ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرايلى

ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرايلى

2013-11-15 11:22     كۆرۈلۈشى: 1306 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:  («خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى، شىنجاڭ گېزىتى ماقالىسى)        «ئىسلاھات جۇڭگونىڭ 2 – قېتىملىق ئىنقىلابى››، ‹‹تەرەققىيات چىڭ قائىدە››، ‹‹مۇقىملىق ھەممىدىن ئەلا›› دېگەن بۇ ئۈچ جۈملە سۆزدە نامايان....

 («خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى، شىنجاڭ گېزىتى ماقالىسى)

 

     «ئىسلاھات جۇڭگونىڭ 2 – قېتىملىق ئىنقىلابى››، ‹‹تەرەققىيات چىڭ قائىدە››، ‹‹مۇقىملىق ھەممىدىن ئەلا›› دېگەن بۇ ئۈچ جۈملە سۆزدە نامايان بولغان ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۈچ مۇھىم تايانچ نۇقتىسى بولۇپ، 30 نەچچە يىللىق ئىسلاھاتنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسىگە باشتىن – ئاخىر سىڭدۈرۈلدى. بۇ ئۈچ تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش – ئاشۇرالماسلىق كېيىنكى ئون يىللىق ئىسلاھاتنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ.

     تەرەققىيات ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلاردىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى، ئىسلاھات ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، مۇقىملىق ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە كاپالىتى. بۇ ئۈچ تەرەپنىڭ ئورگانىك بىرلىكى بولمايدىكەن، جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىدىن، خەلقنىڭ بەخت – سائادەتكە ئېرىشىشىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.

     جۇڭگو تارىخىنى ئەسلەپ ئۆتسەك، ئىسلاھات، تەرەققىيات ‹‹ئاۋىياماتكىسى››نىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىشى، جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە بىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلىگەنلىكىمىز سەۋەب بولدى. ئىجتىمائىي مۇقىملىق بولغاندىلا، ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ؛ ئىسلاھات، تەرەققىيات ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلگەندىلا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئاندىن رېئال ئاساسقا ئىگە بولىدۇ، مانا بۇ تارىخ ۋە ئەمەلىيەت چىقارغان ئوبيېكتىپ يەكۈن.

     30 نەچچە يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ ئۆزئارا بىرلىشىش ۋەزىيىتى تېخىمۇ گەۋدىلەندى. ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدىغان ئىسلاھاتتا قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا مەجبۇرمىز؛ يۈزلىنىدىغان تەرەققىيات ۋەزىيىتىمىز بولسا، ئۆتكەلنى ئىگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچ بولۇپ، ئىلگىرىلەشكە بولىدىغان، چېكىنىشكە بولمايدىغان قاينامدۇر؛ دۇچ كەلگەن مۇقىملىق ۋەزىيىتىمىز بولسا، دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان ئىقتىسادنىڭ تىپىنى، جەمئىيەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىدىغان، دۇنياۋىلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، دېموكراتىيەلەشتۈرۈش دولقۇنى تەڭ كۆتۈرۈلگەن مىسلىسىز ۋەزىيەتتۇر. ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ ئارىسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەت ۋە كەسكىن خىرىس ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان بولۇپ، بىزدىن تېخىمۇ كۆپ پەم – پاراسەت ۋە چىدام – غەيرەت بولۇشنى، ئىلمىي ئىگىلەش ۋە ئەستايىدىل بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

     ئۈچ تەرەپنىڭ بىردەكلىكىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ بۈگۈنكى كۈندە ئىسلاھات ھەممىگە خۇشاللىق ئاتا قىلالمايدىغان بولۇپ قالدى. ئىسلاھات سالمىقى، تەرەققىيات سۈرئىتى، جەمئىيەتنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك ئۈچ ئۆلچەمگە ئايلاندى. ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىسلاھات كەسكىن ئىنقىلاب، ئەزمىلىك قىلىشقا بولمايدۇ. جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىش تىپىدىكى قۇرۇلۇش بولۇپ، سىجىل تەرەققىي قىلىشنى ساقلاش مۇقەررەر تەلەپ. ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئىسلاھاتنى پۇختا قەدەم بىلەن داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

     ئۈچ تەرەپنىڭ ‹‹بىرىكىش نۇقتىسى››نى قانداق ئىگىلەش كېرەك؟ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئۈچ تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشتىكى ‹‹بىرىكىش نۇقتىسى››غا ئايلاندۇرۇش ئىسلاھاتنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى نامايان قىلدى. پەقەت خەلقلا ئىسلاھاتنىڭ سۇبيېكتى، تەرەققىياتنىڭ نىشانى، مۇقىملىقنىڭ ئۇل تېشىدۇر. ئىسلاھاتنىڭ بىردىنبىر قىممىتى خەلق ئۈچۈن ئىسلاھات قىلىشتا. تەرەققىياتنىڭ بىردىنبىر نىشانى خەلق ئۈچۈن تەرەققىي قىلىشتا. ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىي پايدىسى خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئىتىدە نامايان بولمىسا، تەرەققىياتنىڭ نەتىجىلىرى ئاممىغا نەپ يەتكۈزمىسە، مۇقىملىق مۇھىتى خەلق رايى ئاساسىدىن ئايرىلسا، ئىسلاھات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، تەرەققىياتنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ، مۇقىملىقنىمۇ ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter

مىكرو بلوگىم _ سىزمۇ ئەگىشىڭ