ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسنى ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن مۇستەھكەملەيلى

ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسنى ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن مۇستەھكەملەيلى

2013-11-16 11:27     كۆرۈلۈشى: 1287 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىدىيە–تەشۋىقات خىزمىتى  يىغىنىدا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش،  ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا      لېنىن: ‹‹ئىنقىلابىي نەزەرىيە بولمىسا، ئىنقىلابىي ھەرىكەتم....

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىدىيە–تەشۋىقات خىزمىتى

 يىغىنىدا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش،

 ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

     لېنىن: ‹‹ئىنقىلابىي نەزەرىيە بولمىسا، ئىنقىلابىي ھەرىكەتمۇ بولمايدۇ››، دېگەنىدى. مەيلى ‹‹ئىككى 100 يىل›› كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىش ياكى شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا بولسۇن، ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا ئۇيۇشتۇرالايدىغان، ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسقا ئىگە بولغان غايەت زور مەنىۋى كۈچ بولۇشى كېرەك. بۇ خىل كۈچ ئىلمىي نەزەرىيە ئاساسىدىن، يەنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىدىن ئايرىلالمايدۇ.

     نەزەرىيە ھەرىكەتنىڭ قىبلىنەماسى. بارلىق ئىلمىي نەزەرىيە خەلق تەرىپىدىن ئىگىلەنگەندىلا، نىشانغا يېتەكچىلىك قىلىش، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەرىكەتنى قېلىپلاشتۇرۇش، روھنى ئۇرغۇتۇش رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. ۋەھالەنكى ئىلمىي نەزەرىيەنىڭ ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىش – ئالالماسلىقى بىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئىدىيە – تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش – ئىشلىيەلمەسلىكىمىزگە باغلىق. بۇ بىزدىن ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى، پۈتكۈل پارتىيە، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى بىلەن پۈتكۈل پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، خەلقنى تەربىيەلەش، خىزمەتكە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنى پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە ياراتقان يېڭى نەتىجىلىرىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، غايە – ئېتىقادىنى چىڭىتىشقا يېتەكلەش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى›› تەشۋىقات – تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

     ئىدىيە – تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئىلمىي نەزەرىيەنى ئاڭلىق ئۆگىنىش كېرەك. ھازىر ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىمىز، بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەر نەزەرىيەۋى جاۋابقا جىددىي موھتاج، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى دەل بۇ خىل نەزەرىيەۋى جاۋابنىڭ سىستېمىلىق نەتىجىسى بولۇپ، ئۇنىڭ مەزمۇنى ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمىيەت، ئېكولوگىيەلىك قۇرۇلۇش، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئىچكى سىياسەت، دىپلوماتىيە ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى قاتارلىق مۇھىم ساھەلەرگە چېتىلىدۇ، بۇلارنى ئاڭلىق ياخشى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ مەيدانى، قارىشى ۋە ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىدىيە – تەشۋىقات خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىيەلەيمىز، ئاممىغا ئىلغار نەزەرىيەنى بىلدۈرەلەيمىز، قوبۇل قىلدۇرالايمىز، نەزەرىيە بىلەن ئاممىنىڭ بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرالايمىز. رېئاللىقتا، بەزى كادىرلار خىزمەت بىلەن ئۆگىنىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ھەل قىلالماي، ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ، مېھماندارچىلىققا بېرىلىپ كەتكەنلىكتىن ئۆگىنىش ئاڭلىقلىقى تۆۋەنلەپ كەتتى، بۇ ئەھۋال ئۇلارنىڭ ئىدىيەۋى نەزەرىيە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ھەم ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈرۈشىگە پايدىسىز. بۇ مەسىلىگە يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىشىمىز ۋە ئۇنى قەتئىي تۈزىتىشىمىز كېرەك.

     ئىدىيە – تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ئىلمىي نەزەرىيەنى قەتئىي ئۆگىنىش كېرەك. ئىلمىي نەزەرىيەنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى تەتقىق قىلغاندىلا، غايە – ئېتىقادنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، سىياسىي مەيداننى مۇستەھكەملەپ، ھەر خىل ئازدۇرۇشلارغا تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ. خەلقئارادىن قارىغاندا، شىنجاڭنىڭ ئىناق، مۇقىم تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئېنىقسىز ئامىللار ئىزچىل مەۋجۇت، غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەر بىزنى ‹‹غەربلەشتۈرۈش››، ‹‹پارچىلاش›› غەرىزىدىن ئەزەلدىن يانغىنى يوق. دۆلەت ئىچىدىن قارىغاندا، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە چوڭقۇر ئىسلاھ قىلىندى، ئىجتىمائىي قۇرۇلما چوڭقۇر ئالماشتۇرۇلدى، مەنپەئەت ئەندىزىسى چوڭقۇر تەڭشەلدى، ئىدىيەۋى قاراش چوڭقۇر ئۆزگەرتىلدى. بىز ئىدىيە – تەشۋىقات خىزمىتىدە يېڭى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى بىلەن پۈتكۈل پارتىيەنى قوراللاندۇرۇپ، خەلقنى تەربىيەلەشنى ئىشقا ئاشۇرغىنىمىزدىلا، چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر، شۇنداقلا ھەر خىل خەۋپ ۋە خىرىسقا دۇچ كەلگەندە نىشاندىن ئېزىپ قالمايمىز؛ ئەمەلىيەت جەريانىدا نەزەرىيەنى ياخشى تەتبىقلاپ، روھىي دۇنيارىمىزنى ئۈزلۈكسىز تاۋلاپ، ئورتاق ئىرادە ۋە كۈچ شەكىللەندۈرەلەيمىز!

     (شىنجاڭ گېزىتى ماقالىسى)

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter

مىكرو بلوگىم _ سىزمۇ ئەگىشىڭ