ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> بىلىم خۇمار قىزلىرىمىزنى يۆلىگەنلەر ياشنىسۇن

بىلىم خۇمار قىزلىرىمىزنى يۆلىگەنلەر ياشنىسۇن

2012-09-09 12:36     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: مېھرىگۈل تۇردى        مائارىپ بىر رايون خەلقى ۋە شۇ رايون تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى، قىز–ئاياللار مائارىپى مىللەت ساپاسىنىڭ تۈۋرۈكى. يېقىندا شىنجاڭ ‹‹ئۆزتۈرك›› خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ئۆتكۈزگەن ب....

مېھرىگۈل تۇردى

 

     مائارىپ بىر رايون خەلقى ۋە شۇ رايون تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى، قىز–ئاياللار مائارىپى مىللەت ساپاسىنىڭ تۈۋرۈكى. يېقىندا شىنجاڭ ‹‹ئۆزتۈرك›› خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ئۆتكۈزگەن بىر قېتىملىق پائالىيەتتە قىزلارنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم. بۇ شىركەت قىزلارنىڭ تەربىيەلىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە قوللاش جەھەتتە باشلامچى بولۇپ ‹‹ئاسپىرانتقىزلار ئوقۇش مۇكاپاتى›› تەسىس قىلىپ، دەسلەپكى قەدەمدە تىرىشىپ ئوقۇۋاتقان قىيىنچىلىقى بار 20 ئاسپىرانت قىزغا 2000 يۈەندىن 4000 يۈەنگىچە ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىپ، قىزلارنىڭ ئالىي بىلىم يۇرتىدا داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇش قىزغىنلىقىنى قوللىدى. بۇ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقىتىش پائالىيىتىدە سورۇن ئەھلى مەزكۇر شىركەتنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇيدىغان قىزلارنى قوللاش پائالىيىتىنى ئون يىلغىچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ شىركەت مەسئۇللىرىدىن تولىمۇ سۆيۈندى.

     مەزكۇر مەرىپەتپەرۋەر كارخانىنىڭ شۇ كۈنىدىكى خاسىيەتلىك ئىشى ماڭا بۇنىڭدىن يەتتە – سەككىز يىللار ئىلگىرىكى بىر ئىشنى ئەسلەتتى. ئاقسۇ ۋىلايىتىگە مۇخبىرلىققا بارغىنىمدا بىر تونۇشۇم كەپتەر شورپىسى ئىچىشكە تەكلىپ قىلدى ھەم بۇ ئاشخانىنىڭ خوجايىنىنىڭ 50 نەچچە يېتىم قىزنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم بېرىۋاتقان پاتىگۈل خانىم قاتارلىق ئۈچ ئايال ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. شۇ ۋاقىتتا مەن بۇ ئايال كارخانىچىلار ھەققىدە ‹‹يۆلەكسىزنى يۆلىگەنلەر ياشنىسۇن›› دېگەن تېمىدا چاتما زىيارەت خاتىرىسى يازغانىدىم. ‹‹ئۆزتۈرك›› شىركىتىنىڭ تىرىشچان، بىلىمخۇمار قىزلىرىمىزنىڭ غېمىنى يېگەنلىكىدىن ‹‹بىلىمخۇمار قىزلىرىمىزنى يۆلىگەنلەر ياشنىسۇن›› دېگەن تۇيغۇغا كەلدىم.

     قىزلىرىمىز كەلگۈسىدە ‹‹بىر قولىدا بۆشۈك، بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ››. قىزلارنى بىلىملىك قىلىپ تەربىيەلىگەندىلا، كەلگۈسىنىڭ ئىگىلىرىنى ياراملىققىلىپ يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ. ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئەگىشىپ، قىز–ئاياللارنىڭ قەدىر–قىممىتى ۋە ئىجتىمائىي ئورنىغا بولغان تونۇشىمىزنى دېگەندەك ئايدىڭلاشتۇرالمايۋاتىمىز، مۇشۇنداق ئەھۋالدا جەمئىيىتىمىزدە قىزلارنىڭ تەربىيەلىنىشىگە ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان ياخشى كەيپىياتى بارلىققا كەلتۈرۈش تولىمۇ مۇھىم. شىنجاڭ ‹‹ئۆزتۈرك›› خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىرادىلىك قىزلىرىمىز ئۈچۈن بۇ مۇكاپاتنى تەسىس قىلىشى مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى تونۇشىنى ئۆستۈرۈشىگە ھەم قىزلارنىڭ تەربىيەلىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈشىگە تۈرتكە بولۇش رولىنى ئوينىغۇسى.

      ئىشىنىمىزكى، جەمئىيىتىمىزدە مەرىپەتپەرۋەرلەر تېخىمۇ كۆپىيىپ، ئائىلىسىدىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلى يېرىم يولدا ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشقا دۇچ كېلىۋاتقان پەرزەنتلىرىمىز تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈش، ياردەم بېرىشكە ئېرىشەلىسە، ئىشلىرىمىز تېخىمۇ گۈللەنگۈسى.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 جەمئىي 2 دانە ئىنكاس قالدۇرۇلدى
  1. يىكەنداز
    2013-06-08 23:49 ablimitt 

    ئالامەت ياخشى ئىش بۇلۇپلا قالماي يەنە بۇ خەۋەرنىڭ ئۆزىمۇ تەربىيۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن…

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]
  2. دىۋان
    2013-06-09 09:15 تۇران تېكىن 

    ھازىر بۇنداق قىزلىرىمىز ئەرلىرىمىزگە قارىغاندا تېز كۆپىيىۋاتىدۇ.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter

مىكرو بلوگىم _ سىزمۇ ئەگىشىڭ