ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> يېزا–بازارلاردىكى مەدەنىيەت پونكىتلىرىنىڭ رولىنى كۈچەيتىش كېرەك

يېزا–بازارلاردىكى مەدەنىيەت پونكىتلىرىنىڭ رولىنى كۈچەيتىش كېرەك

2012-10-08 10:54     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ھاجىرەم ياسىن        ئاپتونوم رايونىمىز مەركەزنىڭ ‹‹شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى›› نىڭ ئىلھامىدا يېزا – بازارلاردىكى مەدەنىيەت پونكىتلىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، مەدەنىيەت پونكىتلىرىنىڭ شارائىتىنى ياخش....

ھاجىرەم ياسىن

 

     ئاپتونوم رايونىمىز مەركەزنىڭ ‹‹شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى›› نىڭ ئىلھامىدا يېزا – بازارلاردىكى مەدەنىيەت پونكىتلىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، مەدەنىيەت پونكىتلىرىنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاپ، تۈرلۈك ژانىردىكى كىتاب – ژۇرنال تولۇقلاپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن مەدەنىيەت پونكىتلىرى دېھقان – چارۋىچىلار ئۆزلىرى ئېھتىياجلىق قانداق كىتابنى كۆرىمەن، دېسە كۆرۈپ، بىلىم، تېخنىكا ئىگىلىيەلەيدىغان، مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتالايدىغان مۇھىم مەدەنىيەت تارقىتىش سورۇنىغا ئايلاندى. مۇشۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەدەنىيەت پونكىتلىرى ئىلغار مەدەنىيەت تارقىتىشنىڭ ئالدىنقى سېپى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن خەلق ئاممىسىنى يېتەكلەش، تەربىيەلەشتەك مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان.

     ھازىر، يەر شارى مىقياسىدا ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت كۆپ خىللىشىشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق شارائىتتا يېزا – بازارلاردىكى مەدەنىيەت پونكىتلىرى ئىلغار مەدەنىيەتنى تارقىتىدىغان، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ پەن – تېخنىكا ئۆگىنىپ، ئىلمىي تېرىقچىلىق ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان، ئىشتىن سىرتقى مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىدىغان مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، يېزا مەدەنىيەت ئىشلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئوينىماقتا. يېزا – بازارلاردىكى مەدەنىيەت پونكىتلىرى دېھقان – چارۋىچىلار ئۈچۈن ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىپ، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ئاساسىي قاتلامغا، خەلق ئاممىسىغا يۈزلەندۈرۈپ، يېزىلاردا سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەم مەدەنىيەت ئىشلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم بازىسى. شۇڭا يېزا – بازارلاردىكى مەدەنىيەت پونكىتىدىكى خادىملار دېھقان – چارۋىچىلارنى ھەرخىل مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا تەشكىللەپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇلارنى تەربىيەلەش بىلەن بىللە يەنە ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مەدەنىيەت پونكىتىنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇلارنىڭ تەلەپ، تەكلىپلىرىنى يۇقىرىغا ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ، كەم كىتابلارنى تولۇقلاش ئارقىلىق ياخشى مەنىۋى مۇھىت يارىتىپ، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، يېزا مەدەنىيەت ئىشلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشقا كۈچىشى كېرەك.

     ھازىر، بەزى يېزا – بازارلاردا نوقۇل ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى قوغلىشىپ، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا سەل قارايدىغان ئەھۋال كۆرۈلمەكتە. بۇنداق ئەھۋالغا قارىتا مەدەنىيەت پونكىتى خادىملىرى مەسئۇلىيەتچانلىق روھى بىلەن دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ، رەھبەرلىكنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، مەدەنىيەت ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك. يېزا – بازارلاردىكى نوپۇسنىڭ جايلىشىشى تارقاق، رايون ئالاھىدىلىكى ئۆزگىچە، ئىقتىسادىي شارائىتى ئوخشىماسلىقتەك ئەھۋالغا ئاساسەن، ئەمەلىي ئىشلىتىش قىممىتىگە ئىگە مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلاپ، دېھقان – چارۋىچىلار ئېھتىياجلىق قورال كىتاب، پەننىي ژۇرناللار بىلەن بىللە ئەدەبىي كىتاب – ژۇرناللارنىمۇ كەلتۈرۈپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىنى ھەقىقىي قاندۇرۇشقا كۈچىشى كېرەك.

     ئۇنىڭدىن باشقا ئىمكانىيەت يار بەرگەن ئەھۋالدا مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش، شەكلى خىلمۇخىل بولغان مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك. چۈنكى بۇنداق پائالىيەتلەر يېزا مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا مەدەنىيەت پونكىتى خادىملىرى كۈندىلىك خىزمىتىدە تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك:

     1. پارتىيەنىڭ يېزىلارغا قاراتقان فاڭجېن – سىياسەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ دېھقان – چارۋىچىلارنى بېيىتىشقا دائىر ئېتىبارلىق سىياسىتىنى دەل ۋاقتىدا تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈشى كېرەك.

     2. ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، مەزمۇنى ساغلام بولمىغان نەشر بۇيۇملىرى، قىمار قاتارلىق ناچار ھادىسىلەرگە قارشى تۇرۇشتا ئاۋانگارتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى سوتسىيالىستىك تەلىم – تەربىيە خىزمىتى بىلەن جانلىق بىرلەشتۈرۈشى، دېھقانلارنى پىكىر بايان قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ يۈرەك ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، تۈرلۈك كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق تەربىيە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

     3. ئائىلە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. چۈنكى ئائىلە مەدەنىيىتى، يېزا – كەنت مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئائىلە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، يېزا – بازارلاردا ئىلىم – پەن، مەدەنىيەت، ئەخلاق تەكىتلىنىدىغان يېڭى ئىستىل بەرپا قىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

     4. ئەل ئىچى مەدەنىيىتىنى ئېچىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئەل ئىچى مەدەنىيىتى، يېزا مەدەنىيىتىنىڭ مەنبەسى، بۇ مەدەنىي مىراسلار ھاياتى كۈچكە ئىگە بولۇپلا قالماي يەنە دېھقان – چارۋىچىلارنى جەلپ قىلىش ۋە قىزىقتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ روھىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلاردا ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتىدىن پەخىرلىنىدىغان، ئۆگىنىشكە، يېڭىلىقنى قوبۇل قىلىشقا ئىنتىلىدىغان روھنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 جەمئىي 2 دانە ئىنكاس قالدۇرۇلدى
  1. دىۋان
    2012-11-02 15:57 مىھمان 

    تۇران تېكىن ئەپەندى، بلوگ مەزمۇنلىرى يېڭىلانمايدىغۇ؟ خىزمەتلەر ئالدىراشمۇ قانداق؟

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    تۇران تېكىن مۇنداق دېدى:

    ئالىم بىزغا نىمە بولغانلىقىنى بىلەلمەيلا قالدىم، بلوگىمنىڭ ئەھۋالى نورمال ئەمەس. بەزىدە ئېچىلىدۇ، بەزىدە ئېچىلمايدۇ. دەي دېسەم گەپ تولا. ئوڭشۇلۇپ قالار. بولمىسا تاقاپلا قۇتۇلارمەن.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter