Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ئاتوم بومبىسى

ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ئاتوم بومبىسى

2013-04-03 12:30     كۆرۈلۈشى: 11,581 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى پارتىلىتىشنىڭ  ئالدى – كەينىدە     پارتىلىغىنى راستىنلا ئاتوم بومبىسىمۇ؟        1964- يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00 دە جوڭگۇ تۇنجى ئاتوم بومبىسى....

ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى پارتىلىتىشنىڭ

 ئالدى – كەينىدە

 

 

پارتىلىغىنى راستىنلا ئاتوم بومبىسىمۇ؟

 

     1964- يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00 دە جوڭگۇ تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك پارتىلاتقان بولسىمۇ، يەتتە سائەت جىم تۇرىۋېلىپ ئاندىن خەلقئاراغا ئاتوم بومبىسىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك پارتىلاتقانلىق ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى. ھەمدە كېچە بۇلۇپ كەتكىنىگە قارىماي تەبىرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. باياناتنى نىمە ئۈچۈن يەتتە سائەت كىچىكىپ ئېلان قىلىدۇ؟ تەبىرىكلەش پائالىيىتىنى كۈندۈزى ئۆتكۈزسە ياخشى ئىدىغۇ؟ بۇ بىر قاتار چىگىش مەسىلىلەرنىڭ جاۋابى بىرلا بۇلۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئەينى ۋاقىتتا ماۋزېدوڭ بۇ قېتىم پارتىلىغانلىقىنىڭ راستلا ئاتوم بومبىسى ئىكەنلىكىدىن گۇمانلانغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئېلىمىز راستىنلا ئاتوم بومبىسى پارتىلاتسىمۇ ئۇ بۇنىڭغا ئىشەنچ قىلالمىغان.

 

 

     جۇ ئېنلەي ئاتوم بومبىسى پارتىلىغانلىق خەۋىرىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزگەندە ئۇ ئىشەنچ قىلالماي، «پارتىلىغىنى راستىنلا ئاتوم بومبىسىمۇ؟ بۇنى ئېنىقلاپ باقايلى» دېگەن.

     مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بۇيىچە ئالاقىدار مۇتىخەسىسلەر ئىنچىكە ھىسابلاپ ۋە دەلىللەپ، بۇ قېتىم پارتىلىغىنىنىڭ راستىنلا ئاتوم بومبىسى ئىكەنلىكىنى، پارتىلاش ئېكۋېۋالېنتىنىڭ 20 مىڭ توننا TNT بىلەن تەڭلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەنىڭ ناگاساكىغا تاشلىغان ئاتوم بومبىسى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان بولسىمۇ، ماۋزېدوڭ ۋاقتىنچە سىرتقا ئاشكارلىماسلىق، چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىسپاتلىغاندىن كېيىن ئاندىن ئاشكارىلاش توغرىسىدا يوليۇرۇق بەرگەن.

     دەرۋەقە شۇ كۈنى كەچتىن باشلاپ، ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى،ياپونىيەلەر دۆلىتىمىزنىڭ غەرىبىي قىسمىدا 10 مىڭ توننىلىق بىر ئاتوم بومبىسى پارتىلاتقانلىقىنى تەكشۈرۈپ دەلىللىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ھەمدە غەرپتىكى چوڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇنى بەس – بەستە خەۋەر قىلىشقان. شۇ چاغدىلا ماۋزېدوڭ ھۆكۈمىتىمىزنىڭ بايانات ئېلان قىلىشىغا ۋە تەبىرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىشىگە رۈخسەت قىلغان.

 

ئامېرىكا پۈتۈن كۈچى بىلەن توسۇپ قالماقچى بولغان

 

     جوڭگۇ تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى پارتىلىتىش ھارپىسىدا ئامېرىكىنىڭ «يۇلونا» ناملىق سۈنئى ھەمراھى لوپنۇردىكى يادىرو سىناق مەيدانىغا ئاتوم بومبىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان 100 مىتىرلىق تۈمۈر مۇنار ۋە باشقا ئەسلىھەلەرنى سۈرەتكە ئېلىۋالغان ھەمدە بۇنىڭغا ئاساسەن ئامېرىكا جوڭگۇنىڭ پات ئارىدا ئاتوم بومبىسى سىناق قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان.

     9- ئاينىڭ 15- كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى رۇسىك ۋە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى ماك نامارا قاتارلىقلار سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىشىپ، جوڭگۇنىڭ يادرو پىلانىنى توسۇش ياكى ئۇنىڭغا زەربە بىرىش لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلغان.بۇ لايىھەدە بىرىنجى، ئامېرىكا ھاۋادىن زەربە بىرىش؛ ئىككىنچى، گۇمىنداڭ ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى ئەۋەتىپ ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش؛ ئۈچۈنچى، جوڭگۇدىكى ئىشپيۇنلاردىن پايدىلىنىپ بۇزغۇنچىلىق قىلىش؛ تۆتىنچى، گومىنداڭ ھەركەت گۇرۇپپىسىنى ئايرۇپىلاندا تاشلاپ ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت تۆت خىل لايىھە ئوتتۇرغا قۇيۇلغان. كىننىدى زوڭتوڭ لايىھەنى كۆرگەندىن كېيىن پىرىنسىپ جەھەتتە مەيلى قانداق ۋاستە قوللۇنىشتىن قەتئىينەزەر جوڭگۇنىڭ يادرو دۆلىتىگە ئايلىنىشىنى تۇسۇشنى قارار قىلغان. بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقان جۇئېنلەي 9- ئاينىڭ 16-، 17- كۈنلىرى ئىككى قېتىم ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەخسۇس يىغىنىنى چاقىرىپ، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان. يىغىندا ئىككى خىل پىكىر ئوتتۇرغا قويۇلغان. بىرى، ئەسلىدە بىكىتىلگەن ۋاقىت 1964- يىلى 10- ئايدا پارتىلىتىش؛ يەنە بىرى ئۇلار بىلەن تىغمۇ – تىغ تۇتۇشۇپ قېلىشتىن ساقلىنىپ، 3- سەپ قۇرۇلىشى پۈتكەندىن كېيىن پەيتنى تاللاپ ئاندىن سىناق قىلىش. لېكىن 2- خىل پىكىر لورۈيچىڭ قاتارلىقلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. ئۇ: «3- سەپ قۇرۇلىشىنى تاماملاشقا يەنە بىر نەچچە يىل ۋاقىت كىتىدۇ. شۇنىڭغىچە ساقلىغۇچە ئاۋال پارتىلىتايلى. ناۋادا ئۇلار ھەركەت قىلسا بىزمۇ جان تىكىپ ئېلىشايلى» دېدى. ئاخىرى ماۋزېدوڭ 1- خىل پىكىردىكىلەرنىڭ پىكىرىگە قۇشۇلۇپ، توققۇز كۈندىن كېيىن جوڭگۇ تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى پارتىلاتتى.

 

يادرو سىنىقى ئېلىپ بارىدىغان ئورۇن مەسىلىسى

 

     ئاتوم بومبىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىق كۈچى زور بولغاچقا ئۇنى پارتىلىتىدىغان مۇۋەپىق جاي تاللاش تولىمۇ مۇھىم ئىدى. جوڭگۇ – سوۋېت مۇناسىۋىتى ياخشى مەزگىلدە سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتىخەسىسلىرى: دۇنخۇاڭنىڭ زىمىنى كەڭ، سۈيى ئەلۋەڭ. بازا قۇرۇلىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئوفېتسىر – ئەسكەرلەرنىڭ سۇ ئىشلىتىشىگە قۇلايلىق دەپ دۇنخۇاڭنى ئاتوم بومبىسى پارتىلىتىدىغان جاي قىلىپ تاللاپ بەرگەن. 1959- يىلى جوڭگۇنىڭ تۇنجى يادرو سىناق بازىسى قۇماندانى جاڭ يۈنيۈ بۇيرۇققا بىنائەن دۈنخۇاڭغا بارغاندا سىناق مەيدانىنىڭ خەرىتىسى ئاللا بۇرۇن سىزىلىپ بولغان ئىدى. دەرۋەقە خەرىتىدە بىر نەچچە دەريا بار بولسىمۇ بۇ دەريالارنىڭ قۇرۇپ كەتكىنىگە يۈز يىلدىن ئاشقان بولغاچقا، نەچچە 10 مىڭ كىشىلىك قىسىمنىڭ ياشىشى مەسىلە بۇلۇپ قالاتتى. يەنە كىلىپ دۈنخۇاڭنىڭ تۇپرىقى بوش، ئەڭ يامىنى دۈنخۇاڭنىڭ مىڭ ئۆيلىرىگە ئاران 130 كىلومىتىر كىلىدىغان بولغاچقا، بۇ يەردە يادرو سىنىقى قىلىشقا بولمايتتى.

     جاڭ يۈنيۈ دەرھال بېيجىڭغا بېرىپ، چېن گېڭ، نيې روڭجىنلارغا دۈنخۇاڭدا يادرو سىنىقى قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. نيې روڭجىن ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ يادرو سىنىقىنى لوپنۇر رايۇنىدا ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا يوليۇرۇق بەرگەن.



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 جەمئىي 2 دانە ئىنكاس قالدۇرۇلدى
  1. يىكەنداز
    2013-04-04 19:24 ئالدىراش.كوم 

    ئاتىدىغان يەر چىقمىغاندەك بىزنىڭ يۈرتىمىزدا ئاتقىننى !!!

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]
  2. دىۋان
    2013-04-04 21:45 تۇران تېكىن 

    ئىھتىمال سىزنى گەپ قىلارمىكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئويلۇغىنىمدەك بۇلۇپتۇ.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter