Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> جوڭگۇ – ھىندىستان ئۇرۇشىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى

جوڭگۇ – ھىندىستان ئۇرۇشىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى

2013-02-14 12:55     كۆرۈلۈشى: 12,729 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: جوڭگۇ – ھىندىستان چېگرىسىدىكى ئۆزىمىزنى قوغداپ قايتۇرما زەربە بىرىش ئۇرۇشىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى        جوڭگۇ – ھىندىستان چېگرىسى تارىختا ئەزەلدىن بىكىتىلمىگەن. ئىككى تەرەپ ئۇزۇن مەزگىل ئاسان ھالقىپ ....

جوڭگۇ – ھىندىستان چېگرىسىدىكى ئۆزىمىزنى قوغداپ قايتۇرما

زەربە بىرىش ئۇرۇشىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى

 

     جوڭگۇ – ھىندىستان چېگرىسى تارىختا ئەزەلدىن بىكىتىلمىگەن. ئىككى تەرەپ ئۇزۇن مەزگىل ئاسان ھالقىپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدىغان ھەنالايا تېغى ۋە قارا قۇرۇم تېغىنى پاسىل قىلىپ، ئەنئەنىۋى چېگرانى شەكىللەندۈرگەن.

     ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىنىڭ ئاخىرى، 60- يىللىرىنىڭ باشلىرىدا جوڭگۇنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك مۇھىم نۇقتىسى ئاساسلىقى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىسى بولغان تەيۋەن دائىرلىرىنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش بىلەن بۇلۇپ كەتكەچكە، ھىندىستان بىلەن دۈشمەنلىشىپ قېلىشنى پەقەت خالىمىغان. لېكىن ھىندىستان جوڭگۇ – ھىندىستان چېگرىسىنىڭ شەرقىي بۆلىكىدىكى ئەنگىلىيە مۇستەملىكە دائىرلىرى سىزغان «مىكماخۇن سىزىقى» ئارقىلىق ئىرىشكەن نەپكە قانائەت قىلماي، يەنە غەرىبىي بۆلەكتىكى ئاقسايچىن رايۇنىدىن بىر بۆلەك يەرنى يۈتۈۋېلىش ئويىدا بولغان.

     1959- يىلى ئەتىيازدا شىزاڭدا توپىلاڭ يۈز بەردى. ئازادلىق ئارمىيە ھىندىستانغا قېچىشقا ئورۇنغان توپىلاڭچى قوراللىق كۈچلەرگە زەربە بىرىش جەريانىدا «مىكماخۇن سىزىقى» غا يېقىنلاپ قېلىپ، بۇ سىزىقنىڭ شىمالىدىكى لاڭجۇ رايۇنىدا توپىلاڭچىلارنىڭ قېچىشىغا يارىدەم قىلىۋاتقان ھىندىستان ئارمىيەسى بىلەن تۇنجى قېتىم قوراللىق تۇقۇنۇشىپ قالدى. ئارقىدىنلا ھىندىستان قۇراللىق كۈچلىرى شىنجاڭنىڭ كوڭكا ئېغىزىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، جوڭگۇنىڭ چېگرا مۇداپىيە خادىملىرىغا ئوق چىقىرىپ، قانلىق ۋەقە سادىر قىلدى.

     كوڭكا ئېغىزى ۋەقەسىدىن كېيىن، ماۋزېدوڭنىڭ دىققىتى يەنە بىر قېتىم تۇقۇنىشتىن ساقلىنىشقا مەركەزلەشتى. ئۇ ھىندىستان ئەسىرلىرىنى دەرھال قۇيۇۋىتىشتىن باشقا 1959- يىلى 11- ئاينىڭ بېشىدا «ئايرىش بەلبېغى» تەسىس قىلىش تەسەۋۋۇرىنى، يەنى ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي كونتۇرۇل قىلىش لىنىيەسىگە ئاساسەن، ئىككى دۆلەت قۇراللىق كۈچلىرى 20 كىلومىتىر ئارقىغا چىكىنىش، بۇ ئارقىلىق ئىككى تەرەپتىكى قۇراللىق خادىملارنى بىر بىرىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، قۇراللىق تۇقۇنىشتىن ساقلىنىش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرغا قويدى. لېكىن ھىندىستان ئارقىغا چىكىنىشنىمۇ، سۆھبەت ئۆتكۈزىشنىمۇ رەت قىلدى. ماۋزېدوڭ جوڭگۇ تەرەپنى ئۆز ئالدىغا ھەركەت قوللۇنۇپ، ئەمەلىي كونتۇرۇل سىزىقىدىن 20 كىلومىتىر ئارقىغا چىكىنىشنى بۇيرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ جوڭگۇ – ھىندىستان چېگرىسىدا ئايرىلىپ تۇرۇشنىڭ ئىككى يىلدىن كۆپرەك داۋاملىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

     ئۇنىڭدىن باشقا چېگرا مەسىلىسىنى تېنچ بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، 1960- يىلى 4- ئايدا جۇ ئېنلەي يەنە بىر قېتىم ھىندىستاندا زىيارەتتە بۇلۇپ، ئۆز-ئارا كەچبربش، ئۆز-ئارا يول قۇيۇش پوزىتسىيەسى بىلەن چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئوتتۇرغا قويدى. لېكىن ھىندىستاننىڭ پوزىتسىيەسى (شەرقىي بۆلەكتىكى ئىگىلەپ بولغان جايلارمۇ بىزنىڭ، غەرىبىي بۆلەكتىكى ئىگىلەپ بولالمىغان جايلارمۇ بىزنىڭ) نى جوڭگۇ تەرەپ قۇبۇل قىلمىدى.

     شىزاڭ توپىلىڭى تىنجىتىلغاندىن كېيىن، 1961- يىلى ئازاتلىق ئارمىيە شىزاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنى ئىككى شىغا قىسقارتتى. جوڭگۇ – ھىندىستان چېگرىسىنىڭ غەرىبىي بۆلىكىدىكى ئالدىنقى سەپ قاراۋۇلخانىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. ئەينى ۋاقىتتا جوڭگۇ ئىچكى قىسىمدا ئېغىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا، تاشقى جەھەتتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بېسىمىغا دۇچ كىلىپ، بىخەتەرلىك مۇھىتى ناچارلىشىپ كەتكەچكە، غەرىبىي قىسىمدا تۇقۇنىش يۈز بىرىشىدن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ساقلىنىش ئويىدا بولدى. بۇ نۇقتىنى كۆرۈپ يەتكەن نېھرو (ئەينى ۋاقىتتىكى ھىندىستاننىڭ زوڭلىسى) 1961- يىلى 11- ئايدا جوڭگۇ – ھىندىستان چېگرىسىنىڭ غەرىبىي بۆلىكىدە «ئالغا ئىلگىرلەش سىياسىتى» نى يولغا قويدى. ھىندىستان ئارمىيەسى ئاقسايچىن رايۇنىغا ئىچكىرلەپ كىرىپ، تايانچ پونكىت قۇرۇپ، بۇ رايۇننى تۇلۇق يۇتۇۋېلىش كويىدا بولدى.

     1962- يىلى ئەتىيازدا شىنجاڭ ھەربىي رايۇنىغا قاراشلىق قىسىملار ھىندىستان ئارمىيەسى تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ تەسىس قىلغان نۇرغۇن تايان پونكىتنى بايقاپ دەرھال مەركەزگە دوكلات قىلدى. ماۋزېدوڭ «ھەرگىز يول قويماسلىق، قانلىق ۋەقە يۈز بىرىشنىڭ كۈچەپ ئالدىنى ئېلىش، چىشنى چىشلەپ ئۇزۇن مۇددەت قۇراللىق بىللە تۇرۇش» فاڭجىنىنى تۈزۈپ بىكىتتى. شىنجاڭ ھەربىي رايۇنى چېگرا مۇداپىيە قىسمى ھىندىستاننىڭ ھەرقايسى تايانچ پونكىتلىرى ئۇدۇلىغا قاراۋۇلخانا قۇرۇپ، ئوت ئېچىشىشماي بىر بىرىنى تىزگىنلەپ تۇردى.

     ھىندىستان جوڭگۇنىڭ ئېغىر بېسىقلىقى، ئۆزىنى تۇتىۋېلىشىنى ئاجىزلىق دەپ قاراپ، 6- ئاي مەزگىلىدە ھىندىستان ئارمىيەسى چېگرىنىڭ شەرىقىي بۆلىكىدە «مىكماخۇن سىزىقى» دىن ھالقىپ ئۆتۈپ، كېجىلاڭ دەرياسى ئەتراپىدا تايانچ پونكىت قۇردى. ھەربىي كومىتېتنىڭ بۇيرىقىغا بىنائەن شىزاڭ ھەربىي رايۇنى بىر ليەن ئەسكەر ئاجرىتىپ، 9- ئاينىڭ 8- كۈنى شۇ جايغا كىرىپ، قۇراللىق چارلاش ئېلىپ باردى ھەمدە زىراۋ كۆۋرىكى يېنىغا قاراۋۇلخانا قۇردى. شۇ كۈنى ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئارمىيەنى سەپەرۋەر قىلىپ، پىيادە ئەسكەرلەر 7- بىرگادىسىنى كېجىلاڭ رايۇنىغا يۆتكىدى.

     ياڭ چېڭۋۇ (ئەينى ۋاقىتتىكى جوڭگۇ خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باش شىتاب باشلىقى) نىڭ ئەسلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئالدىنقى سەپ قاراۋۇلخانىلىرى يوللىغان تېلگىراممىلار بىۋاستە باش شىتابقا، دىجۇرنىلىك ئىشخانىسىغا يوللىنىدىغان بۇلۇپ، قۇبۇل قىلىنىپ بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدىلا ماۋزېدوڭغا دوكلات قىلىنىدىكان. تېلگراممىلاردا ھەتتا ھىندىستان ئارمىيەسى ئارمىيەمىزنىڭ قاراۋۇللىرىغا تاش ئېتىۋاتىدۇ، نەيزە تەڭلاۋاتىدۇ دېگەندەك تەپسىلاتلارمۇ بار ئىدى. ماۋزېدوڭ دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇلارغا تۇنجى ئوق چىقىرىشتا چۇقۇم مىنىڭ رۇخسىتىمنى ئېلىڭلار دىگەن.

     9- ئاينىڭ 20- كۈنى كەچتە ھىندىستان ئارمىيەسى تۇنجى قېتىم تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ تۇنجى ئوقنى ئاتتى. ئازاتلىق ئارمىيەنىڭ بىر مۇۋەققەت روتا كاماندىرى قۇربان بولدى. مانا مۇشۇنداق تاقەت قىلغۇسىز ئەھۋالدا ماۋزېدوڭ كۆپ ئويلىنىپ، ئاخىرىدا ئۆزىمىزنى قوغداپ قايتۇرما زەربە بىرىش قارارىغا كەلدى.

     10- ئاينىڭ 20- كۈنى شىزاڭ ھەربىي رايۇنى بىلەن شىنجاڭ ھەربىي رايۇنىنىڭ قىسىملىرى جوڭگۇ – ھىندىستان چېگرىسىنىڭ شەرق، غەرب بۆلەكلىرىدە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ھىندىستان ئارمىيىسىگە ئومۇميۈزلۈك قايتۇرما زەربە بەردى. قايتۇرما زەربە بىرىشنىڭ تۇنجى كۈنى غەرىبىي بۆلەكتىكى ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ ئاساسلىق تايانچ پونكىتلىرى تازىلاندى. شەرقىي بۆلەكتىكى ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ 7- بىرگادىسى ئاساسىي جەھەتتىن يۇقىتىلدى.

     بىرىنچى قېتىملىق قايتۇرما زەربە بىرىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 10- ئاينىڭ 24- كۈنى جوڭگۇ ھۆكۈمىتى ھىندىستان تەرەپكە يەنە سۆھبەتلىشىشنى ئوتتۇرغا قويدى. ئەمما ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇنى رەت قىلىپلا قالماي چېگراغا نۇرغۇن ئەسكەر يۆتكىدى. بۇنىڭ بىلەن جوڭگۇ 11- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن باشلاپ 2- قېتىملىق قايتۇرما زەربە بىرىش ئۇرۇشىنى باشلاپ، ۋانوڭ تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ بىر بىرگادىسىنى تارمار قىلدى. شىسەن ئېغىزى باڭدىلا تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ سەرخىل قىسمى بولغان 4- شىسىنىڭ ئاساسلىق كۈچىنى يوقاتتى. ئەينى ۋاقىتتا ئازاتلىق ئارمىيە پەقەت تۆت شى ئەسكەر كۈچىلا ئاجراتقان بۇلۇپ، ئۆز كارامىتىنى ئازراقلا كۆرسىتىپ قويدى. مەيلى چوڭ ئۇرۇش ياكى كىچىك ئۇرۇشلار بولسۇن ھەممىسىدە ئۈستۈنلىكنى قولغا كەلتۈرۈپ غەلىبە قىلدى. ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ ئون مىڭغا يېقىن ئەسكىرى چىقىم بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە 3900 ئەسكەر ئەسىرگە چۈشتى. جوڭگۇ ئارمىيەسىنىڭ 2400 دىن كۆپرەك ئەسكىرى تالاپەتكە ئۇچرىدى. بىرمۇ ئەسكەر ئەسىرگە چۈشۈپ قالمىدى.

     جوڭگۇ ئارمىيەسىنىڭ قايتارما زەربە بىرىش ئۇرۇشىنىڭ دائىرىسى پەقەت ئەنئەنىۋى ئادەت بۇيىچە شەكىللەنگەن چېگرا سىزىقىنىڭ جوڭگۇ تەرىپىدە بولدى ھەمدە ھىندىستان چېگرىسىغا كىرمىدى. ھىندىستان تەرەپ بولسا قاتتىق ئالاقىزادە بۇلۇپ كەتتى. ئەينى چاغدىكى جامائەت پىكىرىدە بىردەك مۇنداق قارالغان: جوڭگۇ غەلىبە پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ھىندىستانغا ئىچكىرلەپ كىرىشى مۈمكىن.

     ۋاھالەنكى، جوڭگۇ 11- ئاينىڭ 21- كۈنى تۇيۇقسىز ئۇرۇش توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى. ھەمدە 12- ئايدىن باشلاپ ياندۇرقى يىلى 3- ئايغىچە قىسىملىرىنىڭ ھەممىسىنى 1959- يىلى 11- ئايدىكى ئەمەلىي كونتۇرۇل سىزىقىنىڭ ئۆز تەرەپ 20 كىلومىتىر ئارقىسىغا چىكىندۈردى.

 

 

     قەشقەر گېزىتىنىڭ 2013- يىللىق سانىغا ئاساسەن تورغا يوللىغۇچى: ئالىم بىز بلوگىدىن تۇران تېكىن



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter