H7N9 بىر خىل ئىككىلەمچى قۇش زۇكۇمى بۇلۇپ، ۋىروسنىڭ سىرتقى پەردىسىنى ئىككى قەۋەت قەنت ئاقسىلى ئوراپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ بىرى قان ھۆجەيرىسى ئاگگليۇتىن (H)، يەنە بىرى نېۋرامىنىدازا (N). H تىپىدىكىسى يەنە 15 ئىككىلەمچى تىپقا، N تىپىدىكىسى 9 ئىككىلەمچى تىپقا ئايرىلىدۇ. ئىنسانلاردىكى تارقىلىشچان زۇكام ۋىروسى قۇش زۇكۇمى ۋىروسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. لېكىن قۇش زۇكۇمى ۋىروسىنىڭ ھەممىسى ئىنسانلار زۇكۇمىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. قۇش زۇكۇمى ۋىروسى ئىچىدە H3، H5، H7، H9 ئادەمگە يۇقىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە H5 نىڭ يۇقۇمچانلىقى ئەڭ كۈچلۈك. H3 ئادەم ۋە ئىتلارغا تەڭ يۇقىدۇ. تارقىلىشچان زۇكام ۋىروسىنىڭ ئالاھىيدىلىكىگە ئاساسەن HxNx دەپ جەمئى 135 خىل ئىككىلەمچى قۇش زۇكۇمى ۋىروسى بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى بۇلۇپ، ئىلگىرى پەقەت قۇشلاردىلا بايقىلىپ، ئىنسانلارنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالى بايقالمىغان. بۇ خىل ۋىروسنىڭ بىئولوگىيىلىك ئالاھىيدىلىكى، كىسەللىك پەيدا قىلىش كۈچى، تارقىلىش كۈچىگە نىسبەتەن تېخى تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم قىلىشقا ئاساس يوق.
H7N9 ئىككىلەمچى تارقىلىشچان قۇش زۇكۇمى ۋىروسى A تىپتىكى تارقىلىشچان زۇكامنىڭ بىر تۈرى بۇلۇپ، ئىلگىرى پەقەت قۇشلاردىلا بايقالغان. ئادەملەرنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.
يۇقۇملۇق زۇكام – يۇقۇملۇق زۇكام ۋىروسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل جىددىي خەرەكتىرلىك نەپەس يۇلى يۇقۇملۇق كىسەللىكى ھىساپلىنىدۇ. يۇقۇملۇق زۇكام ۋىروسى A، B، C دىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە A تىپلىق يۇقۇملۇق زۇكام – يۇقۇملۇق زۇكام ۋىروسى ئالاھىيدىلىكىگە ئاساسەن HxNx بۇلۇپ، جەمئىي 135 ئىككىلەمچى تىپقا ئايرىلىدۇ.
مۇشۇ زۇكام يەنە مالىماتتاڭ قىلدىغان بولدى جۇڭگۇنى…
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
بۇ قېتىمقى قۇش زۇكۇمىدىن ئەنسىرەپ كىتىشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى بۇنىڭغا قارشى تۇرىدىان ۋە ئالدىنى ئالىدىغان «تەشۋىقات» دورىسىنى تەييارلاپ بولدۇق.
بۇ باھاغا پىكىرىم بار: