تۇنجى ئاۋىياماتكىغا نېمە ئۈچۈن «لياۋنىڭ»
دەپ نام بېرىلدى؟
دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي كېمىلەرگە نام قۇيۇش نىزامى»غا ئاساسەن، ئاۋىياماتكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرىنچى دەرىجىلىك كېمىلەرگە، مەسىلەن، ئاۋىياماتكا، ئوكيان چارلاش پاراخوتلىرىنىڭ ھەممىسىگە مەمۇرىي ئۆلكە (ئاپتونوم رايون)نىڭ نامى ياكى سۆز بىرىكمىسى ئىسىم قىلىپ قويۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەزكۇر نىزامدا يەنە ھەربىي كېمىلەرنىڭ نامى چوقۇم ياڭراق، مەزمۇنلۇق بولۇشى، دۆلەتنىڭ ئىززەت-ئابرۇيى گەۋدىلەنگەن بولۇشى، جۇڭگونىڭ «ئۇزاق تارىخى ۋە مەدەنىيىتى» ئىپادىلەنگەن ۋە «تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان» بولۇشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن.
ئازادلىق ئارمىيە گېزىتخانىسىنىڭ مۇخبىرى سۈن لى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ھەممە كۆز تىكىۋاتقان تۇنجى ئاۋىياماتكىغا نام قويۇشتا، ھەر قايسى تەرەپنىڭ ھەر قانداق پىكىر ئىختىلابىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان نام قويۇش لايىھەلىرى بىردەك قارشى ئېلىنمايدۇ، مەمۇرىي ئۆلكە (ئاپتونوم رايون)لەرنىڭ نامىنى بېرىش ئاساسلىق تاللاش ئوبيېكتى قىلىنىدۇ.
دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۈچ چوڭ فىلوتىنىڭ رايون تەۋەلىكىگە ئاساسەن، جۇڭگونىڭ تۇنجى ئاۋىياماتكىسىنىڭ شىمالىي دېڭىز فىلوتىغا سەپلىنىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم مەخپىيەتلىك بولۇپ قالغانىدى. داليەن پورتى جايلاشقان لياۋنىڭ ئۆلكسى ۋارياگ ناملىق ئاۋىياماتكا «يېڭىدىن ھاياتلىققا ئېرىشكەن» جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە، لياۋنىڭ جۇڭگونىڭ دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىنىڭ شىمالىي باشلىنىش نۇقتىسى، جۇڭگونىڭ تۇنجى ئاۋىياماتكىسىغا نام قويۇشتا ئۇنىڭدىنمۇ مۇۋاپىق تاللاش يوق.