ھەر يىلى 5- ئاينىڭ 12- كۈنى خەلقئارا سېستىرالار بايرىمى. بۇ بايرام ھازىرقى زامان سېستىرالىق ئىلمىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى فېيلاۋلۈنسى نەندىڭگېرنى (خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى بۇيىچە ئېلىندى) ئەسلەش ئۈچۈن، 1912- يىلى خەلقئارا سېستىرالار جەمىيىتىى تەسىس قىلىنغان. خەلقئارا سېستىرالار بايرىمىنىڭ ئاساسىي مەقسىدى نەندىڭگېرنىڭ جاپا مۇشەققەتتىن قورقماي تۆھپە يارىتىدىغان، كىسەلنى داۋالاپ ئادەمنى قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا باتۇرلۇق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلايدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى تەشەببۇس قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، ھەم ئۇنى جارى قىلدۇرۇش مەقسىدىدە تەسىس قىلىنغان.
بۇ بايرام كەڭ سېستىرالارنىڭ سېستىرالىق كەسپىنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، مىھرىشەپقەتلىك، سەۋرىچانلىق، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھەر بىر بىمارغا مۇئامىلە قىلىش، شۇنداقلا پەرۋىش قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ. بۇ بايرام ئەو دەسلەپتە ”دۇختۇرخانا كۈنى“ دەپ ئاتالغان. شۇنداقلا ” نەندىڭگېر كۈنى“ دەپمۇ ئاتالغان. جوڭگۇدا بولسا ”خەلقئارا سېستىرالار بايرىمى“ دەپ ئاتالغان.
دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى بىن 8 – ماي بېيجىڭدا ئېچىلغان خەلقئارا سېستىرالار بايرىمى پەرۋىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزدە دورا، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، پەرۋىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق. 2012 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە رويخەتكە ئېلىنغان سېستىرا سانى 2 مىليون 497 مىڭغا يېتىپ، 2005 – يىلىدىكىدىن 1 مىليون 150 مىڭى كۆپىيىپ، دۇنيادىكى سېستىرالار ئومۇمىي سانىنىڭ %19.2 نى ئىگىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەرۋىش مۇلازىمىتى ساھەسىمۇ يۈكسەلدى، سېستىرالار مەھەللە ۋە ئائىلىلەرگىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىپ، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ئۇزاق مۇددەت پەرۋىش قىلىش، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، بىمارلار سەكراتقا چۈشكەندە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، ئاممىنىڭ كۆپ خىل، كۆپ قاتلاملىق مۇلازىمەتكە بولغان ئىھتىياجىنى قاندۇردى.