غەرب بىلەن مۇسۇلمانلار دۇنياسى ئارىسىدا كۈنسايىن كۈچىيىپ كىتىۋاتقان ئۇقۇشماسلىق ۋە كەسكىنلىشىپ بېرىۋاتقان زوراۋانلىقلار دۇنيايىمىزنىڭ كونتۇرۇللىقىنى بۇزىۋەتتى. دەل مۇشۇ پەيتتە «ئىسلامىيەتكە لىللا قارايلى» نامىلىق بۇ ئەسەر ئادەتتە سۈكۈت قىلىپ تۇرىدىغان دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ نىداسى ئارقىلىق سىياسەتۋازلار بىلەن مۇتىخەسىسلەرنىڭ بىر بىرىگە زىت كىلىدىغان ياغلىما گەپلىرىنىڭ بىلىگە تەپتى. مۇنىڭچە، بۇ مەسىلىدە مەزكور كىتابتەك ھەم مۇھىم، ھەم ئاكتۇئال مۇرەسسەچى بولمىسا كېرەك.
– دېپاڭ چويرا: «تېنچلىقنىڭ ئۆزى داغدام يول» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى.
«ئىسلامىيەتكە لىللا قارايلى» ناملىق بۇ كىتاب نەقىل كەلتۈرۈلگەن سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ يېڭى ۋە مۇھىملىقى بىلەن سىياسەت بەلگۈلىگۈچىلەر، ئاخباراتچىلار، تاراتقۇ خىزمەتچىلىرى، ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىلىم ئەھلىنىڭ زۆرۈر ئۇقۇشلۇقىغا ئايلانغۇسى.
– كەرەن ئارمىستروڭ: «ئىلاھنىڭ تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى.
مەزكور كىتابتا مۇسۇلمانلارنىڭ دىن، دېموكراتىيە، ئاياللار ھوقۇقى ۋە ئاشقۇنلۇق (ئېكىستىرمىزىم) ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى، مۇسۇلمانلار بىلەن غەربنىڭ مۇناسىۋىتىگە ياتىدىغان نۇرغۇن ساھەلەر ھەققىدىكى قىممەتلىك پىكىرلەر ناھايىتى كەسكىن ئوتتۇرغا قويۇلغان. بۇ كىتابنى ئىلىم ئەھلى، سىياسەت بەلگۈلىگۈچىلەر، كەسپىي خادىملار، ئادەتتىكى خادىملار، ئامېرىكىلىقلار، ھەتتا مۇسۇلمانلار چوقۇم ئوقۇپ چىقىشى كېرەك.
- ۋەلى ناسىر: «شىئە مەزھىپىنىڭ جانلىنىشى، ئىسلام دىنىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تۇقۇنۇشلارنى ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسىنى قانداق يارىتىدۇ؟» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى.
«ئىسلامىيەتكە لىللا قارايلى» ناملىق بۇ كىتاب دەۋرىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلا خۇسۇسىدا بىزگە يول كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدا غەربلىكلەر بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ قارشى تەرەپكە بىرىدىغان باھايى تەبىرلىرى ئۆزگىچە نۇقتىنەزەرلەر بىلەن بايان قىلىنغان.
- جېسسىكا ستېرن: «ئىلاھىي نام ئاستىدىكى تېرورلۇقلار» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى.
«ئىسلامىيەتكە لىللا قارايلى» – ئىنتايىن مۇھىم كىتاب. “11- سىنتەبىر ۋەقەسى” دىن بۇيان سىياسىي غەرەز ئارىلاشقان ۋە زىيادە يەڭگىلتەكلىك بىلەن چىقىرىلغان بەزى يەكۈنلەر، مۇسۇلمانلار دۇنياسى ھەققىدىكى ئەسلى تۇنۇشنى بۇرمىلىۋەتتى. ھەر نىمە بولسا ئېسپوستۇ بىلەن مۇجاھىد مەزكور كىتابتا بۇ ھەقتىكى ئەينەن ئەھۋالنى يۇرتۇپ بەردى. جۈملىدىن ئۇلار جانلىق پاكىت ۋە قىل سىغمايدىغان لوگىكىلىق تەھلىللەر ئارقىلىق، دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭمۇ باشقىلارغا ئوخشاشلا ئورتاق مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئۈمۈدۋار، غايىلىك كىشىلەردىن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.
- روبېرت پاپې: «نۇسرەت يۇلىدا جان پىدا – ئادەم بومبا تېرورچىلىقىدىكى ئىستىراتىگىيە مەنتىقىسى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى.
«ئىسلامىيەتكە لىللا قارايلى» – ئىنتايىن ۋاقتىدا چىققان كىتاب. كىتابتا دۇنيادىكى كۆپ سانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بىر قىسىم ھالقىلىق مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئىدىيەۋى تونۇشى ۋە پوزىتسىيەسى چوڭقۇر شەرھىلەنگەن. بۇ مەسىلىلەر دېموكراتىيە، تېئوكراتىك سىياسىي (ئىلاھىي ھاكىمىيەت سىياسىسى)، ئاشقۇنلۇق، جىھاد، ئاياللار ھوقۇقى، غەرب بىلەن مۇسۇلمانلار دۇنياسى ئوتتۇرسىدىكى ھەمكارلىق ۋە تۇقۇنۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
– باش ئەلچى ئېدۋارد. P. جېرېجيان، يېقىن شەرق ئىشلىرى بۆلىمىنىڭ سابىق يارىدەمچى كاتىپى، رايس ئۇنىۋېرسىتېتى ئاممىۋى سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ قۇرغۇچىسى.
مەنبە: ئالىم بىز بلوگى
كىتاب ئىسمى: ئىسلامىيەتكە لىللا قارايلى
ئاپتورلىرى: جون . ل . ئېسپوستو (ئامېرىكا)، دالىيە مۇجاھىد (ئامېرىكا)
ياخشى يازمىلار بىلەن تەمىنلەۋاتىسىز ، رەھمەت ھارمىغايسىز
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
قوللاپ قۇۋۋەتلىگەنلىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت! بىر قىسىم يازمىلارنى تەييارلاۋاتقان ئىدىم، لىكىن ئىشلار بەك ئالدىغا سېلىۋالدى.
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
ھازىر سىياسىي ئىدىيىۋىي- ىىزمەت ۋە سىياسىي ئۈگۈنىشلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇر تىلىدىكى ماتىرىياللارنى تاپماق بەك تەس بوپ كەتتى، بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇپتۇ، رەھمەت، داۋاملاشتۇرۇڭ، بىز سىلەرنى قوللايمىز!!!
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۇر! دائىم يوقلاپ تۇرارسىز. لازىملىق نەرسىلەر تېپىلمىسا سۆز قالدۇرۇڭ.
بۇ باھاغا پىكىرىم بار: