ۋەسىيلىك ئىقتىدارىغا ئىگە قۇرامىغا يەتكەن باشقا كىشىلەرگە ۋەسىيلىكنى ھاۋالە قىلىشى كېرەك.

3-باب مەكتەپ قوغداش

17-ماددا مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

18-ماددا مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئېلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى، كۆيۈنۈشى، پەزىلىتى ئانچە ياخشى بولمىغان، ئۆگىنىشتە قىينالغان ئوقۇغۇچىلارغا سەۋرچانلىق بىلەن تەربىيە ۋە ياردەم بېرىشى، ئۇلارنى كەمسىتمەسلىكى، قانۇندىكى بەلگىلىمە ۋە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا مەكتەپتىن قوغلىۋەتمەسلىكى كېرەك.

19-ماددا مەكتەپ قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن يېتىلىش ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، ئۇلارغا ئىجتىمائىي تۇرمۇش، پىسخىك ساغلاملىق جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە بالاغەت مەزگىلى تەربىيەسى بېرىشى كېرەك.

20-ماددا مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا – ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىگە ماسلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۇخلاش، ئويناش ۋە چېنىقىش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىشى، ئۆگىنىش سېلىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتمەسلىكى كېرەك.

21-ماددا مەكتەپلەر، بالىلار باغچىلىرى، يەسلىلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىنسانىي ئىززىتىگە ھۆرمەت قىلىشى، ئۇلارغا تەن جازاسى، شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بەرمەسلىكى ياكى ئىنسانىي ئىززىتىنى ھاقارەتلەيدىغان باشقا قىلمىشلاردا بولماسلىقى كېرەك.

22-ماددا مەكتەپلەر، بالىلار باغچىلىرى، يەسلىلەر بىخەتەرلىك تۈزۈمى ئورنىتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە بولغان بىخەتەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى تەدبىر قوللىنىپ كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

مەكتەپلەر، بالىلار باغچىلىرى، يەسلىلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى جىسمانىي بىخەتەرلىكى ۋە سالامەتلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان سىنىپ، ياتاق ۋە باشقا ئەسلىھە، سورۇنلاردا تەربىيەلىسە، ئوقۇتسا بولمايدۇ.

مەكتەپلەر، بالىلار باغچىلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى يىغىلىشقا، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيىتى قاتارلىق كوللېكتىپ پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇشتا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولۇشنى كۆزدە تۇتۇشى، جىسمانىي بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

23-ماددا مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى قاتارلىق تارماقلار ۋە مەكتەپلەر، بالىلار باغچىلىرى، يەسلىلەر تۈرلۈك ئاپەت، يۇقۇملۇق كېسەل، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش، كۈتۈلمىگەن زەخىم قاتارلىق تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ئېھتىياجىغا قاراپ تۈزۈپ، مۇناسىپ ئەسلىھەلەرنى ئورنىتىپ ھەمدە زۆرۈر مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

24-ماددا مەكتەپلەر مەكتەپتىكى پائالىيەتتە ياكى شۇ مەكتەپ مەكتەپ سىرتىدا ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتتە جىسمانىي جەھەتتىن زەخىملەنگەن قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇشى، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە ئالاقىدار مەسئۇل تارماققا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

25-ماددا مەكتەپتە تەربىيەلىنىۋاتقان قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلاردىن بەك ناچار ئىللەتنى يۇقتۇرۇۋالغانلىرىنى مەكتەپلەر، ئاتا – ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر ماسلىشىپ باشقۇرۇشى كېرەك؛ باشقۇرالمىغان ياكى ياخشى باشقۇرالمىغانلىرىنى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە مەخسۇس مەكتەپكە داۋاملىق تەربىيەلىنىشكە ئاپىرىپ بەرسە بولىدۇ.

قانۇن بويىچە مەخسۇس مەكتەپ قۇرغان يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەخسۇس مەكتەپنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىغا كاپالەتلىك قىلىشى، مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى مەخسۇس مەكتەپنى باشقۇرۇش ۋە يېتەكلەشنى كۈچەيتىشى، ئالاقىدار تارماقلار ھەمكارلىشىشى ۋە ماسلىشىشى كېرەك.

مەخسۇس مەكتەپلەر شۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيە تەربىيەسى، مەدەنىيەت تەربىيەسى، ئىنتىزام ۋە قانۇنچىلىق تەربىيەسى، ئەمگەك – تېخنىكا تەربىيەسى ۋە كەسپىي تەربىيە بېرىشى كېرەك.

مەخسۇس مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلىرى ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى، كۆيۈنۈشى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ئىززەتلىشى، ئۇلارنى كەمسىتمەسلىكى ۋە ئۇلاردىن بىزار بولماسلىقى كېرەك.

26-ماددا بالىلار باغچىلىرى بېقىش، تەربىيەلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بالىلارنىڭ جىسمانىي، ئەقلىي، ئەخلاقىي جەھەتلەردە ماس يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

4-باب جەمئىيەت قوغداش

27-ماددا پۈتۈن جەمئىيەتتە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ھۆرمەتلەيدىغان، قوغدايدىغان، تەربىيەلەيدىغان ياخشى كەيپىياتنى يارىتىپ، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش كېرەك.

دۆلەت ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار شۇنىڭدەك باشقا تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

28-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ بىلىم ئېلىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشى ھەمدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئىچىدىكى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بارلار، مېيىپلەر ۋە كۆچمە ئاھالە ئىچىدىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلىشىنى تەدبىر قوللىنىپ كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

29-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇش ئېھتىياجىغا باب كېلىدىغان پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە ئەسلىھەلەرنى ھازىرلاپ بېرىشى ۋە ياخشىلىشى، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە باب كېلىدىغان پائالىيەت سورۇنلىرىنى ھازىرلىشىغا ئىلھام بېرىشى ھەمدە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

30-ماددا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى، كۇتۇپخانا، ياش – ئۆسمۈرلەر سارىيى، بالىلار پائالىيەت مەركەزلىرىنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ھەقسىز ئېچىپ بېرىش كېرەك؛ مۇزېي، خاتىرە سارىيى، پەن – تېخنىكا سارىيى، كۆرگەزمىخانا، گۈزەل سەنئەت سارىيى، مەدەنىيەت سارىيى شۇنىڭدەك كىنو – تىياتىرخانا، تەنتەربىيە مەيدانى (سارىيى)، ھايۋاناتلار باغچىسى، باغچە قاتارلىق سورۇنلارنى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ھەقسىز ياكى ئېتىبار باھادا ئېچىپ بېرىش كېرەك.

31-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى تەدبىر قوللىنىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھېيت-بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ھەقسىز ياكى ئېتىبار باھادا ئېچىۋېتىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.

مەھەللىلەردىكى جامائەت پاراۋانلىقى ئالاقە تورىغا چىقىش مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ھەقسىز ياكى ئېتىبار باھادا ئېچىۋېتىپ، ئۇلارغا بىخەتەر، ساغلام بولغان تورغا چىقىش مۇلازىمىتى قىلىش كېرەك.

32-ماددا دۆلەت ئاخبارات، نەشرىيات، ئۇچۇرچىلىق، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە، ئەدەبىيات-سەنئەت ئورۇنلىرى قاتارلىق ئورۇنلارنى ۋە يازغۇچىلار، سەنئەتكارلار، ئالىملار شۇنىڭدەك باشقا پۇقرالارنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق ئەسەرلەرنى يارىتىشقا ۋە تەييارلاشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام كىتاب، گېزىت – ژۇرنال، ئۈن – سىن ھاسىلاتى، ئېلېكتىرون نەشر بۇيۇمى ۋە تور ئۇچۇرى قاتارلىقلارنى نەشر قىلىش، تەييارلاش ۋە تارقىتىشقا دۆلەت يار – يۆلەك بولىدۇ.

دۆلەت پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە پەن – تېخنىكا تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئارىسىدا ئىلىم – پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

33-ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تورغا مەستانە بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

دۆلەت قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق تور مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ يارىتىشقا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تورغا مەستانە بولۇپ كېتىشىنى توسىدىغان يېڭى تېخنىكىنى كېڭەيتىشكە ئىلھام بېرىدۇ.

34-ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى زەھەرلەيدىغان شەھۋانىيلىق، زوراۋانلىق، قاتىللىق، تېررورلۇق، قىمارۋازلىق قاتارلىق مەزمۇندىكى كىتاب، گېزىت – ژۇرنال، ئۈن – سىن ھاسىلاتى، ئېلېكتىرون نەشر بۇيۇمى ۋە تور ئۇچۇرلىرىنى ئىشلىشى ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە سېتىشى، ئىجارە بېرىشى ۋە ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق تارقىتىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

35-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئۈچۈن ئىشلەنگەن، سېتىلغان يېمەكلىكلەر، دورىلار، ئويۇنچۇقلار، لازىمەتلىكلەر ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزمەسلىكى؛ دىققەت قىلىدىغان ئىشلار كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا ئەسكەرتىپ قويۇلۇشى كېرەك.

36-ماددا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئەتراپىغا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ پائالىيەت قىلىشىغا باب كەلمەيدىغان تىجارەتلىك تانسىخانا، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى، ئالاقە تورىغا چىقىش مۇلازىمىتى قىلىدىغان تىجارەت سورۇنى قاتارلىق سورۇنلارنى قۇرۇشقا بولمايدۇ.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ پائالىيەت قىلىشىغا باب كەلمەيدىغان تىجارەتلىك تانسىخانا، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى، ئالاقە تورىغا چىقىش مۇلازىمىتى قىلىدىغان تىجارەت سورۇنى قاتارلىق سورۇنلارغا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ. تىجارەتچىلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىرىشىنى چەكلەش بەلگىسىنى كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا قويۇپ قويۇشى كېرەك؛ قۇرامىغا يەتكەن – يەتمىگەنلىكىنى پەرقلەندۈرگىلى بولمىغانلارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتىنى كۆرۈپ بېقىشى كېرەك.

37-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ھاراق – تاماكا سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ، تىجارەتچىلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ھاراق – تاماكا سېتىشنى چەكلەش بەلگىسىنى كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا قويۇپ قويۇشى كېرەك؛ قۇرامىغا يەتكەن – يەتمىگەنلىكىنى پەرقلەندۈرگىلى بولمىغانلارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتىنى كۆرۈپ بېقىشى كېرەك.

ھەر قانداق كىشى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر، بالىلار باغچىلىرى ۋە يەسلىلەرنىڭ سىنىپى، ياتىقى، پائالىيەت ئۆيى ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر پائالىيەت قىلىدىغان باشقا سورۇنلاردا تاماكا چەكسە، ھاراق ئىچسە بولمايدۇ.

38-ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ يېشى 16 گە توشمىغانلارنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، دۆلەتنىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخس دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن يېشى 16 گە توشۇپ، 18 گە توشمىغانلىرىنى ئىشلەتكەندە، ئىش تۈرى، ئەمگەك ۋاقتى، ئەمگەك سىجىللىقى ۋە مۇھاپىزەت تەدبىرى قاتارلىق جەھەتلەردە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلىشى لازىم. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا زىيانلىق بەك ئېغىر، زەھەرلىك، خەۋپلىك ئەمگەككە سېلىشقا ياكى خەتەرلىك مەشغۇلات قىلدۇرۇشقا بولمايدۇ.

39-ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخس قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ شەخسىيىتىنى ئاشكارىلىسا بولمايدۇ.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ خەت – چېكى، خاتىرىسى، ئېلېكتىرونلۇق يوللانمىسىنى ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخس يوشۇرۇۋالسا، يوق قىلىۋەتسە بولمايدۇ. جىنايەتنى سۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجى بىلەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قانۇن بويىچە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ خەت – چېكى، خاتىرىسى، ئېلېكتىرونلۇق يوللانمىسىنى تەكشۈرگەن ياكى ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ خەت – چېكى، خاتىرىسى، ئېلېكتىرونلۇق يوللانمىسىنى ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ۋاكالىتەن ئاچقان، كۆرگەندىن باشقا، ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخس ئاچسا، كۆرسە بولمايدۇ.

40-ماددا مەكتەپلەر، بالىلار باغچىلىرى، يەسلىلەر ۋە جامائەت سورۇنلىرىدا تاسادىپىي ۋەقە يۈز بەرگەندە، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئاۋۋال قۇتقۇزۇش كېرەك.

41-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئالداپ سېتىش، تۇتۇپ كېتىش، خورلاش مەنئى قىلىنىدۇ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنسىي زىيانكەشلىك قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى زورلاپ، ئازدۇرۇپ، تىلەمچىلىككە سېلىش، ئۇلارنى دەسمايە قىلىپ تىلەمچىلىك قىلىش ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا زىيانلىق ئويۇنلارنى قويۇشقا تەشكىللەش مەنئى قىلىنىدۇ.

42-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، مەكتەپ ئەتراپىنىڭ ئامانلىقى ۋە قاتناش تەرتىپىنى قانۇن بويىچە ساقلاپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان سالىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى توسۇشى كېرەك.

ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئوقۇتۇش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشىغا، مەكتەپ، بالىلار باغچىسى، يەسلىنىڭ مەيدانى، ئۆي – ئىمارىتى ۋە ئەسلىھەلىرىنى ئىگىلىۋېلىشىغا ۋە بۇزۇۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

43-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقى ئېھتىياجىغا قاراپ، پاناھلاندۇرۇش سورۇنى قۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن پاناھسىز قالغان سەرگەردان، تىلەمچىلەرنى پاناھلاندۇرۇشى، ۋاقىتلىق ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى ياكى ئالاقىدار باشقا تارماقلار قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئىچىدىكى سەرگەردان، تىلەمچىلەر ياكى ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنلىرىنى پاناھلاندۇرۇش سورۇنىغا ئاپىرىپ بېرىشى كېرەك. پاناھلاندۇرۇش سورۇنى ئۇلارنى پاناھلاندۇرۇشى ۋە ئۇلارغا ياخشى قارىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىگە ئېلىپ كېتىشىنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئىچىدىكى يېتىملەر، ئاتا – ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىنى تاپقىلى بولمىغانلار ۋە باشقا پاناھسىز قالغانلارنى خەلق ئىشلىرى تارمىقى قۇرغان بالىلار پاراۋانلىق ئاپپاراتى يىغىۋېلىپ باقىدۇ.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى پاناھلاندۇرۇش ئاپپاراتى، بالىلار پاراۋانلىق ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى خورلىماسلىقى، كەمسىتمەسلىكى؛ بېقىۋېلىش، قاراش خىزمىتىدە پايدا قوغلاشماسلىقى كېرەك.

44-ماددا سەھىيە تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ساقلىق ساقلاش ۋە ئوزۇقلۇق جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىپ، زۆرۈر ساقلىق ساقلاش شارائىتى يارىتىپ بېرىشى، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

سەھىيە تارمىقى بالىلارغا مۇداپىئە ۋاكسىنىسى ئەملەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك؛ دۆلەتنىڭ ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانى تۈرىدىكى مۇداپىئە ۋاكسىنىسى ھەقسىز ئەملىنىدۇ؛ بالىلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان، كۆپ بولىدىغان كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، بالىلار باغچىسى، يەسلىنىڭ ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىغا بولغان كەسپىي يېتەكچىلىكنى ۋە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك.

45-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بالىلار باغچىسى، يەسلى ئىشلىرىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، بالىلار باغچىسى، يەسلىلەرنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ بالا ئېمىتىش ئۆيى، يەسلى، بالىلار باغچىسىنى قانۇن بويىچە قۇرۇشىنى قوللىشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، بالىلار باغچىسى، يەسلىلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە تەربىيەچىلىرىنى تەربىيەلەپ ۋە چېنىقتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كەسپىي ئەخلاق ساپاسى ۋە كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

46-ماددا دۆلەت قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئەقلىي نەتىجىسى ۋە شان – شۆھرەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ.

47-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن بەلگىلەنگەن يىلدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تۈگىتىپ ئۆرلەپ ئوقۇمايدىغانلىرىنى ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى لازىم.

48-ماددا شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ئالاقىدار تارماقلارغا ھەمكارلىشىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە تەربىيە بېرىشى ۋە ئۇلارنى قۇتقۇزۇۋېلىشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان سالىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى توسۇشى كېرەك.

49-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىغاندا، زىيانغا ئۇچرىغۇچى ۋە ئۇنىڭ ۋەسىيلىرى ياكى باشقا تەشكىلات ۋە شەخسلەر ئالاقىدار تارماقلارغا ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ئالاقىدار تارماقلار قانۇن بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

5-باب: قانۇن يۈرگۈزۈش بويىچە قوغداش

50-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، قانۇن يۈرگۈزۈشتە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.

51-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچراپ، قانۇن بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا قاراپ چىقىشى ھەمدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ فىزىيولوگىيەلىك، پىسخىك ئالاھىدىلىكى ۋە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

قانۇن يۈرگۈزۈشتە قانۇن ياردىمىگە ياكى قانۇن يۈرگۈزۈش بويىچە قۇتقۇزۇشقا موھتاج قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى ياردەم بېرىپ، ئۇلارغا قانۇن بويىچە قانۇن ياردىمى بېرىشى ياكى ئۇلارنى قانۇن يۈرگۈزۈش بويىچە قۇتقۇزۇۋېلىشى كېرەك.

52-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ۋارىسلىق دېلولىرىنى قاراپ چىققاندا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقى ۋە ھەدىيە قوبۇل قىلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغدىشى كېرەك.

خەلق سوت مەھكىمىسى ئاجرىشىش دېلولىرىنى قاراپ چىقىشتا، قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلەرنى بېقىش مەسىلىسىدە، قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلەردىن ئۆز مەقسىتىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغانلىرىنىڭ پىكرىنى ئېلىپ، پەرزەنتلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش پىرىنسىپىغا ۋە ئىككى تەرەپنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

53-ماددا ئاتا – ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەردىن ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي ياكى ۋەسىيلىك قىلىنىدىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان سېلىپ، تەربىيە بەرسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىنىڭ ۋەسىيلىك سالاھىيىتىنى خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاقىدار خادىملار ياكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئىلتىماسى بىلەن بىكار قىلىپ، قانۇن بويىچە باشقا ۋەسىي بېكىتسە بولىدۇ. ۋەسىيلىك سالاھىيىتى بىكار قىلىنغان ئاتا – ئانىلار بېقىش خىراجىتىنى قانۇن بويىچە داۋاملىق ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

54-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىرىگە تەربىيەلەش، تەسىرلەندۈرۈش، قۇتقۇزۇۋېلىش فاڭجېنى يولغا قويۇلىدۇ، تەربىيەنى ئاساس قىلىش، جازالاشنى قوشۇمچە قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىرىگە قانۇن بويىچە يېنىك، يېنىكلىتىپ جازا بېرىش ياكى جازانى كەچۈرۈم قىلىش كېرەك.

55-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، خەلق سوت مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت دېلولىرى ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش دېلولىرىنى بېجىرىشتە، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئېتىبار بېرىشى، ئۇلارنىڭ ئىنسانىي ئىززىتىگە ھۆرمەت قىلىشى، قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى ھەمدە ئېھتىياجغا قاراپ، بۇنداق دېلولارنى بېجىرىدىغان مەخسۇس ئاپپارات قۇرۇشى ياكى مەخسۇس ئادەم بەلگىلىشى كېرەك.

56-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارلىرى ۋە جاۋابكارلاردىن سوئال سوراش ۋە ئۇلارنى سوت قىلىشتا، قۇرامىغا يەتمىگەن گۇۋاھچى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىدىن گەپ سوراشتا، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسىگە ياكى باشقا كىشىلەرگە تۆپىدە تۇرۇشنى ئۇقتۇرۇش كېرەك.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، خەلق سوت مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنسىي زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىشتە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ نام – ئابرۇيىنى قوغدىشى كېرەك.

57-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن قاماپ تۇرۇلۇۋاتقان، جازا ئۆتەۋاتقانلىرىنى قۇرامىغا يەتكەنلەردىن ئايرىپ قاماش كېرەك.

قاماپ تۇرۇلۇۋاتقان، جازا ئۆتەۋاتقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تاماملىمىغانلىرىغا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى داۋاملاشتۇرۇش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن قاماقتىن بوشىتىلغان، جازا مۇددىتى توشقانلىرى قايتا ئوقۇشقا كىرسە، ئۆرلەپ ئوقۇسا، ئىشقا ئورۇنلاشسا كەمسىتىلمەيدۇ.

58-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت دېلولىرىدا ئۇلارنىڭ ئىسىم – فامىلىسى، ئولتۇرۇشلۇق جايى، رەسىمى، سۈرىتى ۋە ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىپ بىلگىلى بولىدىغان ماتېرىياللىرىنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، كىنو – تېلېۋىزىيە نومۇرلىرى، ئاشكارا نەشر بۇيۇملىرى ۋە ئالاقە تورى قاتارلىقلاردا ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ.

59-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ بەك ناچار ئىللىتىنى تۈزەش ۋە جىنايى قىلمىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىنىدۇ.

6-باب: قانۇن جاۋابكارلىقى

60-ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان سالغانلاردىن باشقا قانۇن – نىزاملاردا مەمۇرىي جازا بېرىش بەلگىلەنگەنلىرىگە شۇ بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛ جىسمانىي جەھەتتە، مال – مۈلۈك جەھەتتە ياكى باشقا جەھەتتە زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

61-ماددا دۆلەت ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلمىغان ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان سالغان ۋە ياكى ئەرز – شىكايەت قىلغۇچى، پاش قىلغۇچىلاردىن ئۆچ ئالغانلىرىنى ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

62-ماددا ئاتا – ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەردىن ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلمىغانلىرى ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان سالغانلىرىغا ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى نەسىھەت قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى توسىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلىرىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىدۇ.

63-ماددا مەكتەپلەر، بالىلار باغچىلىرى، يەسلىلەردىن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان سالغانلىرىنى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ياكى باشقا ئالاقىدار تارماقلار تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ.

مەكتەپلەر، بالىلار باغچىلىرى، يەسلىلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلىرىدىن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە تەن جازاسى، شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بەرگەنلىرى ياكى ئۇلارنىڭ ئىنسانىيلىقىنى ھاقارەتلەيدىغان باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلىرىنى ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ.

64-ماددا شەھۋانىيلىق، زوراۋانلىق، قاتىللىق، تېررورلۇق، قىمارۋازلىق قاتارلىق مەزمۇندىكى كىتاب، گېزىت – ژۇرنال، ئۈن – سىن ھاسىلاتى، ئېلېكتىرون نەشر بۇيۇمى ۋە تور ئۇچۇرى قاتارلىقلارنى ئىشلىگەن ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ساتقان، ئىجارە بەرگەن ۋە باشقا ئۇسۇللار بىلەن تارقاتقانلارنى مەسئۇل تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىدۇ.

65-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ يېمەكلىكلىرى، دورىلىرى، ئويۇنچۇقلىرى، لازىمەتلىكلىرى ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىنى ئىشلەش، سېتىشتا دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار ۋە ياكى دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا ئەسكەرتىپ قويمىغانلارنى مەسئۇل تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىدۇ.

66-ماددا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئەتراپىغا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ پائالىيەت قىلىشىغا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان تىجارەتلىك تانسىخانا، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى، ئالاقە تورىغا چىقىش مۇلازىمەت – تىجارەت سورۇنى قاتارلىق سورۇنلارنى قۇرغانلارنى مەسئۇل تارماق تاقىتىۋېتىدۇ، ئۇلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىدۇ.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ پائالىيەت قىلىشىغا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان تىجارەتلىك تانسىخانا، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى، ئالاقە تورىغا چىقىش مۇلازىمەت – تىجارەت سورۇنى قاتارلىق سورۇنلارغا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى كىرگۈزگەنلەر ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىرىشىنى چەكلەش بەلگىسىنى كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا قويمىغانلارنى مەسئۇل تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىدۇ.

67-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ھاراق، تاماكا ساتقانلار ياكى ئۇلارغا ھاراق – تاماكا سېتىشنى چەكلەش بەلگىسىنى كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا قويمىغانلارنى مەسئۇل تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىدۇ.

68-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن يېشى 16 گە توشمىغانلىرىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان ياكى يېشى 16 گە توشقانلىرىنى جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى كاردىن چىقىرىدىغان بەك ئېغىر، زەھەرلىك، زىيانلىق ئەمگەككە سالغان ياكى خەتەرلىك مەشغۇلات قىلغۇزغانلارنى ئەمگەك – كاپالەت تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بىكار قىلىدۇ.

69-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ شەخسىيىتىگە چېقىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشنى شەكىللەندۈرگەنلەرگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىدۇ.

70-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى پاناھلاندۇرغۇچى ئاپپارات، بالىلار پاراۋانلىق ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى پاناھلاندۇرۇش، قوغداش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلمىغانلىرى ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى خورلىغان، كەمسىتكەنلىرى ۋە ياكى قوبۇل قىلىش، تەربىيەلەش خىزمىتىدە پايدا قوغلاشقانلىرىنى مەسئۇل تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

71-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەھدىت سېلىپ، ئازدۇرۇپ تىلەمچىلىككە سالغانلار، ئۇلارنى دەسمايە قىلىپ تىلەمچىلىك قىلغانلار ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى كاردىن چىقىرىدىغان ئويۇنلارنى قويدۇرغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىدۇ.

7-باب: قوشۇمچە پىرىنسىپ

72-ماددا بۇ قانۇن 2007 – يىل 6 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter