ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> روسىيە نىمە ئۈچۈن ياپونىيەگە پات – پات ھەيۋە قىلىدۇ؟

روسىيە نىمە ئۈچۈن ياپونىيەگە پات – پات ھەيۋە قىلىدۇ؟

2012-09-07 12:10     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:       روسىيە زوڭلىسى مېدېۋېدېۋ بۇ يىل 7- ئايدا روسىيە بىلەن ياپونىيە ئارىسىدا تالاش – تارتىش قوزغىغان جەنۇبىي كورىل تاقىم ئاراللىرى (ياپونىيە شىمالدىكى تۆت ئارال دەپ ئاتايدۇ) ئارىسىدىكى كوناشىرى ئ....

      روسىيە زوڭلىسى مېدېۋېدېۋ بۇ يىل 7- ئايدا روسىيە بىلەن ياپونىيە ئارىسىدا تالاش – تارتىش قوزغىغان جەنۇبىي كورىل تاقىم ئاراللىرى (ياپونىيە شىمالدىكى تۆت ئارال دەپ ئاتايدۇ) ئارىسىدىكى كوناشىرى ئارىلىنى كۆزدىن كۆچۈرگەندىن كېيىن، ياپونىيە بۇنىڭغا قاتتىق ئىتىراز بىلدۇردى. ئارالغا چىقىش ۋەقەسى تېخى بېسىقماي تۇرۇپلا، روسىيە تېنچ ئوكيان فلوتى 14- ئاۋغۇست يەنە جەنۇبىي كورىل تاقىم ئاراللىرىنى چارلايدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ ياپونىيەنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق ئاگاھلاندۇرغانلىق بولدى.

 

 

 

     روسىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پات – پات ياپونىيەگە ھەيۋە قىلىشى قېنى قىزىپ كەتكەنلىك بولماستىن بەلكى ئەتراپلىق ئويلۇشۇپ قوللىنىلغان ھەركەت. روسىيە قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشتە ئامېرىكىنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك مۇھىم نۇقتىسىنى ئاسىيا، تېنچ – ئوكيان رايۇنىغا يۆتكىگەنلىكى ئېلىپ كىلىدىغان يۇشۇرۇن ئاقىۋەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، زىمىننى قوغداش ئىرادىسىنى تەكىتلەشنى، شۇنداقلا جەنۇبىي كورىل تاقىم ئاراللىرىنى ھەقىقىي كونتۇرۇل قىلىشنى مەقسەت قىلغان.

     جەنۇبىي كورىل تاقىم ئاراللىرى كامچاتكا يېرىم ئارىلى بىلەن خوككايدۇ ئارىلىنىڭ ئارىسىدا، ياپونىيە خابوماي، شىكوتان، كوناشىرى، ئىتۇرۇپ ئاراللىرىنى شىمالدىكى تۆت ئارال دەپ ئاتايدۇ. جەنۇبىي كورىل تاقىم ئاراللىرىنى چۆرىدىگەن تالاش – تارتىش روسىيە – ياپونىيە مۇناسىۋىتىدىكى يىشىلمەس تۈگۈن بۇلۇپ قالدى. روسىيە بىلەن ياپونىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېزرەك نورماللاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمۈت قىلغان بولسىمۇ، زىمىن مەسىلىسى ئىككى دۆلەتكە تاغدەك توسالغۇ بۇلۇپ قالدى.

     يىلىتسىن دەۋرىدە ئىقتىسادى كاساتلىشىپ قالغان روسىيە ئىككى ئارالنى ياپونىيەگە سېتىپ بىرىش ئويىدىمۇ بولغان. پۇتىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن دەسلەپكى مەزگىلدە ياپونىيەنىڭ ئەينى چاغدىكى باش ۋەزىرى يۇشىرو مورى بىلەن ئىككى ئارالنى قايتۇرۇپ بىرىش ئىھتىماللىقى بولغان قوشما بايانات ئىمزالىغان. لېكىن ياپونىيە ھۆكۈمىتى روسىيەنىڭ تۆت ئارالنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇپ بىرىشنى قاتتىق تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالغاچقا، روسىيەنىڭ زىمىن مەسىلىسى توغرىسىدىكى پوزىتسىيەسى بارغانسىرى كەسكىنلىشىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن پۇرسەت قولدىن كەتكەن.

     يېقىنقى يىللاردا روسىيە ھەرخىل ۋاستىلەرنى قوللۇنۇپ، جەنۇبىي كورىل تاقىم ئاراللىرىنى ھەقىقىي كونتۇرۇل قىلىشنى كۈچەيتتى. ئەينى چاغدىكى روسىيە زوڭتوڭى مېدېۋېدېۋ، بىرىنچى مۇئاۋېن زوڭلى سېماشكو، مۇئاۋېن زوڭلى ئىۋانوۋ، دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى سېرديۇكوۋ قاتارلىق ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئارقا – ئارقىدىن بۇ ئاراللارنى كۆزدىن كۆچۈردى. روسىيە ھۆكۈمىتى يەنە ئاراللارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلىشىنى تىزلەتتى ھەم قوشنا دۆلەتلەرنى بۇ ئاراللارنى بىرلىكتە ئېچىشقا تەكلىپ قىلدى. دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى سېرديۇكوۋ ھەتتا كوناشىرى ئارىلى بىلەن ئىتىرۇپ ئارىلىغا قۇشۇن ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ياپونىيە روسىيەنىڭ قىلمىشلىرىغا قايتا – قايتا قاتتىق ئىتىراز بىلدۈرگەن بولسىمۇ روسىيە يەنىلا خالىغىنىنى قىلدى.

     ئامېرىكىنىڭ ئىستىراتىگىيەلىك مۇھىم نۇقتىسىنىڭ ئاسىيا – تېنچ ئوكيان رايۇنىغا يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ، روسىيەنىڭ يىراق شەرىق رايۇنىنىڭ روسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ تىركىشىدىغان ئالدىنقى سەپ بازىسىغا ئايلىنىپ قېلىشى ئىھتىمالغا ناھايىتى يېقىن بولغاچقا، جەنۇبىي كورىل تاقىم ئارىلىنىڭ روسىيەنىڭ ئاسىيا – تېنچ ئوكيان رايۇنى ئىستىراتىگىيەسىدىكى مۇھىم ئورنى بارغانسىرى گەۋدىلەندى. روسىيە فرانسىيەدىن سېتىۋالغان «غەربىي شىمال بورىنى» دەرىجىلىك سۇ ۋە قۇرۇقلۇقتا يۈرەلەيدىغان ئىككى ھۇقۇمچى پاراخۇتنى تېنچ ئوكيان فىلوتىغا قوشماقچى بولغانلىقىنىڭ ئۆزىلا چوڭقۇر مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

     ياپونىيەنىڭ زىمىن تالاش – تارتىش مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى بارغانسىرى قاتتىق بولىۋاتقان ھەم ئامېرىكىنى روسىيەگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشقا ئۆزىگە تارتىشقا ئورىنىۋاتقاندا، روسىيەنىڭ ياپونىيەمۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە جەنۇبىي كورىل تاقىم ئاراللىرىنى «ياپونىيە – ئامېرىكا خەۋىپسىزلىك كاپالىتى شەرتنامىسى» بۇيىچە قوغدىلىدىغان دائىرىگە كىرگۈزۈشى؛ جەنۇبىي كورىل تاقكىم ئاراللىرىنى ياپونىيەگە قايتۇرۇپ بەرسەك ياپونىيە قوغدىنىش قىسمى ھەتتا ئامېرىكا قوشۇنى بىزگە ھەيۋە قىلىش مەقسىدىدە بۇ ئاللارغا ئورۇنلىشىۋېلىشى مۈمكىن دەپ ئەندىشە قىلىشىنى تامامەن ئورۇنلۇق دىيىشكە بۇلىدۇ. روسىيە دەل مۇشۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ياپونىيەگە قاتتىق پوزىتسىيە تۇتقان بۇلسا كېرەك.

 

        (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter