ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> غايە بىلەن رېئاللىق ئارىسى مۇۋاپىق بولغىنى تۈزۈك

غايە بىلەن رېئاللىق ئارىسى مۇۋاپىق بولغىنى تۈزۈك

2013-04-05 10:04     كۆرۈلۈشى: 1243 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: مۇھەممەد ئابلا،      گۈلباھار قېييۇم        ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بېرىشلەر تۈگەپ، قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى ئېلان قىلىنغان كۈنى ئىككىنچى تۈركۈمدە قوبۇللىنىش شەرتىگە توشقان بالىنىڭ ئاتا – ئانىسى،....

مۇھەممەد ئابلا،      گۈلباھار قېييۇم

 

     ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بېرىشلەر تۈگەپ، قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى ئېلان قىلىنغان كۈنى ئىككىنچى تۈركۈمدە قوبۇللىنىش شەرتىگە توشقان بالىنىڭ ئاتا – ئانىسى، بوۋا – مومىلىرى ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى تەبرىكلەپ ئېسىل ئاشپۇزۇلدا غىزالانغاچ بالىنىڭ تىرىشچان، ئەقىللىقلىقىنى تەرىپلەشتى. ئەمما بالىنىڭ ئاتىسى تۇرمۇشىنى ئاران قامدايدىغان قوشنىسىنىڭ بالىسىنىڭ بىرىنچى تۈركۈمدە قوبۇللىنىش سىزىقىغا يەتكەنلىكى، بالىسىغىمۇ كۆپ ئەجىر قىلغانلىقى، بولۇپمۇ تولۇق ئۈچىنچى يىللىقتا بىر مۇنچە پۇل خەجلەپ، بىر نەچچە ئاساسلىق پەنلەرگە ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ بەرگەنلىكى، كۈتكىنىنىڭ بۇ نەتىجە ئەمەسلىكىنى تاپا ئارىلاش سۆزلىۋېدى، باياتىن چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچىدەك ھارارەتلىك ھېسسىياتتىكى بالا چوكىسىنى تاشلاپ يامانلاپ چىقىپ كەتتى. ھەممىنىڭ كۆڭلى غەش بولدى…

     دۇرۇس، كىشىلەر ھامان ئۆز رېئاللىقى بىلەن غايىسى ئارىسىدىكى مۇساپىنىڭ كارۋىنى. ناۋادا سەككىز ئادەم بىر گۇرۇپپىدا قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈشتە مۇسابىقىلەشسە، كىمنىڭمۇ ئاخىرقى نۇقتىغا سەككىزىنچى بولۇپ بارغۇسى كېلىدۇ؟ بالىنىڭ ئىككىنچى تۈركۈمدىكى قوبۇللىنىش نومۇر چېكىگە يەتكەنلىكى مەغلۇبىيەتنىڭ بەلگىسىمۇ؟ مېنىڭچە ئۇنداق ئەمەس. نەتىجە جەرياننى شەرت قىلىدۇ، جەرياننى نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىپ، نەتىجىگىلا ئېسىلىۋېلىش بىر تەرەپلىمە قاراشتۇر. مەسىلىنى بالىلارنىڭ ئەسلىي بىلىش ئاساسى، قىزىقىشى، مىجەز – خاراكتېرى، سالامەتلىكى، بىلىم قاتلاملىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى قاتارلىق ئامىللارنى قايرىپ قويۇپ، ھېلىقى بالىنىڭ ئاتىسىدەك كۆزەتسەك، بالا بىلەن ئاتا ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىيات ئارىلىقى يەنىمۇ يىراقلاپ كەتمەسمۇ؟

     گېپىمىزگە كەلسەك، ئىككىنچى تۈركۈمدە قوبۇللىنىش شەرتىگە توشقان ھېلىقى بالا بىر يەڭگۈچى. چۈنكى ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەنلەر مەۋجۇت بولسىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن تەڭلەشكەن ۋە ئارقىسىدا قالغانلار كۆپرەك، ئەلۋەتتە. ئەمما بۇ دېگەنلىك رىقابەتتە ئارقىدا قالغانلار بىلەن بەسلىشىشنى تەشەببۇس قىلغانلىق ئەمەس، بەلكى ئاتا – ئانىلارنى بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى توغرا، ئوبيېكتىپ باھالاش ئاساسىدا ئىستىقبال سەپىرىگە يېقىلغان پانۇسنى مۇناسىپ ئېگىزلىكتە تۇتۇپ بېرىشنى ئۆگىنىۋېلىشقا دالالەتلەش، خالاس. غايە ئەمەلىيەتتە نۇرغۇنلىغان قىسقا باسقۇچلۇق پىلاننى ئۆز تېنىنىڭ ھۈجەيرىسى ۋە توقۇلمىسى قىلغان بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرغان ھەربىر پەللە ھەركىمنى ئۈمىد ۋە ئىشەنچكە ئىگە قىلىپلا قالماستىن، غايە بىلەن رېئاللىقنىڭ ئارىلىقى ئانچە يىراقلاپ كەتمەيدۇ. ئەقەللىيسى، بىز بالىلىرىمىزنىڭ نەتىجىسىنى بۈگۈن ئالدىنقى تۈركۈمدىكىلەرگە، ئەليۇلئەلالارغا بىراقلا بەسلەشتۈرۈپ تەنبىھ بەرسەك، ئەتە ئالىي مەكتەپنى تاماملىغاندا تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسىنىڭ ئىختىراچىسى دارۋىن، ھاياتنىڭ ھەر ئون بىر كۈنىدە بىردىن كەشپىيات ياراتقان ئېدىسون قاتارلىق ئالىملاردىن بولىسەن دەمدۇق؟ نېمىشقا بىزمۇ چەت ئەللىكلەردەك رېئاللىققا دادىل، ئىلمىي يۈزلىنىپ، سىنىپ بويىچە ئارقىدىن سانىغاندا ئىككىنچى چىقالىغان بالىلىرىمىزنىڭ چېكىسىدىن سۆيۈپ، باشلىرىنى سىلاپ ئەركىلىتىپ تۇرۇپ‹‹سېنىڭ ئارقاڭدا يەنە بىرسى بار ئىكەنغۇ؟ مۇشۇنىڭ ئۆزى غەلىبە، يەنە بىر ئاز تىرىشساڭلا يەنە بىر قانچىسى ئارقاڭدا قېلىشى تۇرغانلا گەپ›› دېگەندەك رىغبەتلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئۈمىدۋارلىق ۋە ئىشەنچ قاچىسىغا ماغدۇر قاچىلاپ تۇرۇشقا ئادەتلەنمەيمىز. ھە دېگەندىلا شۇغۇللانغان، ياراتقان، قولغا كەلتۈرگەنلىرىدىن قۇسۇر ئىزدەپ، نارازىلىق ئاسمانلىرىمىزدىن چاقماق چاقتۇرۇپ، مۆلدۈر ياغدۇرۇشقا ئادەتلىنىۋالساق، باشقىلار ئەليۇلئەلا بالىسىغا تېگىشىپ بېرەتتىمۇ؟ بالىلار ھەربىر ئىستىقبال پەللىسىدە توغرا مۇئەييەنلەشتۇرۇش ۋە تېگىشلىك رىغبەتكە ئېرىشەلمىسە، غايىسى خىرەلىشىپ، ئۈمىدۋارلىقتىن، ئىرادىسىدىن، ئىشەنچتىن، ئىلگىرىلەش ئەقىدىسىدىن ئاسانلا يالتىيىۋالىدۇ. مۇنداق ئەھۋالدا توغرا، ئىلمىي رىقابەت شەكىلۋازلىققا، كۆز بويامچىلىققا، ھەسەتخورلۇققا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.

     بىر كۈنى مايمۇن كۆندۈرگۈچى مايمۇنغا ئېگىزگە تىك سەكرەشنى ئۆگىتىش مەقسىتىدە بىر تال ئالمىنىڭ ساپىقىدىن رېزىنكە بىلەن چىگىپ ساڭگىلىتىپتۇ. مايمۇن ئالمىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىك سەكرىگەن ئىكەن، كۆندۈرگۈچى رېزىنكىنى دەرھال قويۇۋېتىپ، ئالمىنىڭ ئورنىنى ئېگىزلىتىۋاپتۇ. مەشىق مۇشۇ يوسۇندا نەچچە ئون قېتىم داۋاملىشىپتۇ. يالتايسا پەسلەپ، ئىنتىلسە ئېگىزلىۋالىدىغان ئالمىغا ئېرىشىشكە كۆزى يەتمىگەن مايمۇن ئاخىرى ئەسەبىيلىشىپ ئىگىسىنىڭ قولىنى چىشلەپ زەخىملەندۈرۈپتۇ. ئەگەر مايمۇن ھەر ئون قېتىم سەكرىشىدە بىر تال ئالمىغا ئېرىشەلىگەن بولسا، نەتىجە باشقىچە بولغان بولاتتى. شۇڭا بالىلارغا غايە سەپىرىدىن كۆرسەتمە بەرگەندە ھەربىر باسقۇچنىڭ تەشەببۇسكارلىقىنى، باسقۇچلار ئىنتىرۋالىنى پىششىق ئىگىلىشىمىز، ھەرگىزمۇ كۆز يەتمەيدىغان، ئابستراكت، گۇڭگا قىلىۋەتمەسلىكىمىز، ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى، كۆز ئالدىدىكى ئەڭ بىۋاسىتە، كونكرېت ئۇقۇم ۋە باسقۇچلارغا ئايرىپ كۆرسەتمە بېرىشكە قادىر بولۇشىمىز كېرەك. غايە ئۇقۇمى بالىلارنىڭ تۇيغۇسىدا قانچە مەۋھۇملاشسا، ھېسسىيات جەھەتتە بايىقى مايمۇنغا ئوخشاپ قالىدۇ. ئالىي مەكتەپ بوسۇغىسى ئۆگىنىش، ئىزدىنىش سەپىرىنىڭ خاتىمە باسقۇچى ئەمەس. شۇڭا بالىلاردىن يەتتە ئەجدادىمىز قىلىش تۈگۈل ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىغان نەرسىلەرنى بىراقلا تەلەپ قىلىش موزايدىن قايماق تەمە قىلغانلىق بولىدۇ، خالاس. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ھە دېگەندىلا مۇناسىپ تەلەپنى بەكلا تۆۋەنلىتىۋېتىشمۇ ئوخشاشلا خەتەرلىك.

     دېمەك، غايە مۇساپىسىنىڭ ھەربىر دوقمۇشىدا يېشىل چىراغ بىلەن قىزىل چىراغ تەڭ مەۋجۇت بولۇشى، لايىقىدىكى رىغبەت ۋە ئىبرەتمۇ ئورگانىك نۆۋەتلىشىشى زۆرۈر. غايە جەھەتتىكى تىزگىنەك نورمال كونتروللانمىسا، كىچىك ئىشلار پىسەنتىگە ئېلىنمايدىغان، چوڭ ئىشلار قولىدىن كەلمەيدىغان، بىپەرۋا، مەسئۇلىيەتسىز ياكى جۈرئەتسىز، دىتسىز ئەۋلادقا قورساق كۆتۈرۈشىمىز مۇمكىن. غايە ئۈمىد ۋە ئىرادىنىڭ ئۆكسۈمەس بۇلىقى. ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغاندىلا، ھايات ئېكىنزارلىقىنى مەنىلىك، نەتىجىلىك كەشتىلەپ چىققىلى بولىدۇ. بىلىشىمىز كېرەككى، بىناغا پەلەمپەيمۇ پەلەمپەي چىققىنىمىزدەك، ھايات مۇساپىمىزنىڭ ھەربىر باسقۇچىدىكى گۈزەل غايە – ئىستەكلىرىمىز بىلەن ئوبيېكتىپ رېئاللىقىمىزنىڭ ئارىلىقى مۇۋاپىق بولسۇن.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter