ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە مېڭىشتا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى

پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە مېڭىشتا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى

2013-09-20 10:13     كۆرۈلۈشى: 1186 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە مېڭىشتا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئەينەك قىلىش كېرەك ياڭ باۋشۈن      ئاپتونوم رايونىمىزدا پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە- ئەمەلىيەت پائالىيىتى ئەمەلىيلەشت....

پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە مېڭىشتا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى

ئەينەك قىلىش كېرەك

ياڭ باۋشۈن

     ئاپتونوم رايونىمىزدا پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە- ئەمەلىيەت پائالىيىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈۋاتىدۇ، بۇ جەرياندا جايلار، ئورۇنلار، تارماقلار تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ئاشكارا يولغا قويۇش تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىگە قۇلاق سالدى، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئاساسىي قاتلامدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە پىكىر ئالدى. يېقىندا خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەلۇم رايونلۇق پارتكوم رەھبىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك تارماقلار بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسىنى باشلاپ، ئاساسىي قاتلامدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلدىم. شۇ كۈنى چۈشتىن ئىلگىرى بۇ رەھبەر خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنى باشلاپ، ئالدىن ئۇقتۇرۇش قىلماي تەۋەلىكىدىكى شىنجاڭ چېگرا رايون خەلقئارا ئوبوروت رايونى قۇرۇلۇش ئورنىغا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا كەلدى. بۇ رەھبەر قۇرۇلۇش ئورنىغا بېرىپلا، ئىشچىلار بىلەن قىزغىن ئەھۋاللىشىپ، چېگرا رايون خەلقئارا ئوبوروت رايونى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلغىلى كەلگەنلىكىنى ئېيتتى، ئاندىن، ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن يۈز تۇرا پىكىر – تەكلىپ ئالدى ھەم ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئوتتۇرىغا قويغان سۇ، توك، ئىسسىنىش قاتارلىق جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى شۇ جايدىلا ھەل قىلدى. بۇنىڭدىن خۇشال بولغان ئىشچى – خىزمەتچىلەر: بۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى ۋە رەھبەرنىڭ كىبىرى يوق ئىكەن، ناھايىتى قىزغىن ۋە سەمىمىي ئىكەن، ئۇلار پىكىر – تەكلىپلىرىمىزنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، قىيىنچىلىقلىرىمىزنى ناھايىتى تېزلا ھەل قىلدى، مۇشۇنداق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى ۋە رەھبەرنى چىن دىلىمىزدىن قارشى ئالىمىز، دېيىشتى.

     مەركەزنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى يۈزەكى، چالا – بۇلا قىلماسلىق تەلىپىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ‹‹تۆت ئەھۋال››نى تۈگىتىشكە جەزمەن كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. بىرىنچىدىن، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئەھۋال ئىگىلىمەسلىك ئەھۋالىنى تۈگىتىش كېرەك. ھازىر بەزى ئورگانلار خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشتا يىغىن ۋە ھۆججەتكە زىيادە تايىنىۋېلىۋاتىدۇ، ‹‹ئورگان رەھبەرگە، رەھبەر يىغىنغا، يىغىن ھۆججەتكە باغلىنىپ قېلىش›› ئەھۋالى شەكىللەندى. بەزى رەھبەرلەر ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەشنى ئېغىزدىلا دەپ قويۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرمايۋاتىدۇ، ئۇلار ئىشخانىسىدىن سىرتقا چىقماي، تور ۋە تېلېفون ئارقىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئاساسىي قاتلامدا ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلماسلىق ئەھۋالىنى تۈگىتىش كېرەك. بەزى رەھبەرلەر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئېتىبارسىز قاراۋاتىدۇ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئاپتوموبىللىق ساياھەتكە چىقىشقا ئايلاندۇرۇۋېلىپ، خىزمەتلەرنى شەكىلگىلا تەكشۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ئىگىلىمەيۋاتىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئاساسىي قاتلام خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈش، لېكىن، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئويلانماسلىق ئەھۋالىنى تۈگىتىش كېرەك. بۇنداق رەھبەرلەر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا بىر پاتمان خاتىرە قالدۇرىدۇ، قانچە قېتىم سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدىڭلار؟ قانچە كىشى بىلەن سۆھبەتلەشتىڭلار؟ قانچە كۈن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدىڭلار؟ دېگەندەك سوئاللارغا يادقا جاۋاب بېرەلەيدۇ. لېكىن، قانداق مەسىلىنى بايقىدىڭلار؟ مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى ئىلمىي تەھلىل قىلدىڭلارمۇ؟ مەسىلىنى ھەل قىلىش لايىھەسى تۈزدىڭلارمۇ؟ دەپ سورالسا، ھېچنېمە دەپ بېرەلمەسلىكى مۇمكىن. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بىرلىككە كەلگەن پۈتۈن گەۋدە، تەكشۈرۈشنى ‹‹مۇقەددىمە››، تەتقىق قىلىشنى ‹‹خاتىمە››، دېيىشكە بولىدۇ. ‹‹مۇقەددىمە››دە ئاساسلىقى ئەمەلىي مەسىلىلەر ئىگىلىنىدۇ، ‹‹خاتىمە››دە ئاساسلىقى ئىگىلەنگەن ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ. مەسىلىلەرنى ئىگىلەپلا، ئۇنى ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىلمىسە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قىممىتى يوق چولتا قۇرۇلۇشقا ئايلىنىپ قېلىپ، قىلچە ئەھمىيىتى بولمايدۇ. تۆتىنچىدىن، ئۆزىنىڭ بىلگىنىدە چىڭ تۇرۇۋېلىش ئەھۋالىنى تۈگىتىش كېرەك. بەزى رەھبەرلەر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ھەممە ئىشنى قېلىپقا سېلىۋالىدۇ، ئۆز خاھىشى بويىچە ئىش قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىغا ياقىدىغان مىسال، ماتېرىياللارنى توپلايدۇ، ئۆزىگە پايدىلىق ماتېرىياللارنى ئىشلىتىدۇ، ئۆزىگە پايدىسىز ماتېرىياللارنى ئىشلەتمەيدۇ، ئاممىنىڭ پىكرى ئۆزىگە پايدىلىق بولسا ئاڭلايدۇ، پايدىسىز بولسا ئاڭلىمايدۇ. ئوبيېكتىپقا ھۆرمەت قىلمايدىغان، ئەمەلىي مەسىلىلەرگە شەخسىي ئىرادىسى ۋە خاھىشى بويىچە ھۆكۈم قىلىدىغان بۇنداق سۇبيېكتىۋىزملىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى تۈگىتىپ، ئىدىيە – ئىستىلىمىزنى ياخشىلاپ، ئاساسىي قاتلاملاردىكىلەرنىڭ ساداسىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، دەردىگە دەرمان بولۇپ، قىيىنچىلىقلىرىنى ھەقىقىي ئىنكاس قىلىشىمىز كېرەك.

     ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش جەريانىدا ‹‹تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى يۈزەكى، چالا – بۇلا قىلماسلىق›› تەلىپىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ئاممىۋى لۇشيەندە مېڭىشتا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئەينەك قىلىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە ئورنىتىشى كېرەك. جۈملىدىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك: رەھبىرىي كادىرلار ئاممىغا مەسىلىلەرگە توغرا قاراشقا ھەم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان ئىرادىسىنى؛ ئاممىنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئاممىدىن تەلىم ئالىدىغان روھىنى؛ باشلامچىلىق بىلەن ئىشلەپ، نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولى جارى قىلدۇرىدىغان ھەرىكىتىنى بىلدۈرۈشى كېرەك.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter

مىكرو بلوگىم _ سىزمۇ ئەگىشىڭ