ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> پارتىيەۋىلىك بىلەن خەلقچىللىقنىڭ بىردەكلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك

پارتىيەۋىلىك بىلەن خەلقچىللىقنىڭ بىردەكلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك

2013-09-25 11:06     كۆرۈلۈشى: 1138 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: «خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى      پارتىيەۋىلىك بىلەن خەلقچىللىقنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسى ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلە، بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى ....

«خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى

     پارتىيەۋىلىك بىلەن خەلقچىللىقنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسى ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلە، بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلغاندىلا، تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىدە يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرغىلى، مەيداننى مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ. ‹‹پارتىيەۋىلىك بىلەن خەلقچىللىق ئەزەلدىن بىردەكلىككە ئىگە››. باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە پارتىيەۋىلىك بىلەن خەلقچىللىقنىڭ بىردەكلىكىدە چىڭ تۇرۇش پىرىنسىپىنى تەكىتلەپ، يېڭى تارىخىي مەزگىلدە، يېڭى جامائەت پىكرى ئەندىزىسىدە تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىدە پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرۈش، خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىنى تېخىمۇ ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

     پارتىيەۋىلىك بىلەن خەلقچىللىقنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسى جاۋابى ئومۇمغا ئېنىق بولغان مەسىلە ئىدى. لېكىن، بۇ مەسىلە بەزىلەردە مۇرەككەپ ۋە تۇيغۇن مەسىلە بولۇپ قالدى. ئالايلۇق، ‹‹سىز پارتىيە ئۈچۈن سۆزلەمسىز ياكى پۇقرالار ئۈچۈن سۆزلەمسىز؟››، ‹‹پارتىيە تەرەپتە تۇرامسىز ياكى ئامما تەرەپتە تۇرامسىز؟›› دېگەن سوئاللار؛ ‹‹ئاممىنىڭ سانى پارتىيە ئەزالىرىدىن كۆپ بولغاچقا، خەلقچىللىق پارتىيەۋىلىكتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ››، دېيىشلەر. مۇشۇنداق ئاڭلىماققا توغرىدەك بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە ناتوغرا بولغان بۇنداق سەپسەتىلەر پارتىيەۋىلىك بىلەن خەلقچىللىقنى بىر – بىرىدىن ئايرىۋېتىش، قارشىلاشتۇرۇپ قويۇش نەزەرىيە جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا خاتا، ئەمەلىيەتكە زىيانلىق، ئۇنى جەزمەن ئايدىڭلاشتۇرۇشىمىز ۋە تۈزىتىشىمىز كېرەك.

     پارتىيەمىز جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان، جۇڭگودىكى ئەڭ كۆپ ساندىكى خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان، خەلق ئارىسىدىن كەلگەن، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەيدىغان ماركسىزملىق پارتىيە. ماھىيەتتىن ئېيتقاندا، پارتىيەۋىلىكتە چىڭ تۇرغانلىق خەلقچىللىقتا چىڭ تۇرغانلىق، خەلقچىللىقتا چىڭ تۇرغانلىق پارتىيەۋىلىكتە چىڭ تۇرغانلىق، پارتىيەۋىلىك بىلەن خەلقچىللىق بىر – بىرىگە زىچ باغلانغان، خەلقچىللىقتىن ئايرىلغان پارتىيەۋىلىك بولمىغىنىدەك، پارتىيەۋىلىكتىن ئايرىلغان خەلقچىللىقمۇ بولمايدۇ. پارتىيەۋىلىك بىلەن خەلقچىللىق بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە سىياسىي ئۇقۇم، پارتىيەۋىلىك پۈتۈن پارتىيەگە قارىتا ئېيتىلغان، ئوخشاشلا خەلقچىللىقمۇ پۈتكۈل خەلققە قارىتا ئېيتىلغان. شۇڭا پارتىيەۋىلىكنى نوقۇل ھالدا مەلۇم بىر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتى، قىسمەن پارتىيە ئەزالىرى، مەلۇم پارتىيە ئەزاسى ئارقىلىق چۈشىنىشكە بولمايدۇ؛ خەلقچىللىقنىمۇ نوقۇل ھالدا جەمئىيەتنىڭ مەلۇم قاتلىمى، قىسمەن ئامما، مەلۇم شەخس ئارقىلىق چۈشىنىشكە بولمايدۇ. پەقەت پۈتۈن پارتىيەنىڭ مەيدانى، بارلىق خەلقنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ چۈشەنگەندىلا، ئاندىن پارتىيەۋىلىك بىلەن خەلقچىللىقنىڭ تۈپ ماھىيىتىنى ياخشى ئىگىلىگىلى بولىدۇ.

     تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە جەزمەن پارتىيەۋىلىكنى تەكىتلەش كېرەك. توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي مەيداننى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسى، لۇشيەن، فاڭجېن ۋە سىياسەتلىرى، مەركەزنىڭ زور خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، ۋەزىيەت توغرىسىدا چىقارغان مۇھىم ھۆكۈملىرىنى تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى قەتئىي ساقلاپ، مەركەزنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداش پارتىيەۋىلىكتە چىڭ تۇرۇشنىڭ يادروسىدۇر. بۇ ئومۇمىي پىرىنسىپ، ئۇنىڭدىن ئېغىپ كېتىشكە قەتئىي بولمايدۇ. تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمەتچىلىرى پارتىيەۋىلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىشلىشى، سۆز – ھەرىكىتى پارتىيەنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشى، ھەرقانداق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك.

     تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە جەزمەن خەلقچىللىقنى تەكىتلەش كېرەك. ئەڭ كۆپ ساندىكى خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، خەلقنى ئاساس قىلىش، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹كىم ئۈچۈن، كىمگە تايىنىش، مەن كىم›› دېگەن تۈپ مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلغاندا خەلقچىللىقتا چىڭ تۇرغانلىق بولىدۇ. خىزمەتتە خەلقنى مەركەز قىلىشنى يۆنىلىش قىلىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش بىلەن ئاممىنى تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەشنى، ئېھتىياجنى قاندۇرۇش بىلەن ساپانى ئۆستۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك؛ خەۋەرچىلىكتە تۇرمۇش، ئاساسىي قاتلام ۋە ئاممىغا دېگەندەك يېقىنلاشماسلىق، پۇلنى دەپ چاكىنىلىشىپ كېتىش ھادىسىسىنى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلق دېگەن ئۇقۇمنىڭ ئابستراكت ئۇقۇم بولماستىن، بەلكى كونكرېت ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئوخشاش بولمىغان قاتلامدىكى كىشىلەرنىڭ ئىدىيەۋى تەشۋىقات ۋە مەدەنىيەتكە بولغان ئېھتىياجىنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان مەسىلىنى ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇلدا ھەل قىلىش كېرەك. زىيالىيلار خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەش بىلەن پارتىيەگە قوبۇل قىلىشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ زىيالىيلارنى ئەمەلىي خىزمەتكە قاتناشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشقا ئەقىل – پاراستىنى بېغىشلاشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

     پارتىيەۋىلىكتە چىڭ تۇرغاندىلا، تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىدە مەيدان بىلەن يۆنىلىش ئېنىق بولىدۇ؛ خەلقچىللىقتا چىڭ تۇرغاندىلا، تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتى ھاياتىي كۈچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە بولالايدۇ. پارتىيەۋىلىك بىلەن خەلقچىللىقنى ياخشى پىلانلاپ، ئەمەلىيەتتە ياخشى كۆرسىتىپ، ياخشى بىردەكلىككە ئىگە قىلغاندىلا، تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىدە پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى گەۋدىلەندۈرۈش بىلەن خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرۈشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيەنى خاتىرجەم قىلغىلى، خەلقنى رازى قىلغىلى بولىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter

مىكرو بلوگىم _ سىزمۇ ئەگىشىڭ