يېقىندىن بۇيان ئالتۇننىڭ باھاسى تۇراقسىز بولدى. خەلقئارادا 12- ئاپرىل ئالتۇننىڭ باھاسى %4.1 تۆۋەنلىدى. 15- ئاپرىل يەنە %9 تۆۋەنلەپ، 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشتى. شۇ ۋەجدىن نۇرغۇن دۆلەتلەر ئالتۇن دۇكانلىرىنىڭ قۇرۇقدىلىپ قالغانلىقى توغرىسىدا كۆپلەپ خەۋەر بەردى.
ئانالىزچىلار: بۇ قېتىمقى ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشىشىنى قىسمەن چوڭ گۇرۇھلار پايدا ئېلىش ئۈچۈن كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇلىشى مۈمكىن دەپ قارىدى. نەنكەي ئۇنىۋېرسىتىتى بىڭخەي ئىنىستىتوتىنىڭ پروفېسسورى با تاۋ مۇنداق دەپ قارىدى: ھازىر ئالتۇنغا مەبلەغ سالىدىغانلار بارغانسىرى كۆپەيمەكتە. ئاسىيا ئەللىرى ئالتۇن باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىنى يۇقىتىش خەرەكتىرلىك ئاپەت دەپ قارىمايدۇ. شۇنداقلا غەرب پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ ئالتۇن قۇرۇقداش قىلمىشىدىنمۇ قورقۇپ كەتمەيدۇ. جوڭگۇنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدىلا ئەمەس، ھىندىستان، ياپونىيە، تايلاند، سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەردە ئالتۇننى تالىشىپ سېتىۋېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى. بۇ ئاسىيالىقلارنىڭ بايلىق تەپەككۇرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئالتۇن ساقلاش ۋە مەبلەغ سېلىش ئاسىيالىقلارنىڭ ئالاھىيدىلىكى. ئالتۇن بىلەن ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن ئىككى خىل تاللاش. ئامېرىكىنىڭ فېدراتسىيە زاپاز ئالتۇن سىياسىتىدىن چىكىنىپ چىقىشى ئامېرىكا دوللىرىغا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى ئۆستۈرىشى مۈمكىن. لىكىن ئاسىيادىكى مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن ئالتۇن ئامېرىكا دوللىرىدىنمۇ بەكرەك جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە. ئۇنداقتا بۇ خىل ۋەزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئامېرىكىمۇ؟
ئانالىزچىلار: بۇ بىر ئالدىن پىلانلانغان ئىش. ئامېرىكىنىڭ فېدراتسىيە زاپاز ئالتۇن سىياسىتىدىن چىكىنىپ چىقىشى ئالتۇن باھاسىغا بېسىم پەيدا قىلىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئالتۇن بازىرىدىن چىكىنىشكە قىستاپ، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت زايۇمىنى سېتىشقا يارىدەم بىرىش ئۈچۈندۇر. ئامېرىكا يەنە بۇ ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئالتۇن زاپىسىنى ئازايتىپ، ھەرقايسى دۆلەت پۇللىرىنىڭ قىممىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۇرسىنى ئۆستۈرۈش مەقسىدىگە يەتمەكچى دەپ قارىدى.
ئانالىزچىلار: ئالتۇن باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ كەينىدە بىر مەيدان پۇل مۇئامىلە ئۇرىشى بار. لېكىن ئامېرىكىنىڭ بۇ ئويۇننى ئوينىشى بەكلا بالدۇر بۇلۇپ قالدى. چۈنكى ئامېرىكا ئالتۇن باھاسىنى تۆۋەنلىتىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئالتۇن بازىرىدىن چىكىندۈرۈش ئارقىلىق ئامېرىكا ساتقان ئالتۇننى قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولدى. لېكىن ئالتۇن باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن ئاسىيادا ئالتۇن سېتىۋالىدىغانلار كۆپەيدى. شۇڭا ئامېرىكا كۆزلىگەن نىشانغا يىتەلمىدى دەپ قارىدى.