Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> تور بانكا كەسپى

تور بانكا كەسپى

2012-08-31 10:22     كۆرۈلۈشى: 11,042 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: مۇھەممەد تۇراپ        تور بانكىسى زامانىۋى خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى، تور تېخنىكىسى ۋە كومپيۇتېرتېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق بانكا كەسپىنى بېجىرىشنى كۆرسىتىدۇ. تور بانكىسى 1996–يىلى....

مۇھەممەد تۇراپ

 

     تور بانكىسى زامانىۋى خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى، تور تېخنىكىسى ۋە كومپيۇتېرتېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق بانكا كەسپىنى بېجىرىشنى كۆرسىتىدۇ. تور بانكىسى 1996–يىلى ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگەن.دۆلىتىمىزنىڭ سودىگەر چاقىرىش بانكىسى 1998–يىلى تور بانكا كەسپىنى تۇنجى بۇلۇپ يولغا قويغان. ھازىرغىچە ئېلىمىزدە 45 بانكا تور بانكا كەسپىنى يولغا قويدى.

 

 

     تور بانكىسى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىككە ئىگە:

      بىرىنچىدىن، سېتىش يوللىرى ئوخشىمايدۇ. ئەنئەنىۋى بانكىنىڭ سېتىش يوللىرى بانكا تىجارەت تور–نۇقتىلىرىدىن ئىبارەت، ئەمما تور بانكىسىنىڭ سېتىش يوللىرى كومپيۇتېر تور تېخنىكىسىنى ئاساس قىلغان ۋاكالىتەن بېجىرىش سودىسى تۈزۈمىدىن ئىبارەت.

    ئىككىنچىدىن، ئەنئەنىۋى بانكىلارنىڭ مۇلازىمىتىنىڭ پەرقى مەبلەغ ۋە مۇلازىمەتتە ئىپادىلىنىدۇ، ئەمما تور بانكىسىنىڭ مۇلازىمەت پەرقى تىجارەت كۆز قارىشى ۋە تىجارەت ئۇسۇلىدا گەۋدىلىنىدۇ.

     ئۈچىنچىدىن، كەسىپ دائىرىسى ئوخشىمايدۇ. ئەنئەنىۋى بانكا كەسپىنىڭ دائىرىسى نىسبەتەن ئېنىق بولىدۇ، تور بانكىسىنىڭ كەسىپ دائىرىسى يۇقىرى سۈرئەتتە كېڭىيىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ.

 

ئېلىمىزدىكى تور بانكا كەسپىنىڭ تەرەققىياتى

 

     بىرىنچىدىن، كومپيۇتېر تىخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تور بانكا كەسپىنىڭ دائىرىسى كېڭەيدى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئېلىمىزدە كارخانىلارنىڭ تور بانكىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى% 57.6 كە، يان تېلېفون بانكىسى، ئاپتوماتىك پۇل ئالغۇ، پۇل سىيرىش ئاپپاراتى قاتارلىق باشقا ئېلېكتىرونلۇق بانكىلاردا ئىگىلىگەن نىسبىتى % 37.4 كە، تېلېفون بانكىسىنىڭ تور بانكىسىدىكى سودا سوممىسى ئېلېكتىرونلۇق بانكا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %.2 3 ۋە % .8 1 نى ئىگىلىگەن.

      ئىككىنچىدىن، توردا چىقىم قىلىشنىڭ يوللىرى كۆپ خىللاشتى. توردا چىقىم قىلىش سودا تەننەرخى تۆۋەن بولۇش، قولايلىق ۋە تېز بولۇشتەك ئەۋزەللىككە ئىگە. تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، 2011–يىلى تورداشلار توردا چىقىم قىلغان پۇلنىڭ ئىشلىتىش ئورنى ئىچىدە توردا مال سېتىۋېلىشنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى% .5 83 كە، تېلېفون ھەققى، سۇ–توك ھەققى، گاز ھەققى تاپشۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك ھەقلەر، توردا سېپىرلىق نەشر بۇيۇملىرى، ئويۇن كارتىسى سېتىۋېلىش، توردا ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋېلىش قاتارلىقلار% .5 16 نى ئىگىلىگەن.

      ئۈچىنچىدىن، بەزى بانكىلار ئېلېكتىرونلۇق بانكا بۆلۈمى، پەن – تېخنىكا بۆلۈمى قۇرۇپ، تور بانكىسىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى. 2011–يىلىنىڭ ئاخىرىدا مەملىكەت بويىچە تور بانكىسىدا پۇل چىقىم قىلغان خېرىدار 369 مىليونغا، بېجىرگەن مۇئامىلە 15مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يېتىپ، مۇئامىلە سانى ۋەسوممىسى 2010–يىلىدىكىدىن %77 ۋە %33 ئاشتى.

 

ئېلىمىزنىڭ تور بانكا كەسپىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر

 

     بىرىنچىدىن، تور بانكىسى خېرىدارلىرى ئاز. نۆۋەتتە تور بانكىسى بىرقەدەر راۋاجلانغان رايونلار مەركىزىي شەھەرلەردۇر، ئۇنىڭ ئۈستىگە تور بانكىسىنىڭ مۇلازىمەت رايونى، مۇلازىمەت ئوبيېكتى ۋە ھېسابات سوممىسى مەلۇم چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقتىن، كەسىپ مىقدارى ۋە كۆلىمى كېڭەيمىدى، ئۇنى بانكىلارنىڭ ئەنئەنىۋى خېرىدار توپى ۋە قاپلاش دائىرىسىگە سېلىشتۇرغاندا يەنىلا تۆۋەن .

     ئىككىنچىدىن، خېرىدارلارنىڭ تور بانكىسىغا بولغان تونۇشى كەمچىل. بانكىلارنىڭ تور بانكا كەسپىنى تەشۋىق قىلىشى يېتەرسىز بولغاچقا، نۇرغۇن كىشى تور بانكىسىنىچۈشەنمەيدۇ.

      ئۈچىنچىدىن، تور بىخەتەرلىكىدە يوشۇرۇن خەۋپ مەۋجۇت. تور بانكىسىدىكى ئەڭ يادرولۇق مەسىلە بىخەتەرلىك ۋە باشقۇرۇش مەسىلىسى. بانكا كەسپىي تورى بىلەن ئىنتېرنېت تورى تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، تور بانكىسى قانۇنسىز تاجاۋۇز قىلىش ۋە قەستەن ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن، نۇرغۇن خېرىدار تورنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىپ، توردا ئۆزىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتا ھېساب نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى يوللاشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.

 

ئېلىمىزدە تور بانكىسى كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى تەكلىپلەر

 

     بىرىنچىدىن، تور بانكىسىنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تور بانكىسىنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسى خېرىدارلارنىڭ قىزىقىشى ۋە تاللىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىستېمالچىلار تور بانكىسى تەمىنلىگەن مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتى ۋە ئىقتىدارى، مۇلازىمىتى ۋە ئۇچۇرى قاتارلىقلارنى ئەنئەنىۋى بانكىلار تەمىنلىگەن مەھسۇلاتلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، تور بانكىنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇڭا تور بانكىسىنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك.

     ئىككىنچىدىن، تور بانكىسىنىڭ تور بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. تور بانكا كەسپىنى ئاچقان بانكىلار مۇكەممەل بىخەتەرلىك سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، تور بانكىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش تېخنىكىلىق تەدبىرلىرىنى ئورنىتىشى كېرەك.

      ئۈچىنچىدىن، تور بانكىسىغا بولغان باشقۇرۇش ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. تور بانكا كەسپىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە مەشغۇلات قائىدىسىنى تۈزۈپ، تور بانكىسىنىڭ كەسىپ ئالاھىدىلىكى ۋە خېيىم–خەتەردىن ساقلىنىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، خېيىم–خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. كەسپىي خادىملارنىڭ تور باشقۇرۇش تېخنىكىسى ۋە خېيىم–خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، تور بانكا كەسپىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئېھتىياجىغا داۋاملىق ماسلىشىش كېرەك.

      تۆتىنچىدىن، ئەمەلىي مەشغۇلات بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، خېرىدارلارنىڭ تور بانكا مەشغۇلات تېخنىكىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تور بانكا كەسپى خېرىدارلىرىنى كۆپەيتىپ، خېرىدارلارنىڭ بانكا تىجارەت زاللىرىدا ئۇزاق ئۆچرەتتە تۇرۇپ كەسىپ بېجىرىشىنى ئازايتىپ، بانكىلارنىڭ خىزمەت بېسىمىنى يېنىكلىتىش كېرەك.

 



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter