Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> جوڭگۇ ساقچىلىرىنىڭ ك گ ب جاسۇسلىرىنى قولغا چۈشۈرۈشى

جوڭگۇ ساقچىلىرىنىڭ ك گ ب جاسۇسلىرىنى قولغا چۈشۈرۈشى

2013-09-17 3:44     كۆرۈلۈشى: 11,157 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىنىڭ ئاخىرى جوڭگۇ – سوۋېت مۇناسىۋىتى بارغانچە يىرىكلەشكەن، جىن باۋداۋ توقۇنۇشى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، بىر مەيدان يۇشۇرۇن كۆرەش باشلانغان ئىدى.      ك گ ب 1970- يىلى يازنى....

     20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىنىڭ ئاخىرى جوڭگۇ – سوۋېت مۇناسىۋىتى بارغانچە يىرىكلەشكەن، جىن باۋداۋ توقۇنۇشى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، بىر مەيدان يۇشۇرۇن كۆرەش باشلانغان ئىدى.

     ك گ ب 1970- يىلى يازنىڭ بىر كۈنى جوڭگۇغا ئۈچ جوڭگۇلۇقتىن تەشكىللەنگەن جاسۇسلۇق گۇرۇپپىسى ئەۋەتكەن. ئۇلار سوۋېت – جوڭگۇ چېگراسىدىكى قېلىن ئورمانلىق ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بىر ئورمان رايۇنىغا كىرگەن. ئۇلار شۇ جايدىكى بىر دۇكانغا كىرىپ مال ساتقۇچىغا «مۇدەن» ماركىلىق تاماكا سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەينى ۋاقىتتا بۇ تاماكا چوڭ – كىچىك شەھەرلەردە پىلانلىق تەمىنلەيدىغان داڭلىق ماركىلىق تاماكا بۇلۇپ، چەت، يىراق جايلاردىكى كىچىك دۇكانلاردا سېتىلمايدىغان بولغاچقا مال ساتقۇچى ئۇلاردىن گۇمانلىنىپ، ئەينى چاغدا پۈتكۈل جوڭگۇلۇقلار بىلىدىغان سىياسىي ھەركەت ھەققىدە سۇئال سوراپ: ئىدارەڭلەردە «ياپون ئىشپيۇنلىرى، جياڭ جيېشى باندىنت ئىشپيۇنلىرى، سوۋېت ئىشپيۇنلىرىنى پاش قىلىش، خائىنلارغا زەربە بىرىش» ھەركىتى قانداق بولۇۋاتىدۇ دەپ سورىغان. بىراق بۇ ئۈچ جوڭگۇلۇقنىڭ بۇنىڭدىن قىلچە خەۋىرى بولمىغاچقا «ئىشپيۇن، خائىن» دېگەننىڭ نىمىلىكىنى سورىغان. قىزىقارلىقى بۇ چاغدا ئارىدىكى بىر جوڭگۇلۇق مال ساتقۇچىغا دۆلەت ئىچىدە ئاللابۇرۇن ئوبۇرتتىن توختىغان ئۈچ يۇەنلىك قەغەز پۇلنى تەڭلىگەن. مال ساتقۇچى بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ جاسۇسلۇق سالاھىيىتىنى جەزىملەشتۈرۈپ، ئۇلارنى ساقچىلارغا تۇتۇپ بەرگەن.

     جېن باۋداۋ ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ك گ ب جوڭگۇنىڭ جەمىيەت ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەردار بولغان جاسۇسلارنى قۇبۇل قىلىپ، جوڭگۇ ئاخباراتىنى توپلاش خىزمىتىدىكى پاسسىپ ھالەتنى تۈگۈتۈش ئۈچۈن، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىپ بارغان جوڭگۇلۇقلارنى جاسۇسلۇققا قۇبۇل قىلغان. 1967- يىلى جوڭگۇدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىپ بارغان ۋاڭ يەن «ۋانا» جاسۇسلۇق مەكتىۋىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن. ۋاڭ يەن مەدەنىيەت ھەم پىسخىكا ساھەسىدىكى ئارتۇقچىلىقى سەۋەپلىك ك گ ب نىڭ ئەتىۋارلىشىغا سازاۋەر بولغان. ئۇ ئوقۇشنى تاماملاپ، 1972- يىلى ئىيۇندا شىنجاڭنىڭ ئەرتىش پورتىدىن ئۈتۈپ، بىر تۈرلۈك مۇھىم ئىستىراتىگىيىلىك ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان. ئۇ ئۈرۈمچى شەھرىدە يۇشۇرنۇپ يۈرگەن جاسۇسلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئاخبارات تارقاتقاندىن كېيىن، ئەتىسى ئۈرۈمچى باغچىسىغا كىلىپ، بىر پارچە بۇيرۇقنى مەلۇم ئۇچرىشىش ئورنىغا قۇيۇپ، ھاجەتخانىغا ماڭغان. باغچىدا ئايلىنىپ يۈرگەن فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى لاۋ ليۇمۇ ھاجەتخانىغا كىرمەكچى بولغاندا بىر يىگىت ئۇنىڭدىن بىر قەدەم ئاۋۋال ھاجەتخانىغا كىرىپ كەتكەن. ئۇ ئامالسىز سىرتتا ساقلاپ تۇرغان. بىراق ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ھاجەتخانىدىن ھەربى فورما كىيگەن بىر ئەر چىققان. لاۋ ليۇ بۇنىڭدىن ھەيران قېلىپ ئۇنى سۈرەتكە تارتىۋالغان. ئەپسۇسلىنارلىغى لاۋ ليۇ باغچىدىن چىققۇچە بولغان ئارلىقتا بىرەيلەن ئۇنىڭ فوتو ئاپراتىنى ئوغۇرلىۋالغان.

     ۋاڭ يەن باغچىدىن چىقىپ، پويىز بېلىتى سېتىۋېلىپ بېيجىڭغا ماڭغان. بۇ جەرياندا چېگرا مۇداپىيە ساقچىلىرى چارلاش جەريانىدا ئەرتىش پورتىدا بىرەيلەننىڭ چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتكەن ئاياغ ئىزىنى بايقىغان. شۇ كۈنى كەچتە يەنە چېگرا مۇداپىيە ساقچىلىرى چەتئەلگە تارقىتىلغان مەخپى تېلىگراممىنى تاپشۇرۋالغان. چېگرا مۇداپىيە ساقچى تەرەپ دەرھال بۇنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلغان. ج خ مىنىستىرلىكى دەرھال تەكشۈرۈشكە ئاتلانغان. مۇتىخەسىسلەر بايقالغان ئاياغ ئىزىدىن چېگرادىن ئۆتكۈچىنىڭ 25، 26 ياشلار ئۆپچۆرىسىدە ئىكەنلىكى، مەخپى تارقىتىلغان تېلىگراممىدا شىنجاڭ ھەربى رايۇنىنىڭ باتالىيۇن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلارنى تەڭشىگەنلىكى، ئىشلەپچىقىرىش، قۇرلۇش بىڭتۇەنى بىرىنچى سەپ نۆۋەتچى روتىسى قوراللىرىنىڭ يېڭىلانغانلىقى ئېيتىلغانلىقىنى ئېنىقلىغان. شۇنداق قىلىپ ساقچىلار بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن تەكشۈرۈپ، دەسلەپتە لاۋ ليۇنىڭ فوتو ئاپراتىنى ئوغۇرلىۋالغان ئوغرىنى تۇتقان. كېيىن لاۋ ليۇنى تېپىپ ئۇنىڭدىن ھاجەتخانىدىن چىققان ياش ئەسكەرگە ئالاقىدار ئىشلارنى ئىگىلىگەن. كېيىن ۋوگزال خادىمىدىن بۇ كىشىنىڭ بېيجىڭغا كەتكەنلىكى، ئۇنىڭ ك گ ب نىڭ ئەتىۋارلاپ .ىشلىتىۋاتقان جاسۇسى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان. ساقچى تەرەپ ئۇنى ئىش قوغلاپ تەكشۈرۈپ، تورنى كەڭ يېيىپ، بېلىقنىڭ چوڭىنى تۇتماقچى بولغان.

     ۋاڭ يەن بېيجىڭغا كىلىپ، يېخېيۇەن باغچىسى ئالدىدا مالىنوف بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇيرۇق بۇيىچە شېنياڭغا بېرىپ، شېنياڭ ھەربى سانائەت پەن – تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋېن باشلىقى جاڭ مېڭفېي بىلەن ئالاقىلەشكەن. جاڭ مېڭفېي ك گ ب نىڭ راستىنلا ئۆزىنى ئىزدەپ كەلگەنلىكىدىن ھەيران قالغان. چۈنكى ئۇ 1959- يىلى يازدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق زىياپەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتىخەسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ كاتىپى رېساغا كۆيۈپ قالغان. ئەمەلىيەتتە بۇ جاڭ مېڭفېيغا قۇرۇلغان تۇزاق بۇلۇپ، رېسا ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىرىشكەن. ۋاڭ يەن ئۇنىڭغا بىر مىكرو تىپلىق فوتو ئاپرات بىرىپ، مەركەزنىڭ ھۆججى ھەم ئالاقىدار ھەربى ئەسلىھەلەرنىڭ ماتىرياللىرىنى سۈرەتكە تارتىپ بىرىشنى ئېيتقان. جاڭ مېڭفېي بۇ ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداپ تىگىشلىك ھەققە ئىرىشكەن. ئۇ ھەققە ئىرىشكەندىن كېيىن ليۇ يۈنيۈن ئىسىملىك بىر ئايال بىلەن غەيرى مۇناسىۋەتتە بۇلۇپ يۈرگەن. كېيىن جاڭ مېڭفېي يېنىدىكى 3000 يۇەن بىلەان تۇتۇلغان. ساقچى تەرەپ بۇنچە كۆپ پۇلنىڭ كىلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ ك گ ب جاسۇسىنى ئاخبارات بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئېنىقلىغان. ساقچى تەرەپ كۆپلكىگەن يىپ ئۇچىغا ئىرىشكەن بولسىمۇ ۋاڭ يەن قاتارلىق ك گ ب جاسۇسلىرىنى تۇتماي، ئۇلارنى  داۋاملىق كۈزەتكەن. ۋاڭ يەن كېيىن يەنە «7051» قۇرۇلىشى مەخپىيەتلىكىنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتمەكچى بولغاندا ج خ مىنىستىرلىكى ئۇنىڭغا دەرھال تۇتۇش بۇيرىقى چىقارغان. شۇنداق قىلىپ ك گ ب نىڭ ۋاڭ يەن قاتارلىق بىر قاتار جاسۇسلىرى غەلىبىلىك قولغا چۈشكەن.



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter