2- دۇنيا ئۇرىشىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى گېرمانىيە
ئەسىرلىرىنى موسكۋادا سازايى قىلغان
1944- يىلى 7- ئايدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەتەن ئۇرۇشى ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى. 7- ئاينىڭ 17- كۈنى سەھەردە نۇرغۇن گېرمانىيە ئالۋاستىلىرى موسكۋا شەھىرىگە بۆسۈپ كىرىۋېتىپتۇ، دېگەن خەۋەر تارقالدى. بۇنىڭ بىلەن موسكۋالىقلار ۋەھىمىگە چۈشۈپ قالدى. ئەمەلىيەتتە بۇ كۈنى سابىق سوۋېت ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان نەچچە ئونمىڭ گېرمانىيە ئەسكىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسى تەرپىدىن موسكۋادا سازايى قىلىنغاندىن كېيىن، نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى ئەسىرلەر لاگىرىغا ئېلىپ مېڭىلاتتى. بۇ كۈنى سازايى قىلىنغانلار 60 مىڭغا يېقىن ئادەم بۇلۇپ، ئارىسىدا بىر ئوفېتسىرلار ئەترىتى، 19 نەپەر گېنىرال، يەنە بىرمۇنچە پولكاۋنىڭ، پودپولكوۋنىكلار بار ئىدى.
2- دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، گېرمانىيىلىك بۇ ئەسىرلەر ئارقا – ئارقىدىن قويۇپ بىرىلىپ، ۋەتىنىگە قايتىشتى. ئۇلارغا نىسبەتەن 1944- يىلى 7- ئاينىڭ 17- كۈنى مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدىغان بىر كۈن بۇلۇپ قالدى. كۆپ يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ ئەسىرلەر ئىچىدىكى خارمۇد ئىسىملىك 3- دەرىجىلىك ئەسكەر ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ مۇنداق دېگەن: ئەمدىلا تاڭ ئاتاي دېگەندە، بىز كۈچلۈك سېگنال ئاۋازىدىن ئويغۇنۇپ كىتىپ، ئالدىراش ئورۇنلىرىمىزدىن تۇردۇق. بۇ كۈنى سوۋېت ئارمىيىسى ناشتىلىقنى ئالاھىيدە تەييارلىغان بۇلۇپ، بىز ياخشى ناشتا قىلدۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن بىز قاتار تىزىلىشىپ موسكۋا شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتۇق. نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىمىز ۋە نەگە بارىدىغانلىقىمىزنى بىلمىگەچكە ھەممىمىز ئەنسىرىدۇق. موسكۋا كوچىسىغا بارغاندىن كېيىن، كوچىنىڭ ئىككى ياقىسىدا لىق ئادەم تۇرغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ غەزەپكە تولغان شۇئارلىرىنى ئاڭلاپ بەك قورقۇپ كەتتۇق. بىزنى ئالدى بىلەن كوچىدا سازايى قىلىپ ئاندىن ئېتىۋىتىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدۇق.
ئەينى يىللىرى بۇ ئىشنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ھازىر قازا قىلدى. ھاياتلا بۇ ئىشنى ئىنتايىن ئېنىق بىلىدۇ. ھوللىكالا ئىسىملىك بىر موماي ئەينى چاغدا ئەمدىلا 12 ياشتا بۇلۇپ، ئۇ شۇ چاغنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: نېمىس ئالۋاستىلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى زىمىنىدا كۆيدۈرۈپ، ئۆلتۈرۈپ قىلمىغان ئەسكىلىكلىرى قالمىغان بۇلۇپ، جىنايىتىنى كەچۈرۈشكە بولمايدۇ. ھازىر بۇ ئەسىرلەر خۇددى ھايۋانغا ئوخشاش بۇ زىمىندىن ھەيدەپ چىقىرىلدى. ھايات قالغانلىقىنىڭ ئۆزىلا ئۇلارنىڭ بەختى.
نۇرغۇن شاھىدلار ئۆزلىرىنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرىغا بۇ ئۇنتۇلغۇسىز كەچمىشنى سۆزلەپ بەردى. موسكۋالىق رانا مۇنداق دېدى: 7- ئاينىڭ 17- كۈنى ئانام سامۇدىچ مەيدانىدا نەچچە سائەت تۇرغان. ئەينى چاغدا ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۈتۈپ كىتىۋاتقان گېرمانىيە ئەسىرلىرىگە تۈكۈرۈپ، تىللاۋاتقانلىقىنى، يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا بولكا ئېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن.