ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> جوڭگۇ ئارزۇسى

جوڭگۇ ئارزۇسى

2013-04-09 11:52     كۆرۈلۈشى: 11,991 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      2012- يىلى 11- ئاينىڭ 29- كۈنى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپى دۆلەتلىك مۇزىيخانىدا «گۈللىنىش يولى» نامىلىق كۆرگەزمىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغاندا، ج ك پ مەركىزى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ش....

     2012- يىلى 11- ئاينىڭ 29- كۈنى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپى دۆلەتلىك مۇزىيخانىدا «گۈللىنىش يولى» نامىلىق كۆرگەزمىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغاندا، ج ك پ مەركىزى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شى جىنپىڭ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن «جۇڭگو ئارزۇسى» نى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى جۇڭگو ئارزۇسىنى مۇلاھىزە قىلىشىۋاتىدۇ، مېنىڭچە، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش – جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى».

 

 

      جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ ئوتتۇرغا قويۇلۇشى، خەلق ئاممىسىنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولغان چىن ئارزۇسى ۋە يۈكسەك قىزغىنلىقىغا زور دەرىجىدە ئىلھام بەردى، شۇنداقلا جىددى شەرھىلەشكە تىگىشلىك بىر چوڭ تېمىنى- يەنى جۇڭگو ئارزۇسىنى قانداق چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭ قانداق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگو ئارزۇسى – جوڭگۇ ئارزۇسى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك مەزمۇنلارنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىش ھەم كىشلەرنى جۇڭگو ئارزۇسىنى توغرا چۈشىنىش ۋە ئۇنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەشتە مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

 

ئارزۇ ئاساسىنى تەرەققىيات ئارقىلىق مۇستەھكەملەيلى

 

     ئارزۇ كۈچلەرنى قوزغىتىش، كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتە رېئال مۇستەھكەم ئاساستىن ئايرىلالمايدۇ؛ ئارۇزنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن رېئال كۈچلۈك ئاساسقا تېخىمۇ تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ.

     تەرەققىيات چىڭ قائىدە دېگەن ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىشتىكى ماددىي مەدەنىيەت ئاساسىنى داۋاملىق مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تېزلىتىش جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنىڭ زۆرۈر تەلىپى ۋە تۈپ يولى، دەپ شەرھلەندى.

     ئۇلۇغ ئارزۇ رېئاللىقتىن كەلگەن. ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نىڭ تەدرىجىي شەكىللىنىش جەريانى جۇڭگونىڭ داۋاملىق راۋاجلىنىپ ئىلگىرىلەش جەريانى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ۋەتەنپەرۋەر ئوقۇغۇچىلار ئو ت م غا ئائىت ئۈچ سوئالنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ ئىلغار ياشلار دۇنياۋى كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈشنى ئارزۇ قىلدى. ئۇرۇش مالىمانچىلىقىنىڭ ئايىغى چىقمايۋاتقان، خەلق تۇرمۇشى مۈشكۈل كۈنگە قالغان، ئىقتىساد كاساتلاشقان ئەھۋالدا، ئارزۇدىن سۆز ئېچىش مۇمكىنمۇ؟ يېڭى جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشىدىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق بېيىشقىچە، ئارقىدىن يېڭى ئەسىردىكى قۇدرەت تېپىش، ئو ت م ئارزۇسى، دۇنياۋى كۆرگەزمە ئارزۇسىنىڭ روياپقا چىقىشىغىچە بولغان جەرياندا، ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى›› بارغانسېرى كۈچەيدى.

     ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغاندىلا، ئارزۇنى روياپقا چىقارغىلى بولىدۇ. دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بەخت – سائادەتكە ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى›› دۆلەتنىڭ ماددىي قاتتىق ئەمەلىي كۈچى ۋە مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنىڭ زورىيىۋاتقانلىقىدا، تېخىمۇ ياخشى مائارىپ، تېخىمۇ مۇقىم خىزمەت، تېخىمۇ رازى قىلارلىق كىرىم قاتارلىق خەلققە يەتكۈزۈلگەن ھەقىقىي مەنپەئەتتە ئىپادىلەندى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى كۆتۈرەڭگۈ ھاياتىي كۈچىنى ساقلىدى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى. بۇ ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نىڭ ئەڭ مۇستەھكەم ئاساسى بولۇپ، بىزنى تولۇپ – تاشقان ئىشەنچ بىلەن زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نىشانىغا قاراپ پۇختا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى.

     شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ئىلگىرىلەش يولىمىزدا تۈرلۈك خەۋپ – خەتەر، خىرىسقا دۇچ كېلىمىز. ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مىقدارىدا دۇنيا بويىچە 2 – ئورۇنغا چىققان بولساقمۇ، ئوتتۇرىچە سەۋىيەدە يەنىلا چوڭ پەرق بار؛ دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ ‹‹يېڭى موتورى››غا ئايلانغان بولساقمۇ، مۇھىت بېسىمى، بايلىق مەنبەسىنىڭ بوغما ھالىتى كۈنسېرى گەۋدىلىنىۋاتىدۇ؛ ئىجتىمائىي ھاياتىي كۈچ جانلانغان بولسىمۇ، تىپ ئۆزگەرتىش جەريانىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ياخشى بىرتەرەپ قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالى، ئاساسلىق زىددىيەت، خەلقئارادىكى ئورنىمىز ئۆزگەرمىدى، ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى›› يەنىلا روياپقا چىقىرىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ.

     مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن تەرەققىياتنى باشتىن – ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى تەرەققىيات ئارقىلىق ھەل قىلىپ، تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىش، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشتىن مۇھىتنى ئاسراپ ‹‹گۈزەل جۇڭگو›› قۇرۇشقىچە، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىشتىن خەلقنىڭ ئاساسىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداشقىچە ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نىڭ ماددىي مەدەنىيەت ئاساسىنى داۋاملىق پۇختىلىشىمىز كېرەك. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا باش – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرگەندىلا، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش جەريانىدا، ‹‹جۇڭگو›› ناملىق زور پاراخوتنى تېخىمۇ كەڭرى سۇ دائىرىسىگە باشلىيالايمىز.

     1902- يىلى لياڭ چىچاۋ ‹‹يېڭى جۇڭگونىڭ كەلگۈسى›› ناملىق كىتابىدا ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى›› توغرىسىدا توختىلىپ، كەلگۈسىگە ئىشەنچ، ئۈمىد بىلەن ئىنتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش سانسىزلىغان جۇڭخۇا ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئارزۇسى، جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ ئىزدەنگەن ۋە بوشاشماي كۈرەش قىلغان جۇڭگو خەلقى مۇنداق بىر ھەقىقەتنى ئىلگىرى ھەرقانداق چاغدىكىدىنمۇ ئېنىق تونۇپ يەتتى: تەرەققىي قىلغاندىلا، قۇدرەت تاپقىلى بولىدۇ، ئەمەلىي ئىشلىگەندىلا، دۆلەتنى گۈللەندۈرگىلى بولىدۇ.

 

يېڭىلمەس جۇڭگو كۈچىنى ئۇيۇشتۇرايلى

 

     ئارزۇ بولغاندىلا نىشان بولىدۇ، ئۈمىد بولغاندىلا كۈرەش بولىدۇ، مەيلى دۆلەت، مىللەت ياكى ئائىلە بولسۇن، ئارزۇ ھاياتىي كۈچنى ساقلاش ۋە ئۇنى ئۇرغۇتۇشنىڭ مەنبەسىدۇر.

     «جۇڭگو ئارزۇسى نى روياپقا چىقىرىشتا جۇڭگو كۈچىنى ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك››. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسى بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش شەرھلىنىپ، ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىشتىكى مۇھىم يول كۆرسىتىپ بېرىلدى. بىز چوقۇم ئورتاق ئارزۇ ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە كۈرەش قىلساقلا، ئارزۇنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ شەكىللەندۈرەلەيمىز.

     ھەر بىر كىشىنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى دۆلەت، مىللەت بىلەن زىچ باغلانغان بولىدۇ، مىليونلىغان جۇڭگولۇق بىر ‹‹تەقدىرداش گەۋدە››نى شەكىللەندۈرگەن، ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى چوقۇم ‹‹خەلققە تايىنىپ روياپقا چىقىرىش كېرەك››. ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نىڭ تەدرىجىي ئىلگىرىلەش، تەدرىجىي يېقىنلىشىش قەدىمى 260 مىليون دېھقان ئىشلەمچىنىڭ ئەمگەك قىلىپ بېيىش يولىدىكى ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىدىن، جەمئىيەتتىكى ھەرساھە كىشىلىرىنىڭ رىشتىنى دۆلەت تەقدىرىگە باغلاپ ئاكتىپ قاتنىشىشىدىن، سانسىزلىغان پىدائىيلارنىڭ ئۆزىنى جەمئىيەتكە بېغىشلاپ، خالىسانە تۆھپە قوشۇشىدىن كېلىدۇ. ھەربىر ئادەم ئورتاق كۈچ چىقارغاندىلا دۆلەت، جەمئىيەت ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىيەلەيدۇ، تېخىمۇ كۆپ ئادەم ئارزۇ قىلىشقا، ئارزۇنى قوغلىشىشقا، تىرىشىپ ئارزۇنى روياپقا چىقىرىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ، مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان جۇڭگو كۈچىنى ئۇيۇشتۇرغىلى بولىدۇ.

     جۇڭگو كۈچى دېگەن نېمە؟ ئۇ جۇڭگودىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ كۈچى، 1 مىليارد خەلق بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بىر نىشانغا كۈچ چىقارغاندا توپلانغان كۈچ. بۇ كۈچنى بىز ئىنقىلاب يىللىرىدا ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر باسقان ياپونغا قارشى ئۇرۇش جەريانىدا ھېس قىلدۇق، قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان يىللاردا جۇشقۇن كەيپىيات بىلەن تۆھپە قوشۇش جەريانىدا، ئىسلاھات مەزگىلىدە قاينام – تاشقىنلىق كۈرەش جەريانىدا باشتىن كەچۈردۇق. كەلگۈسى مۇساپىدە 1 مىليارد 300 مىليون خەلق بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلاشسىلا، يىمىرىلمەس بۇ كۈچ مۇقەررەر مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىش يولىدا غەلىبە قىلىشىمىزنىڭ ئاساسى، كۈچىمىزنىڭ مەنبەسى بولالايدۇ.

     ئارزۇنى روياپقا چىقىرىش يولى ئەگىر – توقاي بولىدۇ، تەرەققىياتنىڭ ئىسسىق – سوغۇقىنى باشتىن كەچۈرۈش، ‹‹خەتەرلىك پەيتلەر››گە يۈزلىنىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، داۋالىنىش، كۈتۈنۈش… ھەربىر كىشى دۆلەت، جەمئىيەت بىلەن بىللە غايىنى قوغلىشىشتا ئوڭۇشسىزلىق ۋە جاپا – مۇشەققەتنى باشتىن كەچۈرگەن، ئاغرىنغان، ئىككىلەنگەن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، بىز كىشىلىك ھاياتتا ئاجايىپ پۇرسەتلەردىن، ئارزۇنى روياپقا چىقىرىش پۇرسىتىدىن، ۋەتەن ۋە دەۋر بىلەن بىللە ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولالىدۇق.

     مۇشۇ دەۋر ۋە دۆلەتتە ياشىغانلار تولىمۇ تەلەيلىك. بىز تارىختىكى ھەرقانداق دەۋرگە قارىغاندا مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىش نىشانىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، ئارزۇيىمىزنى روياپقا چىقىرىشتا ئىشەنچىمىز، ئىقتىدارىمىز تېخىمۇ ئاشتى. شۈبھىسىزكى، بۇ ئۇلۇغ ئىشنى تاماملاشتا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد جۇڭگولۇقلارنىڭ ئورتاق تىرىشىشىغا توغرا كېلىدۇ. يېڭىلمەس جۇڭگو كۈچىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىش مۇساپىسىدە كۈچ ئۇلاشنى تاماملاش بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ بۇرچى ھەم شەرىپى.

 

خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئارزۇنىڭ ئەڭ

 ياخشى شەرھىسى

 

     جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن جەمئىيەت ئىقتىسادىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ گۈللىنىشنىڭ ئاساسى، ئارزۇنىڭ نېگىزى.

     خەلقنىڭ ساداسىغا ھەر ۋاقىت قۇلاق سېلىپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن پۈتۈن خەلقنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە، باراۋەر بەھرىمەن قىلىپ، ئورتاق بېيىش يولىغا قاراپ مۇقىم ئىلگىرىلەش كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ مول مەزمۇنىنى شەرھىلەپ، خەلق تۇرمۇشى خىزمىتى ۋە جەمئىيەت باشقۇرۇشنىڭ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم رولىنى نامايان قىلىپ بەردى.

     «نامراتلىق سوتسىيالىزم ئەمەس›› تىن ‹‹ئورتاق بېيىش›› قىچە، ‹‹تەرەققىيات چىڭ قائىدە›› دىن ‹‹ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش›› قىچە بولغان نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش باشتىن – ئاخىر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمىتى بولدى. جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات مۇساپىسى خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا جاۋاب بېرىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ھەمدە مۇشۇ لىنىيەنى بويلاپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەڭ كۆپ خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى رېئاللاشتۇرۇپ، ياخشى قوغداپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، پۇقرالارنى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈردى.

     جۇڭگو ئارزۇسى ئادىللىق، ھەققانىيەتكە بولغان ئىنتىلىش. ئادىللىق، ھەققانىيەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ھەم مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، كۈتۈنۈش، داۋالىنىش، كىرىم تەقسىماتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ھەم ھوقۇقنى تېخىمۇ تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ھەممە كىشىنى تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىشىقا توغرا كېلىدۇ. بۇ مەسىلىلەر مۇۋاپىق ھەل قىلىنغاندىلا، جەمئىيەت مۇقىم، تەرتىپلىك بولىدۇ، دۆلەت ئۇزاققىچە ئەمىن بولىدۇ. خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ تەكىتلەپ: ‹‹خەلقنىڭ باراۋەر ئىشتىراك قىلىشىغا، تەرەققىيات ھوقۇقىنىڭ باراۋەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيەتنى قوغداش كېرەك›› دېگىنىدەك، بۇ مەسىلە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى.

     جۇڭگو ئارزۇسى تۇرمۇشنى ياخشىلاشنىڭ ئارزۇسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەيلى شەھەر، يېزا ئاھالىسى كىرىمىنىڭ ئېشىشى، ئىجتىمائىي كاپالەت تورىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە قۇرۇلۇشى جەھەتتە بولسۇن ياكى مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردە بولسۇن، ئۈزلۈكسىز ئىسلاھات يولغا قويۇلۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. دېھقانچلىق بېجى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، مەجبۇرىيەت مائارىپى ھەقسىز بولدى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققى ئۆستى، شەھەرلەرنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلى ئۆلچىمى ئۆستى، دېھقانلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىشى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى، كىرىم تەقسىمات

     تۈزۈمى ئىسلاھاتى تەپەككۇرى شەكىللەندى…، تۇرمۇش سۈپىتىدىن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقىچە، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىچكى مەزمۇنى ۋە دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. خەلقنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇش كۆزدە تۇتۇلغان بۇنداق ‹‹ئۇلۇغۋار خەلق تۇرمۇشى›› قارىشى مىليونلىغان خەلقنى تەدرىجىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلدى.

     نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، جۇڭگو پۇقرالىرى ‹‹باياشات تۇرمۇش››نى ئارزۇ قىلىپ كەلدى. كىشىلەرنى باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىدىغان جەمئىيەت مۇقەررەر ھالدا ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان، كېسەل بولغانلار داۋالىنالايدىغان، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان، ئۆيى يوقلار ئۆيدە ئولتۇرالايدىغان جەمئىيەتتىن ئىبارەت. بىز بۇ جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ ھەجىمىنىڭ ناھايىتى چوڭلۇقىنى، 1 مىليارد 300 مىليون كىشىگە چېتىلىدىغانلىقىنى؛ دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، پۇقرالار تۇرمۇشىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى چوڭقۇر بىلىمىز. بۇ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىنىڭ ناھايىتى مۈشكۈللۈكى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەم چامىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەش، مادارىغا بېقىپ ئىش كۆرۈش، تەرتىپلىك ئىلگىرىلەشكە توغرا كېلىدۇ، ھەم تىرىشچان ۋە ئىقتىسادچىل بولۇپ، جاپاغا چىداپ ئەمگەك قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا خەلقنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، خەلقنىڭ بەخت – سائادەت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

     جۇڭگو ئارزۇسى قۇرۇق نەزەرىيە ئەمەس. ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش بۇنىڭ ئەڭ ياخشى شەرھىسى. دۆلەتنىڭ تەرەققىيات نىشانىنى ئومۇمىي خەلقنى ئورتاق راۋاجلاندۇرۇشقا قويۇپ، ئارزۇنىڭ كۈچىنى ئورتاق بېيىش بايرىقى ئاستىدا مۇجەسسەملىسەك، كەلگۈسىدە جۇڭگو جەزمەن مۇقىم، ساغلام، كۈچلۈك قەدەم بىلەن، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئارزۇسى يولىدا پۇختا ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدۇ.

 

«جۇڭگوئارزۇسى›› تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا خەلقنىڭ ئارزۇسى

 

      «جۇڭگو ئارزۇسى›› نىڭ مول مەزمۇنىدا شەك – شۈبھىسىزكى ‹‹ئادەم›› ئاچقۇچلۇق ئامىل. ‹‹<جۇڭگو ئارزۇسى> تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا خەلقنىڭ ئارزۇسى، شۇڭا ئۇنى خەلققە تايىنىپ روياپقا چىقىرىش ھەم خەلققە ئۈزلۈكسىز بەخت يارىتىش كېرەك››. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نىڭ يادرولۇق قىممىتى شەرھلەندى ھەم ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى كۆرسىتىپ بېرىلدى.

     دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، خەلققە بەخت – سائادەت ئاتا قىلىش ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››دا تەسۋىرلەنگەن گۈزەل كېلەچەك. ‹‹دەريادا سۇ بولمىسا، ئېرىق – ئۆستەڭلەر قۇرۇپ كېتىدۇ›› دېگەندەك، يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى جۇڭگونىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخى ‹‹دۆلەت گۈللەنسە، مىللەت گۈللىنىدۇ، ھەممە بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشىدۇ›› دېگەن ئاددىي ھەقىقەتنى ئۈزلۈكسىز ئىسپاتلىدى. مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىش مۇساپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا شەخسلەرنىڭ ئارزۇسىنى دۆلەتنىڭ ئارزۇسى، مىللەتنىڭ ئارزۇسى بىلەن باغلىغاندىلا، ئارزۇنىڭ روياپقا چىقىشى ئېھتىمالغا تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ.

     «جۇڭگو ئارزۇسى›› ئەڭ ئاخىرىدا شەخسلەرنىڭ جانلىق، تەسىرلىك ئارزۇلىرى بىلەن مۇجەسسەملىنىپ روياپقا چىقىدۇ. تېخىمۇ ياخشى مائارىپ، تېخىمۇ مۇقىم خىزمەت، تېخىمۇ رازى بولغۇدەك كىرىم، تېخىمۇ ئىشەنچلىك ئىجتىمائىي كاپالەت، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالىنىش، ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى، تېخىمۇ راھەت تۇرالغۇ شارائىتى، تېخىمۇ گۈزەل مۇھىت… مانا بۇلار كىشىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى، رەڭدار كىشىلىك ھاياتقا بولغان تەشنالىقى شۇنداقلا ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نىڭ جان تومۇرىدۇر.

     ھەممە كىشىنىڭ ئارزۇغا ئىنتىلىش ھوقۇقى بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلار ئارزۇنى روياپقا چىقارغۇچىلاردۇر. يولداش شى جىنپىڭنىڭ ئېيتقىنىدەك، ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىشتا ‹‹جەزمەن خەلققە تايىنىش›› كېرەك. ھەر بىر كىشىنىڭ ئەركىن تەرەققىي قىلىشى بارلىق كىشىنىڭ ئەركىن تەرەققىي قىلىشىنىڭ شەرتى، شەخسىي ئارزۇنى روياپقا چىقىرىش دۆلەت ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى ۋە زۆرۈر شەرتى.

     ھەممە ئىشتا خەلقنى كۆزلىگەندىلا، ئارزۇنى مۇستەھكەم ئاساسقا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. خۇەيخەي ئۇرۇشىدىكى سانسىزلىغان غالتەك خەلق ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ كۈچ – قۇدرىتىنىڭ شاھىتى؛ ئەنخۇي ئۆلكىسى فېڭياڭ ناھىيەسىنىڭ شياۋگاڭ كەنتىدىكى قىزىل رەڭدە بويالغان 18 قولنىڭ ئىزى خەلقنىڭ ئىسلاھات روھىنىڭ نامايەندىسى. خەلقنىڭ ئەمەلىيەتنى بەرپا قىلىشى تارىخنىڭ پۈتمەس – تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى بارلىققا كەلتۈردى. مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا خەلقنى ئىسلاھات، تەرەققىياتقا قاتنىشىشقا ئەڭ زور دەرىجىدە جەلپ قىلىپ، بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتكۈل خەلقنى ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە روياپقا چىقىرىشقا ئەڭ زور دەرىجىدە سەپەرۋەر قىلغاندىلا، ھەر بىر جۇڭگولۇقنىڭ ئالغا ئىنتىلىش روھى ۋە ئىجادكارلىقىنى قوزغىغىلى، ئارزۇغا يېتىش يولىدا خەلق ئىرادىسىدىن يىمىرىلمەس قورغان ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

 

پارتىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئارزۇنى روياپقا چىقىرىش

 كۈچلىرىنى مۇجەسسەملەيلى

 

     ئارزۇ ئۈمىدكە ئىنتىلىشتە جەزمەن توغرا يۆنىلىش بولۇش كېرەك؛ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتا يېتەكچىلىك قىلىدىغان كۈچ بولۇش كېرەك. ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ۋە ئۇلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ يادرولۇق كۈچىگە ئايلىنىپ، تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، دەۋرنىڭ سىنىقىنى باشتىن كەچۈرۋاتىدۇ››. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىشتىكى مۇھىم رولى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشنىڭ دەۋر تېمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

     نوپۇسى ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە رۇسيەنىڭ نوپۇسىنى قوشقاندىكىدىنمۇ كۆپ بولغان چوڭ دۆلەتتە كەڭ دائىرىلىك ۋە چوڭقۇر سانائەت ئىنقىلابى، تېخنىكا ئىنقلابى، ئىجتىمائىي ئىنىقلاب قىلىش ئارقىلىق، 1 مىليارد 300 مىليون خەلقنى زامانىۋىلىشىشقا، گۈللىنىشكە يېتەكلەش ئىنسانىيەت تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن زور خىرىس. بۇ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىشتا يېتەكچىلىك رولىغا ئىگە سىياسىي رەھبەرلىكنىڭ بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم، مىليونلىغان خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشتا يادرولۇق كۈچ كەم بولسا بولمايدۇ. ئېلىمىزنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ئەمەلىيىتى جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى يۈرۈشتۈرۈش، ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىشتا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغانلىقىنى قايتا – قايتا ئىسپاتلىدى.

     «جۇڭخۇا›› ناملىق غايەت زور پاراخوتنىڭ رولچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۆلەتنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش، خەلققە بەخت – سائادەت ئاتا قىلىش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك نىشانى. دۇنيادىكى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلانغان جۇڭگو پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تىپنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشتا پارتىيەنىڭ يېتەكلىشىگە موھتاج؛ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەزگىلىگە قەدەم قويغان، زىددىيەتلەر گەۋدىلىنىۋاتقان پەيتتە تۇرۇۋاتقان جۇڭگو ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، قىيىن ئۆتكەللەرگە ھۇجۇم قىلىشتا، پارتىيەنىڭ ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن توپلىغان ئىجابىي ئېنېرگىيەسىدىن تېخىمۇ ئايرىلالمايدۇ.

     بۈگۈنكى جۇڭگو مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىشقا ھەر قانداق چاغدىكىدىن بەكرەك يېقىنلاشتى ھەم پارتىيەدىكى بارلىق يولداشلارنىڭ بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ روھنى ئۇرغۇتۇپ، جاسارەتلىك ۋە ياراملىق بولۇشىغا ھەر قانداق چاغدىكىدىن بەكرەك موھتاج بولدى. تارىخىي ئورنى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شارائىتى ۋە قوشۇن قۇرۇلمىسىنىڭ زور ئۆزگىرىشى 4 مىليوندىن كۆپرەك ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى 4 مىليوندىن كۆپرەك مۇستەھكەم ئىستىھكام قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىزنى، 82 مىليوندىن كۆپرەك پارتىيە ئەزاسىنى 82 مىليوندىن كۆپرەك ئاۋانگارت نەمۇنىچىغا ئايلاندۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەر بىر پارتىيەلىك كادىر ئىدىيە قارىشىنى چىڭىتىپ، ئىستىلىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، كېچە – كۈندۈز تىرىشىپ ئىشلىگەندىلا، يېڭىلمەس قۇدرەتلىك كۈچ ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. جۇڭگو خەلقىنى ‹‹ئورنىدىن دەس تۇرۇش››قا يېتەكلەشتىن تارتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ خەلقنى بېيىتىشقىچە، شۇنداقلا يەنە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، 1 مىليارد 300 مىليون خەلقنى بەخت – سائادەتكە ئېرىشتۈرۈشكىچە، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش پارتىيەمىزنىڭ ئىرادىلىك ئىنتىلىشى، شۇنداقلا پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنىڭ ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە ئېتىقادى مۇستەھكەم، قەيسەر، قۇدرەتلىك، پاك – دىيانەتلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇلارغا رەھبەرلىك قىلىپ، تېخىمۇ گۈزەل كېلەچەكنى ياراتقۇسى.

 

بۇرچنى زىممىمىزگە ئالايلى

 

     ئارزۇ بولغاندا ئۈمىد بولىدۇ، ئېتىقاد بولغاندا كۈچ بولىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ جەبىر – جاپالارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئېرىشكەن ھەقىقىي تەسىراتى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق جاپا – مۇشەققەتنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن قەددىنى كۆتۈرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.

     جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتلەرنى روناق تاپقۇزۇش، خەلقنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى مۇپەسسەل بايان قىلىپ، ئىلگىرى ئۆتكەن دانىشمەنلەرنىڭ كۈرەش قىلىشتىكى غايە – ئېتىقادىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ بۇرچنى ئاڭلىق زىممىمىزگە ئېلىپ، بىر نىيەت – بىر مەقسەتتە ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىشىمىز ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

     يولداش ماۋ زېدۇڭ 1925 – يىلى ‹‹ھەپتىلىك سىياسىي خەۋەرلەر›› گېزىتىگە ‹‹جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى ئازادلىققا ئېرىشتۈرۈش، خەلقنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلقنى ئىقتىسادىي جەھەتتە بەختكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن›› دەپ بېغىشلىما يېزىپ بەرگەنىدى. يولداش شى جىنپىڭ: ‹‹تارىخنىڭ كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش كالتىكىنى قولغا ئالايلى››، ‹‹كۈچنى كۈچكە ئۇلاپ داۋاملىق ئىلگىرىلەيلى››، ‹‹دۆلەت قۇدرەت تاپسا، مىللەتلەر روناق تاپسا، خەلق بەختكە ئېرىشىدۇ›› دەپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ كۈرەش ئارزۇسىنى يەنىمۇ چوڭقۇر بايان قىلدى.

     ئارزۇغا ۋارىسلىق قىلىپ داۋاملىق كۈرەش قىلىش نەتىجىسىدە، جۇڭگودا ئالەمشومۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى. بىز غەربتىكى دۆلەتلەر 100 يىلدا بېسىپ ئۆتكەن مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش يولىنى 20 يىلدا تاماملىدۇق، ئون يىل سەرپ قىلىپ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئومۇمىي خەلق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تورىنى بەرپا قىلدۇق. دەل ئارزۇغا ۋارىسلىق قىلىپ داۋاملىق كۈرەش قىلىش مۇساپىسىدە، بۈگۈنكى خەلق جۇمھۇرىيىتىمىز ئىقتىسادىي تۈزۈلمىدە تارىخىي ئۆزگىرىش ياساپ، ئىقتىسادىي ئومۇمىي كۆرسەتكۈچنى زور نىسبەتتە ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈللىنىشىنى مىسلىسىز پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە قىلدى، 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق خەلقنىڭ كىيىنىش – تويۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ئۆتۈشتىن ئىبارەت تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا يۈرۈش قىلدى.

     مۇۋەپپەقىيەتنىڭ قولغا كېلىشى ئاسانغا توختىمايدۇ. تارىخنى يارىتىشتا ھامان جەبىر – جاپا تارتماي بولمايدۇ. شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، بۈگۈنكى جۇڭگودا يەنە 128 مىليون كىشى نامراتلىق سىزىقىدىن تۆۋەن ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىقتىسادىي ئومۇمىي كۆرسەتكۈچ رەتكە تىزغاندا خېلىلا ئارقىدا بولۇپ، شەھەرلەر بىلەن يېزىلارنىڭ پەرقى، ئىجتىمائىي باراۋەرلىك قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا ھەل قىلىنىشنى كۈتۈۋاتىدۇ. ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ بەدەل تۆلىمەي بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش روھى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جاسارىتى، ئەمەلىي ئىشلەش غەيرىتى، بىر ياقىدىن باش چىقىرىش ئىرادىسى بولۇش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئىلگىرىلەش يولىمىزدىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتلەرنى روناق تاپقۇزۇش، خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››غا تېخىمۇ يېقىنلىشىمىز.

     ئىلگىرى خىيالىمىزغا كەلتۈرەلمەيدىغان ئارزۇلارغا ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز يېقىنلىشىۋاتىمىز. ‹‹ئىككى 100 يىللىق نىشان›› قىرغاققا يېقىنلىشىۋاتقان كېمىگە، ئىللىق نۇر چېچىۋاتقان قۇياشقا ئوخشايدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ، بىر نىيەت – بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن، بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەر تارىخىي مەسئۇلىيەت ۋە دەۋر ئاتا قىلغان بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

 

     (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
  • « ئالدىنقى يازما »
  • « كېيىنكى يازما »
  • ئىنكاس يوللاش
     تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

    ( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter