ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> رەھبىرىي كادىرلار ئاممىنىڭ ئىشىنى ئۆزىمىزنىڭ ئىشى دەپ بىلىشى كېرەك

رەھبىرىي كادىرلار ئاممىنىڭ ئىشىنى ئۆزىمىزنىڭ ئىشى دەپ بىلىشى كېرەك

2013-09-27 11:15     كۆرۈلۈشى: 1164 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: لى خۇڭ      پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە: ‹‹خەلقنى كۆزلەش، ئەمەلىيەتچىل، پاك بولۇشنى ئاساسىي مەزمۇن، ھاكىم، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىك ئورگىنى،....

لى خۇڭ

     پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە: ‹‹خەلقنى كۆزلەش، ئەمەلىيەتچىل، پاك بولۇشنى ئاساسىي مەزمۇن، ھاكىم، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىك ئورگىنى، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ماركسىزملىق ئاممىۋى لۇشيەن قارىشى تەربىيەسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مەركىزىي كومىتېتنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك ۋە ئىسراپچىلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇش›› ئېنىق تەلەپ قىلىندى.

     بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇشنىڭ نىشانى، ئاساسىي مەقسىتى ئىنتايىن روشەن. قانداق قىلغاندا پائالىيەتنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، ئاممىنى رازى قىلغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى كۆپ، مېنىڭچە، رەھبەرلەر باشتىن – ئاخىر ئاممىنى ئويلاپ، ئاممىنىڭ ئىشىنى ئۆزۈمنىڭ ئىشى، دەپ بىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ قىلغاندىلا، ئاز كۈچ بىلەن كۆپ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

     بۇنداق مىساللار خىزمىتىمىزدە كۆپ ئۇچرايدۇ.

     بۇ يىل 2 – ئاينىڭ باشلىرىدا، بىڭتۈەننىڭ ئاساسلىق رەھبىرى شىخەنزىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا يۈز بەرگەن ئىش ھازىرغىچە كىشىلەرنىڭ يادىدىن كۆتۈرۈلمىدى. كۆپ ھاللاردا، ئالاقىدار تارماقلار نەتىجىنى كۆپرەك بىلدۈرۈپ، يېتەرسىزلىكلەرنى ئازراق كۆرسىتىش ئۈچۈن، رەھبەرلەرنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش لىنىيەسىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بىڭتۈەننىڭ بۇ رەھبىرى نەتىجىنىلا كۆرۈپ، يېتەرسىزلىكلەرنى بىلمەي قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، شىخەنزىگە بېرىشتىن ئىلگىرى يەرلىكتىكى رەھبەرلەرگىمۇ ئۇقتۇرۇش قىلماستىن، ئاپتوموبىللىق خالىغان تۈەن – مەيدانغا بارغان. قارىماققا مەقسەتسىزلا قىلىنغان بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا، بۇ رەھبەر بۇ تۈەندىكى شارائىتى ئەڭ ناچار ليەندۈيگە بېرىپ، تۇرمۇش شارائىتى ئەڭ ناچار ياشانغان كىشىنى ئۇچراتقان. بۇ ياشانغان كىشىنىڭ ھازىرمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50 –، 60 – يىللىرىدا سېلىنغان پاكار، كونا بىر قەۋەتلىك ئۆيدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەن رەھبەر يېنىدىكى ھەممە پۇلىنى ئۇنىڭغا بەرگەن ھەم ئەتراپىدىكى خىزمەتچىلەرگە تۈەن رەھبەرلىرىگە ياشانغان كىشىنى ساناتورىيەگە دەرھال ئورۇنلاشتۇرۇشنى جېكىلىگەن. بۇ جايدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر بۇ ئىشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ياشانغان كىشىنى ‹‹شاپائەتچى››گە ئۇچراپتۇ، دېيىشكەن.

     ئامما قىيىنچىلىقلىرىنى چىن نىيىتى بىلەن ھەل قىلىپ بېرىدىغان مۇشۇنداق ‹‹شاپائەتچى››گە نەقەدەر ئېھتىياجلىق – ھە! ۋاھالەنكى، بۇنداق ‹‹شاپائەتچى›› ئىشچى – خىزمەتچىلەر، ئامما ئارىسىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەيدىغان كىشىلەردىندۇر. شۇنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇكى، رەھبىرىي كادىر ئىشخانىسىدا ئولتۇرۇپ دوكلات ئاڭلاش، ماتېرىيال كۆرۈش ياكى ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بىلەنلا چەكلەنسە، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ قانداق ئىشلەۋاتقانلىقى، قانداق ياشاۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، ‹‹خەلقنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك مەسىلىلەر››نىمۇ ئاڭلىيالمايدۇ، ئاۋامنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇش ئەھۋالىدىنمۇ خەۋەرسىز قالىدۇ. مۇشۇنداق بولۇۋەرسە، قانداقمۇ ‹‹پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتى››نى ساقلىغىلى، قانداقمۇ ئاۋامنىڭ ‹‹شاپائەتچىسى››گە ئايلانغىلى بولىدۇ؟

     ئاممىۋى لۇشيەندە مېڭىشتا، ھەر ۋاقىت خەلقنى ئويلاپ، خەلق بىلەن چوڭقۇر رىشتە ئورنىتىپ، ئاممىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئۆزىمىزنىڭ ئىشى، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئۆزىمىزنىڭ قىيىنچىلىقى دەپ بىلىپ، ئاممىدىن ھەل قىلىشقا ئېھتىياجلىق، ھەل بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان قانداق مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى سوراپ تۇرۇش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، ئامما بىلەن تەبىئىيلا ئىچقۇيۇن – تاشقۇيۇن بولغىلى، ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كىچىك ئىشتىن چوڭ قائىدىنى بىلگىلى بولىدۇ، يەرلىكتىكى ئامما مۇشۇ رەھبىرىي كادىرنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىدىن پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇلاردا ‹‹قىيىنچىلىق بولسا تەشكىلنى ئىزدىسە بولىدىكەن›› دېگەن قاراش شەكىللەندى. شۇنداق بولغاندا، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئامما بىلەن ئىچقۇيۇن – تاشقۇيۇن بولالماسلىقىدىن ئەنسىرەشكە قىلچە ئورۇن قالمايدۇ، ئەلۋەتتە.

     ئاممىۋى لۇشيەندە مېڭىشتا، رەھبىرىي كادىرلار رەھبەرلىك كىبىرىنى تاشلاپ، سەمىمىي بولۇپ، ئامما ئارىسىغا ئاڭلىق، پائال بېرىپ، ئامما بىلەن دوست بولۇپ، ئۇلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىلا، جەمئىيەتتىكى قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى بىلەلەيدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا، بەزى رەھبىرىي كادىرلار ئامما ئارىسىغا ناھايىتى ئاز بارىدۇ، ئاساسىي قاتلامغا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغىلى بارغاندىمۇ، شەكىلگە مەزمۇندىن بەكرەك ئەھمىيەت بېرىپ، دوكلات ئاڭلاش، ماتېرىيال كۆرۈشنى ئاساس قىلىدۇ، ئامما بىلەن يۈزتۇرا سۆزلەشمەيدۇ، ئاممىنىڭ ساداسىنى ئەستايىدىل ئاڭلىمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا، قانداقمۇ ئاممىنىڭ رايىنى ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكىلى بولسۇن؟ ‹‹دوست تۇتساڭ، سىردىشىپ تۇت›› دەيدىغان گەپ بار. رەھبىرىي كادىرلار ئامما بىلەن سىرداشقاندىلا، ئاممىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالايدۇ.

     ئاممىۋى لۇشيەندە مېڭىشتا، رەھبىرىي كادىرلاردا مەسئۇلىيەت ۋە دادىللىق ئېڭى كۆپرەك، مەنپەئەت قوغلىشىش ۋە راھەتپەرەسلىك ئېڭى ئازراق بولۇشى كېرەك. قانداق قىلغاندا خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزگىلى بولىدۇ، دېگەننى دائىم ئويلىغاندا، دائىم توغرا كىشىلىك قىممەت قارىشىنى ساقلىغاندا، دائىم خەلققە بەخت يارىتىشنى كۆزلىگەندىلا، ‹‹ئامما ئارىسىدىن كېلىپ، ئامما ئارىسىغا بېرىش››نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ ھەقىقىي سىردىشىغا ئايلانغىلى بولىدۇ!

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter

مىكرو بلوگىم _ سىزمۇ ئەگىشىڭ