ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2012 –يىللىق پاكلىق قۇرلىشى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2012 –يىللىق پاكلىق قۇرلىشى

2013-02-14 12:44     كۆرۈلۈشى: 11,778 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش بىلەن چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، چىرىكلىكنىڭ ئالدى ئىلمىي ئېلىندى   (ئاپتونوم رايوننىڭ 2012 –يىللىق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋ....

چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش بىلەن چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى

تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، چىرىكلىكنىڭ

ئالدى ئىلمىي ئېلىندى

 

(ئاپتونوم رايوننىڭ 2012 –يىللىق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى

كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتى

توغرىسىدا ئومۇمىي بايان)

 

جاۋجىيۈن

 

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى 2012 – يىلى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇردى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى مەركەزنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ۋە چىرىكلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇش، باشقۇرۇشنى چىڭىتىش، ئىنتىزامنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆزگىرىش ياساپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش قوشۇنىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدى.

 

نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش كۈچەيتىلىپ، ھۆكۈمەت پەرمانىنىڭ توسالغۇسىز

ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى

 

     ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى بىر يىلدىن بۇيان، پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق جازالاپ، سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش دېلوسىدىن 29نى ۋە بۇنىڭغا چېتىشلىق 34 كىشىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. قەرەللىك تەكشۈرۈش ۋە مەخسۇس نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش تۈزۈمى، ئىنتىزامغا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرگە 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، 58 ناھىيە – شەھەرگە بېرىپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش، ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹سانائەتلەشتۈرۈش، شەھەرلەشتۈرۈش، زامانىۋىلاشتۇرۇش›› قۇرۇلۇشى، ‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى››، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، 32 تۈرلۈك مۇقىملىقنى ساقلاش تەدبىرى ۋە 24 جەھەتتىكى ئەمەلىي، چىڭ تەدبىر قاتارلىق سىياسەت – تەدبىرلەر ۋە ئىنتىزام – تەلەپلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش، ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقىدى ھەم تۈزەتتى. ئاپتونوم رايون بويىچە 1057 قېتىم يەر ۋە قېزىلما بايلىق ئىشلىتىش ھوقۇقىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈردى، قانۇن – بەلگىلىمىگە خىلاپ مەسىلىدىن 415 نى تۈزەتتى. بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ، مەسىلە كۆرۈلگەن 2350 تۈرنى تۈزەتتى.

 

ئۈنۈم قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتى قوغدالدى

 

     ئاپتونوم رايوندىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى 2012 – يىلى ‹‹خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىن ئويلىشىش، ئاممىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئاساسىي قاتلامنى مۇھىم بىلىش›› ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئورگان ئىستىلى، ئۈنۈم قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن بويىچە ئۈنۈمنى تەكشۈرۈپ، ئۈنۈم قۇرۇلۇشى بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان 1923 كادىرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈردى. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى قاتارلىق ئالتە ۋىلايەت، ئوبلاست، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق سەككىز تارماقنىڭ نەتىجە – ئۈنۈمىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىشتا دەسلەپكى قەدەمدە ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. تېجەشلىك بولۇش تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىراجىتى›› چىقىمىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، رەھبىرىي كادىرلار كۆپلەپ تۇرالغۇ ئىگىلىۋېلىش مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تەرتىپكە سالدى. يەر ئېلىش، چېقىش – كۆچۈرۈش، يېمەكلىك، تېببىي دورا بىخەتەرلىكى، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان، ئاممىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز قىلىنغان مەسىلىلەرنى تەرتىپكە سالدى. ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى، تۇرالغۇ جامائەت فوندى، نامراتلارغا ياردەم بېرىش مەبلىغى ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇردى. ھۆكۈمەت ئىستىلى، كەسىپ ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ‹‹ساھە ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى›› ئارقىلىق 21 مىڭ 150 ئەرزنى قوبۇل قىلىپ، بېجىرىش نىسبىتىنى %95كە يەتكۈزدى.

 

پاكلىق تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلۇپ، نازارەتچىلىك ۋە

چەكلەش تۈزۈمى كۈچەيتىلدى

 

     ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى 14- قېتىملىق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى چوڭ تاراتقۇلار ۋە 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، 89 ناھىيە، شەھەرلىك رادىيو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ھۆكۈمەت تور پونكىتىنى تەشكىللەپ، ‹‹پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىپ، ياخشى ئىستىل تىكلەش›› بويىچە مەملىكەتلىك پاكلىق پاراۋانلىق ئېلانلىرىنى مەركەزلىك ئۇلاپ ئاڭلىتىش – كۆرسىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى تۆۋەن دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىلەن 8200 ئادەم/قېتىم سۆھبەتلەشتى، ۋەزىپىگە تەيىنلەشتىن بۇرۇن پاكلىق بويىچە 10 مىڭ 998 ئادەم/قېتىم سۆھبەتلەشتى، سۆھبەت ئارقىلىق 1766 ئادەم/قېتىمگە نەسىھەت قىلىپ ۋە رىغبەتلەندۈردى، 1896 ئادەم/قېتىم بىلەن خەت ئارقىلىق سۆھبەتلەشتى، 23 مىڭ 701 رەھبىرىي كادىر ئۆزىنىڭ ئالاقىدار ئىشلىرىدىن دوكلات بەردى. ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە 17 ناھىيە، شەھەر ۋە ئۈچ نازارەت، ئىدارىنى سەييارە تەكشۈردى. ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيە ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %94.9كە يەتكۈزدى.

 

چىرىكلەشكەنلەر جازالىنىپ، چوڭ ۋە مۇھىم دېلولار

تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

 

     2012-يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى 8608 پارچە/قېتىم پاش قىلىش ئەرزى قوبۇل قىلدى، بۇنىڭ 966 پارچىسىغا دېلو ئېچىپ، 940 دېلونى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 1050 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى، سىياسىي ئىنتىزام جازاسى بەردى، بۇنىڭ يەتتىسى ۋالىي، نازىر دەرىجىلىك كادىر بولۇپ، 66 جىنايەت گۇماندارىنى ئەدلىيە ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بەردى، 33 كىشىنى تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلدى. سۇ جىشاڭ، جۇ بىنۋېن، مېڭ چۈەنجيې، ئەركىن ئىبراھىم قاتارلىقلارنىڭ دېلوسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. ۋىلايەت، ناھىيەدىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك ئەرزىيەت ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى كېڭەيتىپ قوللىنىپ، ئەرزىيەت دېلولىرىنى بېجىرىش سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter