Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> جۇڭگو ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتى

جۇڭگو ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتى

2013-05-11 12:27     كۆرۈلۈشى: 11,296 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتى ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى جۇڭگو ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتى        يېقىندىن بۇيان، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرىنىڭ كەينى كەينىدىن جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشى سىرتتىك....

جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتى ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى

جۇڭگو ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتى

 

     يېقىندىن بۇيان، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرىنىڭ كەينى كەينىدىن جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشى سىرتتىكىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى، ھەتتا بەزى تاراتقۇلار جۇڭگو ئوتتۇرا شەرق ياراشتۇرۇشىغا قاتنىشىشقا باشلىدى دەپ قىياس قىلىشنى. ئەمەلىيەتتە، جۇڭگو تارىختىن بۇيان پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن ناھايىتى قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن، لېكىن تۈرلۈك ئامىللار تۈپەيلىدىن جۇڭگو –ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتى جۇڭگو بىلەن پۈتكۈل ئەرەب دۇنياسىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەمدە خەلقئارا مۇناسىۋەت قېلىپىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىدى تەسىر.

 

 

     1948- يىلى 14-ماي، ئىسرائىلىيە مۇستەقىللىق جاكارلىدى. شۇ ۋاقىتتا جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ گېزىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو جامائەتچىلىكى بۇنى قارشى ئالدى. 27-ماي، شىمالىي جۇڭگو ئازاد رايونىدىكى «جىجوڭ گېزىتى» دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىسرائىلىيە دەپ نام قويۇلغان يېڭى يەھۇدىيلار 14-ماي مۇستەقىللىق جاكارلىدى. ئىككى مىڭ يىلدىن بۇيان ۋەتەنسىز سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن ھاقارەتكە ۋە قىرغىن قىلىشقا ئۇچراپ كەلگەن يەھۇدىي خەلقىنىڭ يەھۇدىي دۆلىتى قۇرۇش ئارزۇسى ئەمەلگە ئېشىشقا باشلىدى.

     1949- يىلى 1- ئۆكتەبىر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى، شۇنداقلا ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. 1950- يىلى 9- يانۋار يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ تۆت ئاي بولغاندا ئىسرائىلىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇسا سارت جۇڭگونىڭ باش مىنىستىرى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى جۇ ئېنلەيگە تېلېگرامما يوللاپ، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگونىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمىتى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى ھەمدە جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداق قىلىپ ئىسرائىلىيە ئوتتۇرا شەرقتىكى تۇنجى شۇنداقلا بېرما، ھىندىستان، پاكىستان، سرىلانكا، ئەنگلىيە ۋە نورۋېگىيەدىن كېيىن يېڭى جۇڭگونى ئېتىراپ قىلغان يەتتىنچى غەيرىي سوتسىيالىستىك دۆلەت بولۇپ قالدى. «خەلق گېزىتى» 1950- يىلى 17- يانۋار باش ئىستونىغا «ئىسرائىلىيە، ئافغانىستان، فىنلاندىيە ئېلىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى، دىپلوماتىيە مىنىستىرىمىز جۇ ئېنلەي ئايرىم ئايرىم تېلېگرامما ئەۋەتىپ قارشى ئالدى» دېگەن تېمىدا خەۋەر بەرگەن ئىدى. ئارقىدىن جۇڭگو بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى موسكۋادا ئۇچراشتى. لېكىن ئامېرىكا يېڭى جۇڭگوغا دۈشمەنلىك پوزىتسىيىسىدە بولغاچقا، ئامېرىكىنىڭ ياردىمىگە تايىنىۋاتقان ئىسرائىلىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئېھتىيات بىلەن ئىش قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ خاھىشىنى ئويلاشمىسا بولمايتتى.

     1950- يىلى ئىيۇلدا چاۋشيەن ئۇرۇشى پارتلىدى. ئۆكتەبىردە جۇڭگو ئەسكەر چىقىرىپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىپ ئامېرىكىغا قارشى تۇردى. ئىككىنچى يىلى فېۋرالدا، ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارقىلىق قارار چىقىرىپ جۇڭگوغا تاجاۋۇزچى دەپ بوھتان چاپلىدى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەندە شىددەتلىك ئۇرۇش قىلىشىنىڭ ئېغىر ۋەزىيەت ئاستىدا، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ سىرتتىكى ئورگانلىرىغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى كۆپ سانلىق دۆلەتلەر بىلەن قارشىلاشماسلىق توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈردى، بۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيە-جۇڭگو دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسېرى سۇسلاشتى.

     1955- يىلى ئاپرېلدا بىرىنچى نۆۋەتلىك ئاسىيا-ئافرىقا يىغىنى باندۇڭدا ئېچىلدى، مىسىر، سۇرىيە قاتارلىق توققۇز ئەرەب دۆلىتى تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتناشتى، ئەرەب ئەللىرى بىلەن دۈشمەن بولغان ئىسرائىلىيە بۇنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلدى. يىغىندا 24-ئاپرېل ئەڭ ئاخىرقى ئاخبارات ئېلان قىلىنىپ، پەلەستىندىكى ئەرەبلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوللاش قارار قىلىندى. بۇ ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە ئېغىر زەربە بولدى. ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى يىتىم قالدۇرۇلۇپ، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاسىيا-ئافرىقا يىغىنىنىڭ ئۆزىگە پايدىسىز تەسىرىنى تۈگىتىشكە ئالدىرىدى. ئاسىيا-ئافرىقا يىغىنى ئەمدىلا يېپىلىشىغىلا، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئالدىراپ تېنەپ جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىلەن ئالاقىلىشىپ، جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن جۇڭگو ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتىنىلا ئويلاش كۇپايە قىلمايتتى، جۇڭگو-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتى بىلەن ئەرەب ئەللىرى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تالاش تارتىشى ھەمدە جۇڭگونىڭ ئەرەب ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر تۇتاش ئويلىشىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى پۈتكۈل خەلقئارا كۈرەشتە ۋە جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەر قايسى ئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ئومۇمىيلىقىدا پۇت تېرەپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئەرەب دۇنياسىدىكى بۇ كەڭ زېمىننى كۆزدە تۇتۇپ، ئىسرائىلىيە بىلەن ۋاقتىنچە دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى ئورناتماسلىق فاڭجېنىنى بېكىتتى. لېكىن جۇڭگو يەھۇدىيلارنىڭ باراۋەر ھوقۇقىنى ئىنكار قىلمىدى ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئوبيېكتىپ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلدى. بۇ فاڭجېننىڭ بېكىتىلىشى جۇڭگونىڭ كېيىنكى كۈنلەردە ئەرەب دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشىدا مۇھىم رول ئوينىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە جۇڭگو بىلەن ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئەگرى توقايلىقلارغا تولغان ئۆزگىرىشچان مۇساپىسىغىمۇ زور تەسىر كۆرسەتتى.

     1956- يىلى ئۆكتەبىردە ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە ئىسرائىلىيە بىلەن بىرلىشىپ مىسىرغا ھۇجۇم قىلىپ، جاھاننى زىل زىلىگە كەلتۈرگەن سۇۋەيىش قانىلى ئۇرۇشىنى قوزغىدى. شۇ چاغدا جۇڭگو مىسىر ناسىر ھۆكۈمىتىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇپ، ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداشتىن ئىبارەت ھەققانىي كۈرىشىنى قەتئىي قوللىغان ئىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ جۇڭگونىڭ ئەرەب-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىغا تۇتقان پوزىتىسىيىسى ۋە ئىسرائىلىيەگە بولغان قارىشىدا بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش پەيدا بولۇشقا باشلاپ، جۇڭگو-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتى 20 نەچچە يىل سوغۇق ھالەتنى باشتىن ئۆتكۈزدى.

     بۇ 20 يىلدا بىر تەرەپتىن ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى، ئىسرائىلىيەمۇ پۈتۈنلەي ئامېرىكىغا ئەگەشمەستىن، بىرقەدەر مۇستەقىل سىياسەتنى يولغا قويۇشقا باشلىدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئەرەب ئەللىرى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشىلانمايلا قالماستىن، ئەكسىچە بىر نەچچە قېتىملىق ئۇرۇشتىن كېيىن تېخىمۇ يامانلىشىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جۇڭگونىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى كۈنسېرى تەرەققىي قىلدى. مۇشۇنداق ۋەزىيەت ئاستىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا توسالغۇ ئازىيىپ، جۇڭگونىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئەكسىچە توسالغۇ كۈچىيىپ كەتتى. ئىسرائىلىيە بىر قانچە قېتىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى ئىپادىلىگەندە، جۇڭگو بۇنىڭغا مۇناسىپ ئىنكاس قايتۇرۇشقا ئامالسىز قالدى. ئىككى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتتە بىۋاسىتە تالاش-تارتىشى بولمىسىمۇ، ئەمما باشقا تەرەپلەردىكى ئامىللار تۈپەيلىدىن شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىتقىچە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتالمىغانلىقى خەلقئارا مۇناسىۋەت تارىخىدا كەم ئۇچرايدۇ.

     جۇڭگو ئىسلاھات ئېلىپ بارغان ئىشىكنى ئېچىۋەتكەندىن كېيىن، مىسىر – ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ قەدەممۇ قەدەم ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى. 1985- يىلى ئىسرائىلىيە كابىنېتى مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، جۇڭگوغا قاراتقان سىياسىتىنى تەتقىق قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مەبلەغ ئاجرىتىپ، تاقىلىپ قالغىنىغا 10 يىل بولغان ئىسرائىلىيەنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىنى قايتا ئاچتى. ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نىشانى تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىسرائىلىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىدىكى قاتمال ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، جۇڭگو بىلەن بالدۇرراق دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ فاڭجېنى شۇ ۋاقىتتا ئىسرائىلىيەنىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكى ئىككى چوڭ پارتىيە ۋە لىكوت گۇرۇھى، شۇنداقلا لېيبورىستلار پارتىيىسىنىڭ بىردەك مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى قاتلام ئاممىسىمۇ بۇنى قوللىدى.

     شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقئارا مۇناسىۋەت شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىدىكى بىر قاتار جىددىي ئۆزگىرىشلەر جۇڭگو-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ ياخشىلىنىشىغا پۇرسەت ياراتتى.

     ئالدى بىلەن، پارس قولتۇقى ئۇرۇشى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇش قىلىش تەرەپدارلىرىنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، تالاش-تارتىشلارنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش تەرەپدارلىرىنىڭ كۈچىنى ئاشۇردى. مۇشۇنداق پايدىلىق ۋەزىيەت ئاستىدا، ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى تىنچلىقنى قوللايدىغان كۈچلەر بىرلىشىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاخىرىدا «مادرىت ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق كېلىشىمى»نى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىغا قانداق قاتنىشىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى، چۈنكى بۇ تىنچلىق مۇساپىسىگە ھەقىقىي قاتنىشىش ئۈچۈن، توقۇنۇش بولۇۋاتقان بىر تەرەپ ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتمىسا بولمايدىغانلىقى ئېنىق ئىدى.

     بۇنىڭدىن باشقا، ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى رايونىدىكى دۆلەتلەر ئىسرائىلىيە بىلەن كەينى-كەينىدىن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقتىن، جۇڭگودىن ئىبارەت مۇشۇنداق بىر چوڭ دۆلەتنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتمىغانلىقى بارغانسېرى نورمالسىز كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئەرەب دۆلەتلىرىمۇ بارغانسېرى كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋەزىيىتىدىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، بۇ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى كۆتۈرۈش ئىقتىدارىمۇ بىر ئاز ئاشتى.

     مۇشۇنداق ئىجابىي ۋەزىيەت ئاستىدا، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ياڭ فۇچاڭنىڭ 1991- يىلى دېكابىردا تېلئاۋىفقا قىلغان سەپىرى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى داۋىت لىۋىينىڭ 1992- يىلى يانۋار بېيجىڭغا قىلغان سەپىرى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇشنىڭ دىپلوماتىيەلىك ئىش تەرتىپلىرى تاماملاندى. 1992- يىلى 24- يانۋار جۇڭگو بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئاخباراتىنى رەسمىي ئىمزالاپ، باش ئەلچى دەرىجىلىك دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو-ئىسرائىلىيە، جۇڭخۇا مىللەتلىرى بىلەن يەھۇدىيلار مۇناسىۋىتى تارىخى، ھەتتا جۇڭگونىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيەگە قاراتقان سىياسىتىدە بىر يېڭى سەھىپە ئېچىلدى.

 

     مەنبە: بۇ يازما ۋە سۈرەت جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورىدىن ئېلىندى



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 جەمئىي 1 دانە ئىنكاس قالدۇرۇلدى
  1. دىۋان
    2013-05-11 15:12 تۇران تېكىن 

    يازمىنىڭ ئەسلى مەنبە ئادېرىسى:
    http://www.uycnr.com/xwzx/lwsj/201305/t20130510_486273.html

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter