راخمان ئېزىز
رەقەملىك تېلېۋىزىيە رەقەملىك سىگنال بىر تەرەپ قىلغۇچ، كەڭ دائىرىلىك توپلاشتۇرۇلغان توك يولى ياساش، كومپيۇتېر قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك پەن – تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، رەڭسىز ۋە رەڭلىك تېلېۋىزىيەدىن كېيىنلا بارلىققا كەلگەن، سۈزۈكلۈك دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ئۈچىنچى ئەۋلاد تېلېۋىزوردۇر. رەقەملىك تېلېۋىزىيە ئەمەلىيەتتە ئائىلىلەردىكى قوبۇللاش ئاپپاراتىنىلا كۆرسەتمەستىن، بەلكى تارقىتىش، يەتكۈزۈشتىن تارتىپ قوبۇل قىلىشقىچە بولغان پۈتكۈل جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن يوللانغان سۈرەت ۋە ئاۋاز سىگنالى رەقەمنى پىستېرلاش ۋە رەقەملىك تەڭشەش قاتارلىق ھالقىلاردىن ئۆتىدۇ، شەكىللەنگەن رەقەملىك تېلېۋىزيە سىگنالى ئادەتتە ھاۋادا سىمسىز ياكى كابېل سىمىدىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكىل ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ. رەقەملىك تېلېۋىزىيەدىكى قوبۇللىغۇچ قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، رەقەملىك يېشىش ۋە رەقەملىك كۆرۈنمە ئاۋاز چاستوتىلىق كود يېشىپ بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى سۈرەت ۋە ئاۋاز ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.
تېلېۋىزيە نومۇرلىرىنى سۈرەتكە ئېلىش، تەھرىرلەش، تارقىتىش، يەتكۈزۈش، قوبۇللاپ كۆرسىتىشكىچە بولغان جەريانلار ئادەتتە رەقەملەشتۈرۈش تېخنىكىسى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، شۇڭا، سىگناللارنىڭ پۈتكۈل جەريانىدىكى توسالغۇغا ئۇچراش ۋە خوراش ئەھۋالى ئادەتتىكى تېلېۋىزىيە سىگنالىغا قارىغاندا كۆپ تۆۋەن بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قوبۇل قىلىنغان تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىنىڭ سۈزۈكلۈك دەرىجىسىمۇ ئادەتتە نەق مەيدانىدىكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.
رەقەملىك تېلېۋىزىيە تېلېۋىزىيە تېخنىكىسىدىكى بىر قېتىملىق بۆسۈشتۇر. رەقەملىك تېلېۋىزىيە كومپيۇتېر ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، گىرەلەشمە شەكىلدىكى قوش يۆنىلىشلىك ئۇچۇر يەتكۈزۈپ، تېلېۋىزىيەنى نومۇر كۆرسىتىش، تورغا چىقىش، ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسىنى يوللاش قاتارلىق نۇرغۇن يېڭىچە ئىقتىدارلارغا ئىگە قىلدى، شۇنىڭدەك توردا مال سىتېۋىلىش ۋە تور بانكا مۇلازىمىتى قاتارلىق كەسىپلەرنى يولغا قويۇپ، نۆۋەتتىكى ئۇچۇرلاشقان، زامانىۋى ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ قالدى.