ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> 25 خىل خەلق تۇرمۇشى قۇرلۇشى

25 خىل خەلق تۇرمۇشى قۇرلۇشى

2013-02-18 10:32     كۆرۈلۈشى: 1638 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: 2013- يىلى شىنجاڭدا 25 خىل، 100 تۈرلۈك نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ          6- فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا 2013- ي....

2013- يىلى شىنجاڭدا 25 خىل، 100 تۈرلۈك نۇقتىلىق خەلق

تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ

   

     6- فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا 2013- يىللىق نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى تەكشۈرۈپ ماقۇللۇقتىن ئۆتۈپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى. بۇ قېتىمقى يىغىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹چاغاندا ياخشى كەيپىيات يارىتىش، ئەمەلىي تۇتۇپ، ئىجرا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش›› تىن ئىبارەت يەتتە چوڭ تۈرلۈك يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن مۇھىم سۆز قىلدى.

     ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹باش باھاردىكى يېڭى باشلىنىش، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش›› تېمىسىدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى 6- فېۋرال باشلاندى. شۇ كۈنى چۈشتىن ئىلگىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 2013- يىللىق خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى ماقۇللىدى. يىغىندا 2013- يىلى 25 ساھەگە چېتىلىدىغان 100 تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش قارار قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا ھەرمىللەت ئاممىغا ‹‹باش باھار سوۋغىسى›› تەقدىم قىلدى.

     ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

     ئاپتونوم رايون 2011- يىلىدىن باشلاپ ئۇدا ئىككى يىل ‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا چېتىشلىق چوڭ-چوڭ ئىشلارنى ‹‹قۇرۇلۇش›› شەكلىدە ئورۇنلاشتۇردى. جايلار، تارماقلار بۇنى چوڭ ۋەزىپە دەپ بىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، سىجىل ئىلگىرى سۈردى. 2012- يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئورۇنلاشتۇرغان 25 ساھەگە چېتىلىدىغان 90 تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ يىللىق كۆزلىمە نىشانى تاماملاندى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى %70 تىن ئارتۇق تۈر ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى.

     ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا 2013- يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى›› پائالىيىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇش قارار قىلىندى. بۈگۈن يىغىندا بېكىتىلگەن 2013- يىللىق نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى پىلانى 25 ساھەگە چېتىلىدىغان 100 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ تۈرلەر ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان كىيىم – كېچەك، تاماق، تۇرالغۇ، لازىمەت ۋە قاتناش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، داۋالىنىش، مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلىدۇ. داۋاملاشتۇرۇلىدىغان تۈرلەردىن باشقا، يەنە 18 يېڭى تۈر قوشۇلدى، بۇ 13 ۋىلايەت، ئوبلاستنىڭ نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاپتونوم رايون خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت 100 تۈرنى يولغا قويۇش ئۈچۈن، مەركەز، گوۋۇيۈەن تارماقلىرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پائال تىرىشماقتا، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون مالىيەسى 18 مىليارد 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجراتتى، بۇ بۇلتۇرقىدىن 1 مىليارد 300 مىليون يۈەن ئارتۇق.

     جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى›› پائالىيىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇش 18- قۇرۇلتاي روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئېھتىياجى، ‹‹ئىككىدە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش››، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ئېھتىياجى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئېھتىياجى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنىڭ تۇتقىسى، شۇنداقلا ھەرمىللەت خەلقنىڭ گۈزەل ئارزۇسى. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش مۇھىم ئىقتىسادىي خىزمەت بولۇپلا قالماي، يەنە مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە.

     جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: 2013 – يىلى يولغا قويۇلىدىغان نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى تۈرلىرى ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك كومىتېتى 4- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنىنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى. بۇ يىلقى نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى تۈرلىرىدە ئاساسىي خاراكتېر، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش خاراكتېرى، سىجىللىق ۋە قاراتمىلىقنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاممىنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش، نەپكە ئېرىشكۈچىلەرنىڭ دائىرىسى كەڭ بولۇش، خىراجەتنى كاپالەتلەندۈرۈش، يىللىق نىشان ئېنىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يۇقىرى پەللە، يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى ئۈنۈمدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. يىغىپ ئېيتقاندا، ياخشى ئىشنى ياخشى بېجىرىش، پۇقرالارنىڭ كۆڭلىگە ياققۇدەك بېجىرىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك بېجىرىش كېرەك.

     جاڭ چۈنشيەن مۇنداق تەكىتلىدى: مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ۋە ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەپ، مائارىپ، داۋالاش، ساقلىق ساقلاش، مەدەنىيەت قاتارلىق خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇشلارغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق كادىرلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، پۇقرالارغا ھەقىقىي نەپ يەتكۈزۈش كېرەك.

     ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى، ئەركىن ئىمىرباقى، نۇرلان ئابىلمەجىن، خەن يۇڭ، شاۋكەت ئىمىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇخەيلۇن، بەي جىجيې، كۈرەش مەخسۇت، ئەركىنجان تۇراخۇن، خۇ ۋېي، شيۇڭ شۇەنگو، غانىبات سابۇكەي قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ ۋېي قۇرۇلۇش تۈرلىرى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

     25 خىل خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى تۆۋەندىكىچە :

     1. ئەمىن تاپقۇزۇپ ، خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى

     2. مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى

     3. تۇرالغۇ ئۆي كاپالەت قۇرۇلۇشى

     4. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى

     5. ئىجتىمائىي كاپالەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قۇرۇلۇشى

     6. يېزا يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى

     7. يېزا قۇرۇلۇشى ۋە تۇرمۇش يېمەكلىكلىرىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قۇرۇلۇشى

     8. ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشى

     9. يېزا ئىگىلىكىگە ئېتىبار بېرىپ ، تولۇقلىما تارقىتىش ، خەلقنى بېيىتىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشى

     10. دېھقان ، چارۋىچىلارنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن يۆلەش ، ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى

     11. نامراتلارنى يۆلەش ، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە چېەرانى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى

     12. ئاساسىي داۋالىنىش ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قۇرۇلۇشى

     13. قىيىنچىلىقى ئېغىر بىمارلارنىڭ داۋالىنىشىغا ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى

     14. ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارغا كۆڭۈل بۆلۈش قۇرۇلۇشى

     15. ياشانغاندا كۈتۈنۈش ، ياشانغانلارغا كۆڭۈل بۆلۈش قۇرۇلۇشى

     16. مائارىپ كاپالىتى قۇرۇلۇشى

     17. «قوش تىل›› مائارىپى قۇرۇلۇشى

     18. كەسپىي مائارىپ بويىچە يۆلەش قۇرۇلۇشى

     19. پەن-تېخنىكىغا تايىنىپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى

     20. زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش قۇرۇلۇشى

     21. ناھىيە، بازار تەنتەربىيە ، چېنىقىش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى

     22. بازار مال باھاسىنى كونترول قىلىش قۇرۇلۇشى

     23. شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلىرى ۋە مۇھىتنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشى

     24. ئاساسىي قاتلام كاپالەت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قۇرۇلۇشى

     25. ۋىلايەت ، ئوبلاست ، شەھەرلەرنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشى

 

     مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter