كازافى شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى
جاسۇسىنىڭ قولىدا ئلۆلگەن
سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقىنى بىلەن جاسۇسلۇق ئۇرۇشى ئاخىرلاشقىنى يوق. ۋاشىنگتوندا بۇلتۇر 8- مارت ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا خانىم – قىزلار جاسارەت مۇكاپاتى» نى تارقىتىش مۇراسىمىدا، لىۋىيەدىن كەلگەن ئەل ھەفىزە كىشىلەرنىڭ ئالاھىيدە دىققىتىنى تارتتى. ئامېرىكا دۆلەت كاتىۋى ھىلارىنىڭ قولىدىن كۈلۈپ تۇرۇپ مۇكاپات بۇيۇمىنى ئالغان بۇ قىزنىڭ ھەقىقىي سالاھىيتى بىر جاسۇس بۇلۇپ، شەرتلىك بەلگۈسى «نومىدىيە» ئىدى.
ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر 2011- يىلى 19- مارت لىۋىيەگە ھۇجۇم قوزغىدى. قىسقىغىنە نەچچە كۈن ئىچىدە كازافى ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ، ئوتتۇرا شەرقتىكى كۈچلۈك شەخس كازافىمۇ قەدىرسىزلا ئۆلدى. كىشىلەر ئەينى چاغدا بۇنى شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىلغار قۇراللىرىدىن كۆرگەن ئىدى.
«ئەرەپ باھارى» 2010- يىلى پارتىلىغاندىن كېيىن غەرب ئەللىرى، بولۇپمۇ ئامېرىكا ئاخبارات ئورگىنى غەربكە بويسۇنمىغان كازافى ھاكىمىيىتىنى ئاللاقاچان نىشانلاپ قويغان ئىدى. ئامېرىكا ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ نۇرغۇن خادىمى تۈرلۈك سالاھىيەت بىلەن لىۋىيەگە كىرىپ، قەبىلە قۇراللىقلىرى، ئۆكتىچىلەر بىلەن ئۇچرۇشۇپ، سايلامغا مەخپى يارىدەم بىرىش قاتارلىق بىر قاتار ھەركەتلەرنى قانات يايدۇردى ھەم «كازافىنى ئاغدۇرۇش» ئۈچۈن جامائەت پىكىرىنى قولغا كەلتۈردى.
شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيە خەلقىنى ئىچىدىن قوزغۇلۇشقا دەۋەت قىلغان لىۋىيەلىكلەر ئارىسىدا «نومىدىيە» ئەڭ تىپىك. شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن لىۋىيەدىكى ئۆكتىچىلەر ئاتالمىش دېموكراتىيە بايرىقىنى كۆتۈرۋېلىپ، ئامېرىكىنى يەمچۈك قىلىپ، 24 ياشلىق ئەل ھەفىزەنى ئازدۇردى. ئۇ ئېنژىنىر بۇلۇپ، لىۋىيە ئاياللىرىغا ئوخشاش بېشىغا رومال سالاتتى. ئۇ شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كازافى ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن بومباردىمان نىشانى بەلگۈلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. ئۇ دائىم پىكاپنى ھەيدەپ قىممىتى بار ئاخبارات يىغىش بىلەن بىللە، ھەربىيلىكتىن چىكىنگەن ئاتىسىنىڭ دوستلىرى، يەنى كازافى ھاكىمىيىتىگە سادىق لىۋىيە ئارمىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلىدى. «نومىدىيە» كازافىنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ئۇنى بايقاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، يۇشۇرۇنغان جايىنى دائىم ئۆزگەرتىپ تۇردى. بىر قېتىم ئۇنىڭ تېلفۇنىنى كازافىنىڭ ئادەملىرى بايقاپ قالدى. شۇڭا ئۇ دەرھال تېلىفۇن نومۇرىنى ئىتىۋىتىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ قېچىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرىدىن باشقا ھىچكىم ئۇنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقىنىنى بىلمەيتتى. چۈنكى لىۋىيەدىكى كىشىلەرمۇ بۇ ئاددى ئايالنىڭ غەربنىڭ جاسۇسى ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.
ئەمەلىيەتتە لىۋىيەدە «نومىدىيە»گە ئوخشاش جاسۇسلار خېلى بار. ئۇلارمۇ نۇرغۇن ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىدى. 2011- يىلى 30- فېۋرال كازافى يۇشۇرۇنغان بىر پۇقرانىڭ ئۆيى بومباردىمان قىلىنىپ، كازافىنىڭ تۆت تۇققىنى ئۆلدى. بۇ ئۇچۇرنىمۇ ئىچكى قىسىمدىكىلەر تەمىنلەپ بەرگەن ئىدى. كازافىنىڭ ئۆلىشىدىكى بىۋاستە سەۋەپمۇ جاسۇسلارنىڭ خەۋەر بىلەن تەمىنلىشى بىلەن بولغان ئىدى. كازافىنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرىدىن 50 ئوفېتسىر كازافىنىڭ قېچىشىغا يارىدەم بەردى. بۇنىڭ ئىچىدىكى 19 ئوفېتسىر ئەنگىلىيە ئامانلىق قوغداش شىركىتىنىڭ ئادىمى بۇلۇپ، بۇ شىركەت ئەمەلىيەتتە شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى جاسۇسلۇق ئورگىنىنىڭ ھىمايىسىدىكى ئورگان بۇلۇپ، شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى ئاخبارات بىلەن مەخپى تەمىنلەيدۇ. كازافى نۇرغۇن مائاش بىلەن ئىشلەتكەن خادىملىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ جاسۇسلىرى ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بۇلىشى مۇقەررەر ئىدى.