ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> «شىنجاڭ ئارزۇسى›› نى روياپقا چىقىرىش توغرىسىدا

«شىنجاڭ ئارزۇسى›› نى روياپقا چىقىرىش توغرىسىدا

2013-11-09 9:41     كۆرۈلۈشى: 1113 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: «شىنجاڭ ئارزۇسى›› نى روياپقا چىقىرىشتا ئىدىيەنى ئازاد قىلىپ، كۆز قاراشنى يېڭىلاشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش لازىم ئەسقەر مەمەت      باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇلتۇر ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى›› دېگەن ئۇقۇمنى ئوتتۇر....

«شىنجاڭ ئارزۇسى›› نى روياپقا چىقىرىشتا ئىدىيەنى ئازاد

قىلىپ، كۆز قاراشنى يېڭىلاشنى گەۋدىلىك

ئورۇنغا قويۇش لازىم

ئەسقەر مەمەت

     باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇلتۇر ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى›› دېگەن ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان، ئۇ جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئايلىنىپ، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى يېتەكلەپ كەلگۈسىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتىكى ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نىڭ تۈرتكىسىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىمۇ ‹‹شىنجاڭ ئارزۇسى›› ئۇقۇمى بارلىققا كەلدى. ئاپتونوم رايونىمىزغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاققىچە ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىزنىڭ بىردىنبىر ئارزۇيىمىز يەنى ‹‹شىنجاڭ ئارزۇسى››دۇر. بۇنىڭدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پۈتكۈل مەنپەئەتى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. شۇڭا، بىز‹‹شىنجاڭ ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىشتا ئىدىيەنى يەنىمۇ ئازاد قىلىپ، كۆز قارىشىمىزنى يېڭىلىشىمىز لازىم.

     ئىدىيەنى ئازاد قىلىش ماركسىزمنىڭ جان تومۇرى، شۇنداقلا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ جەۋھىرى. ئىدىيەنى ئازاد قىلىش ئىلمىي ھالقىشنىڭ مۇقەررەر يولى. ئىدىيەنى ئازاد قىلىش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە. شۇڭا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئىدىيەنى ئازاد قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھ قىلىشقا، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، قاتماللىقتىن، بىر ئىزدا توختاپ قېلىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك.

     1. ئىدىيەنى ئازاد قىلىپ، كۆز قاراشنى يېڭىلاش ‹‹شىنجاڭ ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى

     ھازىر، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى. شىنجاڭدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ تەرەققىياتقا ئىنتىلىش، مۇقىملىقنى ئويلاش، ئىناقلىققا تەلپۈنۈش ئارزۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. لېكىن، شىنجاڭدا تەرەققىياتنى چۈشەيدىغان ئالاھىدە ئامىللار خېلى كۆپ، مەسىلەن: تارىخىي، تەبىئىي، ئىجتىمائىي ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭ بىلەن شەرقىي قىسىمدىكى رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى تەرەققىيات جەھەتتىكى پەرق يەنىلا مەۋجۈت، قىسمەن ئامما نامراتلىقتىن ھېلىھەم قۇتۇلالمىدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، پەرق چوڭ، شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرىچە ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى بىلەن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنى سېلىشتۇرغاندىمۇ بەلگىلىك پەرق بار. شىنجاڭدا ئىقتىسادىي قۇرۇلما مۇۋاپىق ئەمەس، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ نىسبىتى تۆۋەن؛ رايون تەرەققىياتى تەڭپۇڭسىز، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز، تۇپراق چۆللىشىش، يايلاق چېكىنىش، قۇملىشىش ئەھۋالى ئېغىر؛ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئارقىدا، ھازىر بار بولغان ئۇل ئەسلىھەلەر مەيلى سان ياكى سۈپەت جەھەتتىن بولسۇن ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدۇ. بۇ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئىدىيەنى داۋاملىق ئازاد قىلىپ، كۆز قاراشنى يېڭىلاپ، زىددىيەتكە تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق ۋە ئاكتىپلىق بىلەن توغرا قاراپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغاندىلا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ زور كۆلەم، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىي قىلدۇرغىلى ۋە ‹‹شىنجاڭ ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

     2. «شىنجاڭ ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىشتا بىرنەچچە نۇقتىغا ئەھمىيەت بېرىش لازىم

     بىرىنچى، كېيىن تەرەققىي قىلىپ، ئالدىنقىلاردىن ئۆتۈپ كېتىش ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشتا ئىدىيەنى ئازاد قىلىپ، كۆز قاراشنى يېڭىلاش كېرەك. ئىلمىي ھالقىش كېيىن تەرەققىي قىلىپ، ئالدىنقىلاردىن ئۆتۈپ كېتىشتىكى بىر خىل ئوبيېكتىپ قانۇنىيەت. بىز ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تەرەققىياتتا ئالدىغا قاراپ، پەرققە توغرا مۇئامىلە قىلىپ، مەيۈسلەنمەي، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، تولۇپ تاشقان جاسارەت بىلەن كۈچلۈك ئىرادە باغلاپ، جاپالىق كۈرەش قىلىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئالدىنقىلاردىن ئۆتۈپ كېتىپ، ئىلمىي ھالقىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز لازىم.

     ئىككىنچى، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشتا ئىدىيەنى ئازاد قىلىپ، كۆز قاراشنى يېڭىلاش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، تەرەققىيات ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ‹‹شىنجاڭ ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىشتىكى زور تېما. ئىدىيەنى ئازاد قىلىپ، كۆز قاراشنى يېڭىلاشتا كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى دەسسىتىش كېرەك. يەنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلغان ئاساستا، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلىنىۋاتقان قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، ئەڭ زور دەرىجىدە يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىش كېرەك. ھازىر دۆلەتنىڭ ئالاقىدار كەسىپ سىياسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىنى تېزدىن قول سېلىپ ئىشلەپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان پەرقلىق كەسىپ سىياسىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل سىياسەت ياردىمىدىن تولۇق ۋە ياخشى پايدىلىنىش، بولۇپمۇ قەشقەر، قورغاس ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون ئېتىبارلىق سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك.

     ئۈچىنچى، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىدىيەنى ئازاد قىلىپ، كۆز قاراشنى يېڭىلاش كېرەك. ھازىر شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار يەنىلا مەۋجۇت، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ، شۇڭا، ئىناقلىق، مۇقىملىق خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن بىرىنچىدىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتەك ئىدىيەۋى ئاساسنى پۇختا تۇرغۇزۇشىمىز؛ ئىككىنچىدىن، مۇقىملىق خىزمىتىنى چىڭ ۋەزىپە، ئەڭ مۇھىم مەسئۇلىيەت سۈپىتىدە مەنبەدىن تۇتۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىنىڭ نورمال ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىجتىمائىي، سىياسىي ئومۇمىيەتكە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

     تۆتىنچى، كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە ئىدىيەنى ئازاد قىلىپ، كۆز قاراشنى يېڭىلاش كېرەك. يېڭى تارىخىي شارائىتتا ‹‹شىنجاڭ ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىشتا ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، گۈللەنگەن، باي، ئىناق، مۇقىم، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنى، ئۈنۈملۈك ئەقلىي ياردەم ۋە ئىختىساسلىقلار تۈۋرۈكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. بىرىنچىدىن، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش يولىنى كېڭەيتىپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. مەركەز يولغا قويغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتەك تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ياش، تايانچ ئىختىساسلىقلارنى مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرى ۋە باشقا مەركەزگە قاراشلىق ئالىي مەكتەپ، پەن – تەتقىقات ئاپپاراتى، شۇنداقلا شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ۋەزىپە بىلەن چېنىقىش ياكى ئۆگىنىشكە ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىككىنچىدىن، كۆپ قاتلام، كەڭ ساھە بويىچە ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئۈچىنچى، ئىختىساسلىقلارنى بايقاشقا ۋە ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇپ، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك، كۆڭۈل قويۇپ ئىشلەيدىغان، قولىدىن ئىش كېلىدىغان كادىرلارنى ۋەزىپىگە قويۇش كېرەك؛ ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ ۋە ئاسراپ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنىڭ ماھارىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىغان ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت ھازىرلاپ بېرىش كېرەك.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter

مىكرو بلوگىم _ سىزمۇ ئەگىشىڭ