ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىيات قارىشى ۋە قىممەت قارىشى

ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىيات قارىشى ۋە قىممەت قارىشى

2012-08-31 10:55     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئابلاجان مۇھەممەد ئۈمۈديار        مەدەنىيلىك دېگىنىمىز، ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي ئەمەلىيىتى جەريانىدا ياراتقان ئەقىل–پاراسىتى ۋە ئىجتىمائىي يۈكسىلىشنى كۆرسىتىدۇ. مەدەنىيلىكنىڭ ئىپادىلىنىشى تۈپ ماھى....

ئابلاجان مۇھەممەد ئۈمۈديار

 

     مەدەنىيلىك دېگىنىمىز، ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي ئەمەلىيىتى جەريانىدا ياراتقان ئەقىل–پاراسىتى ۋە ئىجتىمائىي يۈكسىلىشنى كۆرسىتىدۇ. مەدەنىيلىكنىڭ ئىپادىلىنىشى تۈپ ماھىيەتتە ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت دۇنياسى بىلەن ئورناتقان بىر خىل نازۇك ئىچكىمۇناسىۋىتىدۇر. سانائەت مەدەنىيلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېكولوگىيە كىرىزىسىنىڭ ئاچچىق ساۋاقلىرىدىن كېيىن باشلانغان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەتتە ئىنسانلار تەرىپىدىن يارىتىلغان. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى داۋاملاشتۇرۇش سىجىل تەرەققىيات دائىرىسىدىن باشلانغان ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، ئېكولوگىيەلىك تەرەققىيات بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ، ئۇ ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك باراۋەرلىك ۋە ئىنسانلار ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ سىجىل ئىلگىرىلىشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ.

 

تەرەققىيات قارىشى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى

 

     مەدەنىيلىك ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىدۇ. ئۇ توختاۋسىز ئىلگىرىلەش مۇساپىسىگە، شۇنداقلا مۇشۇنداق مۇساپىنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىگە ئىگە بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىيتەرەققىياتىنىڭ ئوخشاش بولمىغان باسقۇچىدا ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى مەدەنىيلىكنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ . ئەگەر بىز يېزىق، مىس قورال ۋە شەھەرلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىنى مەدەنىيلىكنىڭ بەلگىسى دەپ قارىساق، ئۇ ھالدا ئۆتمۈشتىن ھازىرغىچە ئىنسانلار مەدەنىيلىكى مۇساپىسى ئوۋچىلىق مەدەنىيلىكى، يېزا ئىگىلىك مەدەنىيلىكى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى دەۋرلىرىنى باشتىن كەچۈردى. يېزائىگىلىك مەدەنىيلىكىنىڭ دەۋرى ئۇزاق بولۇپ، داۋاملاشقان ۋاقتى نەچچە ئون مىڭ يىلغا يېتىدۇ. ھازىرمۇ دۇنيادا نۇرغۇن دۆلەت يەنىلا يېزا ئىگىلىك مەدەنىيلىكى دەۋرىدە تۇرماقتا.

     ئىنسانلار مەدەنىيلىكىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشى جەريانىدا تېخنىكاھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى. يېزا ئىگىلىك مەدەنىيلىكى ئۇزاق مەزگىلگىچە ئاستا سۈرئەتتە ئۆسۈپ يېتىلگەچكە، تېخنىكا ۋە ئىقتىسادىي مەبلەغ ئاساسى ئاجىز بولىدۇ. تېخنىكا جەھەتتىكى بۇنداق چەكلىمىلەر يېزا ئىگىلىك مەدەنىيلىكىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىنى بۇزۇپ تاشلىيالماسلىقنى بەلگىلىگەن.

     پەن – تېخنىكا ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىدىكى ئىنقىلاب ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزگىرىشنى نامايان قىلدى. بۇ ماھىيەتتە ئادەم بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تۈپ ئۆزگىرىشى ئىدى. بۇ ئۆزگىرىش سانائەت مەدەنىيلىكىنىڭ باشلانغانلىقىنى نامايان قىلدى. سانائەت مەدەنىيلىكى پەن – تېخنىكىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىنى تېزلەتتى. لېكىن، سانائەت مەدەنىيلىكى ئىنسانلار جەمئىيىتىنى بىر مەيدان يېڭى كىرىزىسكە يۈزلەندۈردى. ئۇ بولسىمۇ مەۋجۇتلۇق بىلەن تەرەققىياتنىڭ كىرىزىسى.

     سانائەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئىنسانلار جەمئىيىتىگە ئېلىپ كەلگەن ئەڭ چوڭ تەھدىتى يەنىلا ئېكولوگىيە كىرىزىسىدۇر. ئادەم بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت باشلانغاندىن تارتىپ تەبىئىي مۇھىتتا ئۆزگىرىش يۈز بەردى. بولۇپمۇ، 20 – ئەسىرنىڭ 40 – يىللىرىدىن بۇيان چوڭ كارخانىلار بارلىققا كېلىپ، زامانىۋىلاشقان سانائەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى. زامانىۋى سانائەتنىڭ تېز سۈرئەتلىك تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي مۇھىتقا قويۇپ بەرگەن كېرەكسىز ماددا ۋە بۇلغۇغۇچى ماددىلارنىڭ تۈرى ۋە سانى تېز كۆپىيىپ، ھاياتلىق مۇھىتىغا ئېغىر ئاپەت كەلتۈردى. بۇنىڭ بىلەن ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ، ئىنسانلار ھاياتىغا زور تەھدىت شەكىللەندۈردى.

     ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىنسانلارنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ئېكولوگىيە كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا قوللانغان مۇقەررەر تاللىشىدۇر. 20 – ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىدا ئەنگلىيە ئالىمى تابنىلى ‹‹ئېكولوگىيەلىك سىستېما›› دېگەن ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن، ئېكولوگىيەگە ئىنسانلارنىڭ ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈشى ئامېرىكىلىق كەرسۇننىڭ ‹‹تىمتاس باھار›› ناملىق ئەسىرى نەشر قىلىنغاندىن كېيىن باشلاندى. 1972 – يىلى سىتوكھىلىمدا ئىنسانلار مۇھىت يىغىنى ئېچىلدى. 1983 – يىلى دۇنيا مۇھىت ۋە تەرەققىيات كومىتېتى قۇرۇلۇپ، ‹‹سىجىل تەرەققىيات›› ئەندىزىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 1992 – يىلى ھونولولۇدا چاقىرىلغان دۇنيا مۇھىت ۋە تەرەققىيات يىغىنىدا ‹‹21 – ئەسىر كۈنتەرتىپى›› ماقۇللاندى.

     تەرەققىيات نۇقتىئىنەزەرىدىن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى چۈشىنىشتە مۇھىمى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بارلىققا كەلتۈرگەن ئادەم ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەت بىلەن تەبىئەت مۇناسىۋىتىنى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ تەبىئەتنىڭ رىقابىتىگە قوللانغان تەدبىرىنى تونۇشتا گەۋدىلەندى. يېزا ئىگىلىك مەدەنىيلىكى باسقۇچىدا تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ئاستا بولغانلىقتىن، ئىنسانلار تەبىئەت بىلەن قارشىلاشمىغان، ئىنسانلار جەمئىيىتى بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئۆز ئارا ئىتائەت قىلىش، ھۆرمەتلەش ياكى تەبىئەت ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە تەقدىرىنى باشقۇرۇشۋە بەلگىلەش رولىنىلا ئوينىغان. ئىنسانلارنىڭ سانائەت مەدەنىيلىكى دەۋرىگە كىرىشى بىلەن تېخنىكا ۋە مەنپەئەتنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن غەربتە كاپىتالىزم پەيدا بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئىنسانلاردا تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇش ئىدىيەسى شەكىللىنىپ، ئادەم تەدرىجىي ھالدا تەبىئەتنىڭ باشقۇرغۇچىسىغا ئايلاندى.

     ئىنسانلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى چوقۇم تەبىئىي بايلىق ۋە مۇھىتنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى دائىرىسدە بولۇشى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئېكولوگىيەلىك تەرەققىياتلارنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى ئىلمىي تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىشى زۆرۈر.

 

قىممەت قارىشى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى

 

     قىممەت قارىشى مەلۇم بىر ئادەمنىڭ ئەتراپتىكى ئوبيېكتىپ شەيئىنىڭ ئەھمىيىتىگەۋە ئۇنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان ئومۇمىي قارىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ بىر تەرەپتىن كىشىلەرنىڭ قىممەت خاھىشىنى ئىپادىلىسە؛ يەنە بىر تەرەپتىن قىممەت ئۆلچىمى ۋە مىزانىنى ئىپادىلەيدۇ. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ قۇرۇپ چىقىدىغىنى ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ نازۇك مۇناسىۋىتىدۇر، بۇنداق مۇناسىۋەتنىڭ پەلسەپەۋى ئاساسى ئېكولوگىيە بىر پۈتۈنلۈك ئىدىيەسى بولۇپ، بۇ نۆۋەتتىكى سانائەت مەدەنىيلىكى دەۋرنىڭ ئىنسان مەركەزچىلىك ئىدىيەسى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاشمايدىغان قىممەت قارىشىدا ئىپادىلىنىدۇ.

     ئىنسان مەركەزچىلىك قارىشىنىڭ مەنبەسىنى يېزا ئىگىلىك مەدەنىيلىكى دەۋرىدىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ يادروسى ئادەمنى بارلىق مەۋجۇتلۇق ۋە قىممەتنىڭ يادروسى، تەبىئەتتىكى بارلىق شەيئىلەر ئىنسانلارنىڭ پايدىلىنىشى ۋە باشقۇرۇشى ئۈچۈن مەۋجۇت بولىدۇ دەپ قاراشتىن ئىبارەت. ئىنسان مەركەزچىلىك قارىشى پەقەت ئادەمنىڭ ئىچكى قىممىتىنىلا ئېتىراپ قىلىدۇ. ئەمما، تەبىئەت دۇنياسىدىكى باشقا تۈرلەر ياكى ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ئورتاق خاسلىقى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار تۈرلەرنىڭ ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ئۇ ئەمەلىيەتتە تۈرلەر ئوتتۇرىسىدىكى نەپسانىيەتچىلىك ئىدىيەسىدۇر. ئىنسان مەركەزچىلىك ئىدىيەسىدە ئىنسانلارنىڭ ئېكولوگىيە ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، تەبىئەتكە قايتىشى پەقەتلا ئۇلارنىڭمەنپەئەت دائىرىسى ئىچىدە چەكلىنىدۇ. غايەت زور ئېنېرگىيەگە ئىگە بولغان پەن – تېخنىكا ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي بايلىقلارنى بۇلاش قورالىغا ھەم ۋاسىتىسىگە ئايلىنىشى بىلەن، ئادەملەرنىڭ مەڭگۈ قاندۇرغىلى بولمايدىغان ئېھتىياجىنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيىتىگە ئايلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئېكولوگىيە كىرىزىسى پەيدا بولىدۇ.

     ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىدە ئالىملار ئېكولوگىيە بىر پۈتۈن گەۋدىچىلىك پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەنئەنىۋى ئەندىزىدىن ھالقىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى شۇنداقلا، بىر خىل يېڭىچە دۇنيا قاراش ۋە قىممەت قارىشىغا بۇرۇلۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. بۇنداق قىممەت قارىشىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ تۈپ پىرىنسىپى، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىق پىرىنسىپى ۋە ئورتاق مەۋجۇت بولۇش پىرىنسىپىدۇر.

     ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تەبىئەت دۇنياسى ئېكولوگىيەلىك بىر پۈتۈنلۈك سىستېما بويىچە ئايلىنىش قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلمىي كۆزىتىپ تۇرىدۇ. ئىنسانلارنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرى تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە ئۆلچىنىپ، ھەر قانداق پائالىيەتتە تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلىش كېرەك دەپ قارايدۇ. ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىنسانلارنىڭ ساغلام مەۋجۇتلۇقى ۋە گۈللىنىش ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتىدۇ، ئېكولوگىيە رېئاللىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭئىناقلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىيات بىلەن مۇھىتنى ماس قەدەملىك رىتىمغا ئىگە قىلىدۇ.

     ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى يېڭىچە مەدەنىيلىك فورمىسى بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە ئىنسانلارنىڭ بىر خىل ئىلمىي ئىلگىرىلەش ھالىتىدۇر. ئۇ قىممەت قارىشى ۋە مەدەنىيلىك ئېڭى بولۇش سۈپىتى بىلەن پۈتكۈل ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ۋەئىجتىمائىي رېئاللىقتا رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىدە ئاكتىپ رول ئوينىيالايدىغان ئىقتىدار ۋە سالاھىيەتنى ھازىرلاپ، ماددىي مەدەنىيەت، مەنىۋى مەدەنىيەت ۋە سىياسىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter