ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغدايلى

ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغدايلى

2013-11-14 11:16     كۆرۈلۈشى: 1259 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك  (شىنجاڭ گېزىتى ماقالىسى)      شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ....

ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداپ،

ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى

ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

 (شىنجاڭ گېزىتى ماقالىسى)

     شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى كوللېكتىپىدىكىلەر بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنداق تەكىتلىدى:

     ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 23 – ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن جوڭنەنخەيدە جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى كوللېكتىپى بىلەن سۆھبەتلەشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېلىمىز ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ دەۋر تېمىسى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتۇر. ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بۇ باش تېمىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، مۇقىم ئاساستا ئىلگىرىلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان ئاساسىي جەڭ مەيدانى قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى قوزغاشنى مەركىزىي ۋەزىپە، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى سىنىپىي ئاساسى ۋە ئاممىۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەشنى سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك.

     ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن سۆھبەتكە قاتناشتى.

     ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى لى جيەنگو كوللېكتىپ سۆھبەتكە رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شۇجىچۇسىنىڭ 1 – شۇجىسى چېن خاۋ جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسىگە ۋاكالىتەن جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ 16 – قۇرۇلتىيىنى ئېچىش ئەھۋالى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق خىزمىتى ھەققىدىكى دەسلەپكى تەپەككۇرى توغرىسىدا دوكلات بەردى. جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ 16 – نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى ئايرىم – ئايرىم سۆز قىلدى.

     شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتاينىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

     شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ تارىخىي دەۋرلىرىدە، پارتىيەمىز پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشچىلار سىنىپىغا تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ گەۋدىلىك سىياسىي ئەۋزەللىكى، شۇنداقلا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى.

     شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىنىڭ ياخشى ئىشلەنگەن – ئىشلەنمىگەنلىكى، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەن – ئېرىشمىگەنلىكىگە باھا بېرىشتە، مۇھىمى توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرغان – تۇرمىغانلىقىغا قاراش كېرەك. توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش دېگەنلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىشچىلار سىنىپىنىڭ خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ، ئىشچىلار سىنىپى پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ پۇختا، ئەڭ ئىشەنچلىك سىنىپىي ئاساسىدۇر. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرغاندىلا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى خىزمەتتە يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يولدىن ئاداشمايدۇ، شۇنداقلا خىزمەتنى جانلىق، پۇختا ۋە ئۈنۈملۈك ئىشلىيەلەيدۇ.

     شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشتا، تېگى – تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىشچىلار سىنىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل خەلقنىڭ ئەمگىكى، ئىجادچانلىقى، تۆھپىسىگە تايىنىش كېرەك. جۇڭگو ئارزۇسىنى ھەر بىر ئىشچى – خىزمەتچىنىڭ شەخسىي غايىسى ۋە خىزمەت، تۇرمۇشى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىدە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىشچىلارنى تولۇق سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇلارنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئەمەلىيىتىگە ئاتلاندۇرۇپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. جەمئىيەتتە ئېلىمىز ئىشچىلار سىنىپىنىڭ مۇنەۋۋەر خىسلىتىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە باشقا تىپىك، ئىلغار شەخسلەرنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ياش – ئۆسمۈرلەرگە بولغان تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئەمگەك ئەڭ شەرەپلىك، ئەمگەك ئەڭ ئالىيجاناب، ئەمگەك ئەڭ ئۇلۇغ، ئەمگەك ئەڭ گۈزەل دەيدىغان قاراشنى ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندۇرۇپ، پۈتۈن خەلقنىڭ ئەمگەك قىزغىنلىقىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىجادىي يوشۇرۇن كۈچنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمگەك قىلىش، ئىجاد قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلىش كېرەك.

     شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشەنچىسى، قوللىشىغا ئېرىشىشتە ئۇلارنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى قوغداش خىزمىتىنى جەزمەن ياخشى ئىشلەپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇقىنى ئومۇميۈزلۈك قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىشى، شۇنداقلا مۇھىم نۇقتىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك، مۇھىمى ئىشچىلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىگە، يەنى ئىشچىلار دۇچ كەلگەن ئەڭ قىيىن، ئەڭ باش ئاغرىتىدىغان، كىشىنى ئەڭ بىئارام قىلىدىغان ئەمەلىي مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىدا، ئىشچىلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئۈزلۈكسىز بەھرىمەن قىلىش كېرەك.

     شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى جەزمەن ئىشچى – خىزمەتچىلەر بىلەن زىچ ئالاقە باغلىشى، ئۇلارنى غەم – ئەندىشىدىن خالاس قىلىپ، ئىشچىلار بىلەن باشتىن – ئاخىر قەلبداش بولۇشى كېرەك. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمەتنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى ئىشچى – خىزمەتچىلەرگىچە كېڭەيتىپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىنى ئاساسىي قاتلامغا، ئىشچىلارغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئارزۇسىغا تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كادىرلىرى، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئارىسىغا كۆپرەك بېرىپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە كۆپرەك تايىنىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتىنى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشەنچلىك ‹‹ئائىلىسى››گە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

     شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىدە ساقلانغان زور مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىگە تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىپ، تېخىمۇ ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىپ، قىزغىن قوللاپ ۋە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كادىرلىرىنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter

مىكرو بلوگىم _ سىزمۇ ئەگىشىڭ