ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> پارتىيەمىزنىڭ ‹‹پارتىيە نىزامنامىسى›› گە تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش مۇساپىسى

پارتىيەمىزنىڭ ‹‹پارتىيە نىزامنامىسى›› گە تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش مۇساپىسى

2013-02-19 12:09     كۆرۈلۈشى: 1762 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئابلەت ئابدۇجېلىل        «پارتىيە نىزامنامىسى›› پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى، سىياسىي، تەشكىلىي ھەرىكەت بىرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن نىزام بولۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ۋە تەشكىلىي پوزىتسىيە....

ئابلەت ئابدۇجېلىل

 

     «پارتىيە نىزامنامىسى›› پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى، سىياسىي، تەشكىلىي ھەرىكەت بىرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن نىزام بولۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ۋە تەشكىلىي پوزىتسىيەسىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى، ئۇ پارتىيەنىڭ تەشكىلىي قائىدىلىرى ھەققىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق بەلگىلىمە بولۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى ئومۇمىي خاراكتېرگە ئىگە يېتەكچى ھۆججەت.

     جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 90 نەچچە يىللىق تارىخىي مۇساپىدە ‹‹پارتىيە نىزامنامىسى››گە تۈزۈتۈش كىرگۈزۈشتە ئالتە چوڭ مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى.

     بىرىنچى مۇساپە: پارتىيە 2- قۇرۇلتىيىدا پارتىيەمىزنىڭ ‹‹پارتىيە نىزامنامىسى›› تۇنجى قېتىم رەسمىي تۈزۈپ چىقىلدى.

     1921- يىلى پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك 1- قۇرۇلتىيى پارتىيە نامىنىڭ ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى›› ئىكەنلىكىنى بەلگىلىدى. 1922- يىلى 7- ئايدا ماركسىزملىق پارتىيە تەلىماتىغا ئاساسەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 2- قۇرۇلتىيىدا ‹‹پارتىيە نىزامنامىسى›› تۈزۈپ چىقىلدى. بۇ نىزامنامىدە پارتىيە ئىچىدىكى تۇرمۇش ۋە پارتىيە ئىچىدىكى مۇناسىۋەت قاتارلىق بىر قاتار پىرىنسىپلار، پارتىيە ئەزالىرى، پارتىيە تەشكىلى، پارتىيە يىغىنى، پارتىيە ئىنتىزامى قاتارلىق مەزمۇنلار بەلگىلىنىپ، پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى بىلەن زىچ ئالاقە ئورنىتىش، پارتىيە ئىنتىزامىنى كۈچەيتىش مەركەزلىك تەكىتلەندى. بۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تۇنجى ‹‹پارتىيە نىزامنامىسى›› بولۇپ، ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قانات يېيىشقا باشلانغانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر.

     ئىككىنچى مۇساپە: پارتىيە 5- قۇرۇلتىيىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تۈزۈلمىسى تۈزۈپ چىقىلدى

     1927- يىلى 4- ئايدا ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 5- قۇرۇلتىيىدا ‹‹پارتىيە نىزامنامىسى››گە تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە تۈزۈلمىسى ئېنىق بەلگىلەندى. بۇ قۇرۇلتايدا ماقۇللانغان يېڭى ‹‹پارتىيە نىزامنامىسى›› ئىلگىرىكى ئۈچ ‹‹پارتىيە نىزامنامىسى››دىكى پارتىيە ئەزالىرى، پارتىيە تەشكىلى، پارتىيە يىغىنى، پارتىيە ئىنتىزامى، پارتىيە راسخوتى، قوشۇمچە نىزاملار قاتارلىق مەزمۇنلار ئاساسىدا ‹‹پارتىيە قۇرۇلۇشى››، ‹‹پارتىيەنىڭ مەركىزىي ئورگانلىرى››، ‹‹ئۆلكىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى››، ‹‹شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى››، ‹‹رايونلۇق تەشكىلاتلار››، ‹‹پارتىيە ياچېيكىلىرى››، ‹‹پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى››، ‹‹پارتىيە بىلەن كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى›› قاتارلىق مەزمۇنلار قوشۇلدى.

     ئۈچىنچى مۇساپە: پارتىيە 7- قۇرۇلتىيىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى بەلگىلەندى.

     1945- يىلى 6- ئايدا ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 7- قۇرۇلتىيىدا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلگەن ‹‹پارتىيە نىزامنامىسى››دە ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ بەلگىلەندى.

     تۆتىنچى مۇساپە: پارتىيە 12- قۇرۇلتىيىدا ‹‹نىزامنامە بويىچە پارتىيەنى ئىدارە قىلىش››تەك تەرەققىيات يولىدا مېڭىش بەلگىلەندى

     1982- يىلى ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 12- قۇرۇلتىيىدا يېڭى ‹‹پارتىيە نىزامنامىسى›› مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاندى. بۇنىڭدا پارتىيەنىڭ 9-، 10-، 11- قۇرۇلتايلىرىدا ماقۇللانغان ‹‹پارتىيە نىزامنامىسى›› دىكى سولچىل خاتالىقلار تۈزىتىلىپ، ھاياتىي كۈچكە ئىگە مەزمۇنلار كىرگۈزۈلۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مەزگىلىدە پارتىيە ئىشلىرىنىڭ ساغلام، ئوڭۇشلۇق قانات يېيىشىغا توغرا ئاساس سېلىندى.

     پارتىيە 12- قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلگەن ‹‹پارتىيە نىزامنامىسى››دە پارتىيەنىڭ خاراكتېرىگە توغرا تەبىر بېرىلىپ، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو ئىشچلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى، جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سادىق ۋەكىلى، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسى››دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ يەنە پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىگە ئىزاھات بېرىلىپ، ‹‹يولداش ماۋزېدۇڭنى ئاساسىي ۋەكىل قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزم – لېنىنىزم ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسىنى بەرپا قىلدى. ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى ماركسىزم – لېنىنىزمنىڭ جۇڭگوغا تەتبىقلىنىشى ۋە راۋاجى، ئەمەلىيەت جەريانىدا ئىسپاتلانغان جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇشىدىكى توغرا نەزەرىيەۋى پىرىنسىپ ۋە تەجرىبىلەرنىڭ يەكۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ كوللېكتىپ ئەقىل – پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى›› دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

     بەشىنچى مۇساپە: پارتىيە 16- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن‹‹پارتىيە نىزامنامىسى›› گە يېڭى مەزمۇنلار كىرگۈزۈلۈپ، دەۋر خاسلىقىغا ئىگە قىلىندى.

     پارتىيەمىز 1921- يىلى قۇرۇلغاندىن تارتىپ تاكى 2002 – يىلى پارتىيە 16- قۇرۇلتىيىگىچە پارتىيەنىڭ خاراكتېرى ئىزچىل تۈردە ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى، جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سادىق ۋەكىلى، جۇڭگونىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسى››دەپ تەكىتلىنىپ كەلدى. بۇ بايانلار ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرگە ماس كەلمەي قالدى. شۇڭا، پارتىيەمىز 2002- يىلى 16- قۇرۇلتايدا ‹‹پارتىيە نىزامنامىسى››گە تۈزۈتۈش كىرگۈزۈپ، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى، جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سادىق ۋەكىلى، جۇڭگونىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسى›› دېگەن تەبىرنى بېيىتىپ، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسى›› دەپ ، ‹‹پارتىيە نىزامنامىسى››نى دەۋر خاسلىقىغا ئىگە قىلدى، دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈردى.

     ئالتىنچى مۇساپە: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا ‹‹ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى›› ‹‹پارتىيە نىزامنامىسى›› گە كىرگۈزۈلۈپ، ‹‹پارتىيە نىزامنامىسى›› دەۋر ۋە تەرەققىيات تەلىپىنى مەركەزلىك ھالدا ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

     ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى بىلەن ھەمتومۇرداش بولغان ھەم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان ئىلمىي نەزەرىيە، ماركسىزمنىڭ تەرەققىيات قارىشى ۋە مېتودولوگىيەسىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى، ماركسىزمنىڭ جۇڭگوچىلاشتۇرۇلۇشىدىكى ئەڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيىتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كوللېكتىپ ئەقىل – پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، شۇنداقلا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورال. پارتىيەمىز ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە. بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي ‹‹پارتىيە نىزامنامىسى››دە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى بىلەن بىرلىكتە پارتىيەنىڭ ھەرىكەت قىبلىنەماسى قىلىشنى قارار قىلدى. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى پارتىيەمىزنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتىكى ئەڭ يېڭى نەتىجىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۈگۈنكى جۇڭگودا ماركسىزم تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter