ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> بىيۇروكراتلىقنى تۈگىتىشتە خەلقنى كۆزلەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىش كېرەك

بىيۇروكراتلىقنى تۈگىتىشتە خەلقنى كۆزلەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىش كېرەك

2013-09-19 10:10     كۆرۈلۈشى: 1142 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى      ئەلرايىنىڭ مايىل بولۇش – بولماسلىقى پارتىيەنىڭ ھايات – ماماتىغا چېتىلىدۇ، بىيۇروكراتلىق پارتىيە بىلەن ئامما مۇناسىۋىتىنىڭ كۈشەندىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ: ‹‹پارتىيەمىز ب....

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

     ئەلرايىنىڭ مايىل بولۇش – بولماسلىقى پارتىيەنىڭ ھايات – ماماتىغا چېتىلىدۇ، بىيۇروكراتلىق پارتىيە بىلەن ئامما مۇناسىۋىتىنىڭ كۈشەندىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ: ‹‹پارتىيەمىز باشتىن – ئاخىر خەلق بىلەن قەلبداش، ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇپ، باشتىن – ئاخىر خەلققە تايىنىپ، تارىخنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەندىلا ئۇيۇلتاشتەك مەزمۇت تۇرالايدۇ››، دەپ تەكىتلىدى. بۇ، بىزنى غەپلەتتىن ئويغۇتىدىغان ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى، شۇنداقلا بىيۇروكراتلىقنى تۈگىتىشتىكى ئۈنۈملۈك تاكتىكا.

     ئامما بەزى تارماق ۋە كادىرلارنىڭ بىيۇروكراتلىقىدىن بەكلا نارازى بولۇۋاتىدۇ. ‹‹بىيۇروكراتلىق›› ئورگان كېسىلى، سىياسىي كېسەل بولۇش سۈپىتى بىلەن رېئال تۇرمۇشمىزدا دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ، ئامما بۇنىڭدىن ئىنتايىن بىزار بولۇۋاتىدۇ.

     ئالايلۇق، بەزى رەھبىرىي كادىرلار ئىشخانىدا ئىش بېجىرمەي ئېزىلىپ ئولتۇرۇشقا رازىكى، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ‹‹جاپا چېكىش››نى ھەرگىز خالىمايدۇ، ئاممىنىڭ ئۆزلىرىنى ‹‹ئاۋارە›› قىلىشىدىن ئەندىشە قىلغاچقا، ئۇلار بىلەن ‹‹بىر يەردە ئولتۇرۇش›› تىن قاچىدۇ؛ يەنە بەزى رەھبەرلەر ئويلانماي قارار چىقىرىدۇ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلمايدۇ، قارىغۇلارچە ئىش كۆرۈپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، بىر تالاي يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ يۇقىرىغا پو ئېتىپ، خوشامەتچىلىك قىلسا، تۆۋەندىكىلەرگە ھەيۋە قىلىپ، قاپىقىنى ئاچمايدۇ، يەنى، ئۇلارنىڭ ‹‹بوسۇغىسى داۋان، ئىشى بىراۋان، ھالى يوغان، قاپىقى يامان››؛ يەنە بەزىلىرىنىڭ تەپەككۇرى ئىنتايىن قاتمال، يۇقىرى دەرىجىلىكنىڭ قارارىنى قاتمال ئىجرا قىلىپ، ئۆلۈك قوبۇل قىلىپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى قەتئىي كۆزدە تۇتمايدۇ؛ ئەمەلدارلىق كىبىرى ئۈستۈن، ئۆز بېشىمچى، ئۆزىنى دانا ھېسابلايدۇ، باشقىلارنى سىغدۇرمايدۇ، ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرنى قوبۇل قىلمايدۇ… مانا مۇشۇنىڭدەك، ئەمەلنىڭلا كويىدا بولۇش، ئىش خوشياقماسلىق، ھوقۇق قارىشى خاتا بولۇش ئەھۋاللىرى بىيۇروكراتلىقنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىسىدۇر.

     بىيۇروكراتلىقنىڭ تىپىك ئىپادىسى بولغان ئەمەلىيەتتىن، ئاممىدىن ئايرىلىش، ئۆزىنى باشقىلاردىن چوڭ تۇتۇش، ئەمەلىيەتنى نەزەردىن ساقىت قىلىش، ئۆزىنى قالتىس چاغلاش، نەتىجىسىنى مۇبالىغە قىلىپ كۆرسىتىش خاھىشلىرى ھەم كىشىنى بىزار قىلىدۇ ھەم زور زىيان سالىدۇ، پارتىيەمىزنى چىرىتىدۇ، پارتىيەمىز بىلەن ئامما ئارىسىدا چوڭقۇر ھاڭ پەيدا قىلىدۇ. يەنئەندىكى ئىستىل تۈزىتىش مەزگىلىدىلا، ماۋ زېدۇڭ بىيۇروكراتلارنى ‹‹لاي بۇت››قا ئوخشىتىپ، ‹‹جايىدا قىمىر قىلماي ئولتۇرىدىغان كېرەكسىزلەر›› دەپ تەنقىدلىگەنىدى. 70 نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ھەممە كىشى يىرگىنىدىغان بىيۇروكراتلىق ئىستىلى تۈپتىن يوقالمىدى، ئەكسىچە، ئىپادىسى تېخىمۇ كۆپ خىللىشىپ، بەزى پارتىيەلىك كادىرلارغا ئەرۋاھلاردەك چىڭ چاپلاشتى. شۇڭا، مەركەز پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئالدىدا، بىيۇروكراتلىقنى ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا سەۋەبچى بولىدىغان ‹‹تۆت خىل ناچار ئىستىل››نىڭ بىرى قىلىپ بېكىتىپ، قاراتمىلىق، مەركەزلىك تۈزەشنى تەلەپ قىلدى.

     بىيۇروكراتلىق دائىم شەكىلىۋازلىققا كۆلەڭگىدەك ئەگىشىپلا يۈرىدۇ. مەركەز ئىستىلنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلىۋېدى، بەزىلەر ئىستىلىنى ياخشىلايدىغانلىقى توغرىسىدا جار سېلىپ، ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى ئارقا – ئارقىدىن چىقارغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ‹‹گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق›› ئىش قىلىپ، ئاستىرتىن ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلدى؛ ئورگان ئىسلاھاتىنى شەكىلگىلا قىلىپ قويدى، تەستىقلاش ھوقۇقى، باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرمىدى، كېيىنرەك ئۆزگەرتىشكە بولىدىغانلىرىنى كەينىگە سۈرۈپ، ئورگان فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشتە سۇسلۇق قىلدى؛ ئىش بېجىرىشكە كەلگەنلەرنى خۇشاللىق بىلەن كۈتۈۋالغان بولسىمۇ، ‹‹بەلگىلىمە بويىچە ئىش كۆرۈش››، ‹‹تەرتىپ بويىچە بېجىرىش››نى دەستەك قىلىپ، ھەرخىل باھانە – سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ، ئىشنى بېجىرىشتىن باش تارتتى. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، شەكلىۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا سەۋەب بولدى، بىيۇروكراتلىق، شەكىلۋازلىقنى كۈچەيتىۋەتتى. شەكىلۋازلىقمۇ بىيۇروكراتلىق ھېسابلىنىدۇ، بىيۇروكراتلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن شەكلىۋازلىققا قارشى تۇرۇش كېرەك.

     بىيۇروكراتلىق، شەخسىيەتچىلىك، راھەتپەرەسلىك بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. بىيۇروكراتلارنىڭ قىممەت قارىشى رەت تەرتىپىدە تارماقنىڭ مەنپەئىتى، شەخسنىڭ مەنپەئىتى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئۇلار ئۆزىگە پايدىلىق ئىشلارنى تالىشىپ قىلىدۇ، پايدىسىز ئىشلارنى باشقىلارغا ئىتتىرىدۇ، ئۆزىنىلا ئويلايدۇ، مەرتىۋىسىنى ئۆستۈرۈش، مال – بېساتىنى كۆپەيتىش، ئۆيىنى كاتتا بېزەش، ئېسىل ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇشنىڭلا غېمىنى قىلىدۇ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى قىرىغا ئېلىپ قويمايدۇ، ھەتتا، ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە سەل قارايدۇ ۋە زىيان سالىدۇ. شۇڭا، كىشىلەر بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق نەپرەتلىنىدۇ. پارتىيە نىزامنامىسىدە ئېنىق قىلىپ مۇنداق بەلگىلەنگەن: ‹‹پارتىيە ئۆز خىزمەتلىرىدە ئاممىۋى لۇشيەننى ئىجرا قىلىپ، ھەممە ئىشتا ئاممىنى كۆزلەپ، ھەممە ئىشتا ئاممىغا تايىنىشى، ئاممىدىن ئېلىپ، ئاممىغا قايتۇرۇشى كېرەك››. بىيۇروكراتلىق تۈگىتىلمىسە، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرغىلى بولمايدۇ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملىگىلى بولمايدۇ.

     شۇنى چوڭقۇر ئويلىنىشىمىز كېرەككى، بىيۇروكراتلىققا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقان بولساقمۇ، بىيۇروكراتلىق قايتا – قايتا تەكرارلىنىۋاتىدۇ، ئايرىم جايلار ۋە تارماقلاردا تېخىمۇ ئەدەپ كېتىۋاتىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟ ئاممىۋى قاراش ئاجىز بولۇش، خەلقنى كۆزلەيدىغان ئېتىقاد يېتەرسىز بولۇش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئېڭى مۈجمەل بولۇش دەل بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى. بەزىلەرنىڭ بىيۇروكراتلىقنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالغانلىقى ئۇلارنىڭ خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇش مەيدانىنىڭ تەۋرىنىپ قالغانلىقى، جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئاساسىي مەقسەتنى ئۇنتۇپ قالغانلىقى، ئامما ھەقىقىي قەھرىمان دېگەن تارىخىي ماتېرىيالىزملىق قاراشتىن ۋاز كەچكەنلىكى، ‹‹كىم ئۈچۈن، كىمگە تايىنىش، مەن كىم›› دېگەن مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالمىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا، بىيۇروكراتلىقنى تۈگىتىشنىڭ ئاچقۇچى شۇكى، ‹‹مەنسەپچىلىك›› ئىدىيەسىنى يوقىتىپ، خەلقنى كۆزلەش ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، خەلق بىلەن ھەقىقىي بىرگە ئىشلەپ، جاپا – مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئاممىنىڭ غېمىنى يەپ، خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش كېرەك.

     ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان دەسلەپكى يىللاردا، دېڭ شياۋپىڭ پارتىيەدىكى بارلىق يولداشلارنى ‹‹رەھبىرىي ئورگانلاردا بىيۇروكراتلىشىش خەۋپىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش››قا ئاگاھلاندۇرغان ھەم ‹‹ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئەمەلىيەتكە، ئاساسىي قاتلامغا، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاساسىي قاتلام بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش››نى تەلەپ قىلغان. مەركەز پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە ‹‹خەلقنى كۆزلەش››نى بىيۇروكراتلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، كېسەللىك سەۋەبىنى توغرا تېپىپ چىقتى، ئاچقۇچلۇق مەسىلىنى توغرا تۇتتى. ئاممىدىن كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىپ، ئاممىغا ھەققىي مەسئۇل بولۇپ، ئاممىغا قىزغىن مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىنىڭ نازارىتىنى سەمىمىي قوبۇل قىلغاندىلا، بىيۇروكراتلىقنىڭ يوشۇرۇن ئەۋج ئېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى خەلقنى كۆزلەيدىغان، خەلقنىڭ چاكىرى بولىدىغان ھېسسىياتنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.

     خەلقتىن ئايرىلىپ قالغانلار، ھاكىمىيەتتىنمۇ قۇرۇق قالىدۇ؛ ئەلرايىنى مايىللاشتۇرالمىغانلار خەلقتىن ئايرىلىپ قالىدۇ››. ئەلرايىنىڭ مايىل بولۇش – بولماسلىقى پارتىيەنىڭ ھايات – ماماتىغا چېتىلىدۇ، بىيۇروكراتلىق پارتىيە بىلەن ئامما مۇناسىۋىتىنىڭ كۈشەندىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ: ‹‹پارتىيەمىز باشتىن – ئاخىر خەلق بىلەن قەلبداش، ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇپ، باشتىن – ئاخىر خەلققە تايىنىپ، تارىخنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەندىلا ئۇيۇلتاشتەك مەزمۇت تۇرالايدۇ››، دەپ تەكىتلىدى. بۇ، بىزنى غەپلەتتىن ئويغۇتىدىغان ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى، شۇنداقلا بىيۇروكراتلىقنى تۈگىتىشىمىزدىكى ئۈنۈملۈك تاكتىكا.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter

مىكرو بلوگىم _ سىزمۇ ئەگىشىڭ