Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> كەڭ قورساق، لىللا بولۇش ــ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى

كەڭ قورساق، لىللا بولۇش ــ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى

2013-09-28 11:21     كۆرۈلۈشى: 1776 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئابدۇرازاق سايىم      ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخقا ئىگە مىللەت، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە نۇرغۇن ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاق ساقلاپ قېلىنغان، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكنىڭ ئالمىشىشى داۋامىدا، ئۇيغۇر....

ئابدۇرازاق سايىم

     ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخقا ئىگە مىللەت، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە نۇرغۇن ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاق ساقلاپ قېلىنغان، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكنىڭ ئالمىشىشى داۋامىدا، ئۇيغۇرلار مۇشۇ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتلەرنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋى مەدەنىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن، كەڭ قورساق ۋە لىللا بولۇش ئىدىيەسى دەل ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشقان مەنىۋى بۇلاق، ئۇ يەنە شىنجاڭ روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى تارىخىي جۇغلانما ۋە مەدەنىيەت ئوزۇقىغا ئىگە قىلغان.

     تارىختا، يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولغان شىنجاڭ جۇڭگو – غەرب مەدەنىيىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون بولۇپ، ئوتلاق چارۋىچىلىقى بىلەن بوستانلىق تېرىقچىلىقىغا تەڭ ئەھمىيەت بەرگەن، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا سىڭىشىشى، ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشى داۋامىدا ئۆزىگە خاس روشەن ئالاھىدىلىكنى شەكىللەندۈرگەن. مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى خەنزۇ، قازاق، موڭغۇل، زاڭزۇ، خۇيزۇ قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە شۇنداقلا كۇڭزىچىلىق ئېقىمى، بۇددا دىنى، ئىسلام دىنى قاتارلىق ئىدىيە، مەدەنىيەتلەرنىڭمۇ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئۇيغۇرلار تارىختا كۆپ خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغان، كۆپ خىل يېزىق قوللانغان. ئۇيغۇرتىلى ئالتاي تىلى سىستېمىسىنىڭ تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە تەۋە. ئۇنىڭ مول لۇغەت تەركىبىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇندىن بار بولغان سۆزلۈكلىرى ياكى تۈرك تىلى بىلەن تومۇرداش سۆزلەر بولغاندىن باشقا يەنە، پارس تىلى، ئەرەب تىلى، رۇس تىلى، موڭغۇل تىلى، ئېنگلىز تىلى، خەنزۇ تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلۈكلەرمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. ھەر خىل تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر ئوخشاش بولمىغان تارىخىي دەۋرلەردە ئۇيغۇر تىلىنىڭ لۇغەت تەركىبىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلىغان ۋە بېيىتقان. ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا، ئۇيغۇرلار ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ بىراخما يېزىقى، سۇتى يېزىقى، مانى يېزىقى، سانسكرىت يېزىقى كېيىنچە تۈرك يېزىقى (يېنىسەي يېزىقى، تۈرك رۇنىك يېزىقىمۇ دېيىلىدۇ)، ئۇيغۇر يېزىقى (خۇيخې يېزىقى، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىمۇ دېيىلىدۇ)، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى، ئەرەب يېزىقى (ئۇيغۇر كونا يېزىقىمۇ دېيىلىدۇ)، لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى قاتارلىق يېزىقلارنى ئىشلەتكەن. بۇ خىل تىل – يېزىق كۆپ خىللىقى ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئوچۇق ۋە كەڭ قورساقلىق ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

     ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ بۇنداق ئوچۇق، كۆپ خىل بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى، ئۇنى ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتنى كۆپ تەرەپلىك قوبۇل قىلىش ۋە ئۇلار بىلەن قوشۇلۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت خاسلىقىنى ئاپىرىدە قىلغان.

     لىللا بولۇش ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى. ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنى بىر يول، يەنى دۇرۇس، لىللا يول، دەپ قارايدۇ. ھەممە ئىشنى لايىقىدا قىلىش، ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، قىرائەت ئاۋازىمۇ مۇۋاپىق چەك ئىچىدە كونترول قىلىنىشى كېرەك، لايىقىدا بولۇش مۇسۇلمانلارنىڭ مۇھىم گۈزەل ئەخلاقى، دەپ بىلىدۇ. ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك، قەدىمدىن ھازىرغىچە تارىختا نۇرغۇن دىن پەيدا بولغان، لېكىن، بۈگۈنگە قەدەر ساقلىنىپ داۋاملىشىپ كەلگىنى ساناقلىقلا، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بىر مەھەل گۈللىنىپ ئەۋجىگە چىققان بولسىمۇ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا زاۋاللىققا يۈز تۇتقان، بۇنىڭ سەۋەبى شۇ دىننىڭ شۇ دەۋر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالمىغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، شۇ خىل دىن بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدا كەسكىن قارشىلىق، تىركىشىش پەيدا بولغانلىقتىن، ئۇ دىن تەنقىد ئوتىنى ئۆزىگە تۇتاشتۇرۇپ، ئۆزىنى ھالاكەتكە دۇچار قىلىش بىلەن نەتىجىلەنگەن بولۇشى مۇمكىن. ئىسلام دىنى نىسبەتەن ئوچۇق دىن، ئىسلام دىنىنىڭ سىرتتىن كىرگەن دىن تۇرۇپمۇ ئەينى چاغدا بۇددا دىنى ئاساس قىلىنغان، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ زورىيالىشى ئۇنىڭ قوبۇل قىلىش ۋە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە، شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەدەنىيىتىگە ئاڭلىق ئۇيغۇنلىشىشقا ماھىر بولغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

     مەدەنىيەتنىڭ ھاياتى كۈچى ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىشى، يۈكسەلدۈرۈشى، تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا باغلىق. مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ئەسلىدە بار بولغان ۋە زامانغا ماسلىشالماي قالغان قىممەت سىستېمىسى، تەپەككۇر يۈزلىنىشى، تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئانالىز قىلىش، شۇنداقلا ئەنئەنە جەۋھەرلىرىنى قايتا تولۇقلاش، تېخىمۇ مۇھىمى يېڭى قاراش، يېڭى بىلىم، يېڭى تۈزۈلمە شەكىللەندۈرۈش دېگەنلىكتۇر. بىر ئىلغار مىللەت باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگىنىۋېلىشى، بۇ ئارقىلىق مەدەنىيەتنىڭ قوللاشچانلىقى ۋە سىغدۇرۇشچانلىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. ئوخشاش بولمىغان دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار، ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەر دوستانە باردى – كەلدى قىلىشى، ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتۈشى كېرەك، بۇ مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەبەدىي گۈللەپ ياشنىشىنىڭ ئاساسى.

     كەڭ قورساق ۋە لىللا بولۇش ئۇيغۇلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئەۋلادمۇ – ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن گۈزەل ئەخلاقى. تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇيغۇرلار ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، زوراۋانلىققا، چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تىنچ ئازادلىقىنى كۈتۈۋالغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشى ئىشلىرىغا ئاكتىپ ئاتلىنىپ، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقان. ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاق بىرىكمە كۈچ توپلايدىغان مەنىۋى يېتەكچى. شۇڭا، مىللەت ۋە دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋە ئۇنى قوللايدىغانلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىغا زىت يول تۇتقانلاردۇر. دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان قانۇنغا خىلاپ ھەرقانداق جىنايى ھەرىكەت، مەيلى قانداق دەبدەبىلىك باھانىدىن پايدىلىنىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنى قىلچە ئەپۇ قىلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئۇيغۇرلارنى پاراكەندىچىلىك، قالاقلىق، ئەخمەقلىق ھەتتا بۆلگۈنچىلىكنىڭ چوڭقۇر ھېڭىغا ئىتتىرىدۇ.

     نۆۋەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ قورساق، لىللا بولۇشتەك ئېسىل مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ‹‹پانئىسلامىزم›› ۋە ‹‹پانتۈركسىزم›› نى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك ئىدىيە ئېقىملىرىنىڭ خىرىسىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئالدىدىكى يول ھېلىھەم ئەگرى – توقاي، لېكىن ئۇ نامايان قىلغان ئېھتىياتچان، پۇختا، سالماق، ئىدراكىي، جانلىق، ئەمەلىي بولۇش ئالاھىدىلىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ھېمايىسى ۋە قوللىشىغا سازاۋەر بولۇۋاتىدۇ، ئۇ پۇختا ئىدىيەۋى ئاساس ۋە ئىجتىمائىي ئاساسقا، كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە ئىگە، زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئىجابىي كۈچ ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

     نۆۋەتتە، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش داۋامىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى ئىدىيە – مەدەنىيىتىگە داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىشىمىز ۋە ئۇنى نۇرلاندۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، بىگۇناھلارنى قىرغىن قىلىشتەك ئەسەبىي جىنايى قىلمىشقا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە بىر سەپتە تۇرۇپ، ئۇلارغا قەتئىي زەربە بېرىشىمىز كېرەك. بۆلگۈنچىلىك ۋە چېكىدىن ئاشقان ئەسەبىي ئىدىيە ئالدىدا كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، مۇستەھكەم ھەق – ناھەق قارىشى تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىغا ۋارىسلىق قىلىپ، كەڭ قورساق، لىللا بولۇش روھىي ھالىتى بىلەن ھەرقايسى مىللەتلەر بىلەن جاپا – مۇشەققەتتە بىرگە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۈرتكە بولۇش ئۇلۇغ بۇرچىمىزنى ئادا قىلالايمىز.



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter