Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> زامانىۋى مەدەنىيەت ۋە دىننىڭ سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشى

زامانىۋى مەدەنىيەت ۋە دىننىڭ سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشى

2013-07-01 5:34     كۆرۈلۈشى: 11,739 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەيلى   ئابلىز مۈنۈپ        مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئ....

زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، دىننى سوتسىيالىزم

جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەيلى

 

ئابلىز مۈنۈپ

 

     مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەقسىتىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 8 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى، پەن – تېخنىكا ۋە مائارىپنى تىرەك قىلىپ، يېڭىچە سانائەتلىشىش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، يېڭىچە شەھەرلىشىش ۋە ئىسلاھات قەدىمىنى تېزلىتىپ، گۈللەنگەن، باي، ئىناق، مۇقىم بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى بېكىتتى. بۇ ئىستراتېگىيەلىك تاللاش مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىگە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم رولى ۋە ئالاھىدە ئورنىنى گەۋدىلەندۈردى.

     شىنجاڭ كۆپ مىللەتلىك، كۆپ دىنلىق رايون، شۇڭا، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

     بىرىنچى، زامانىۋى مەدەنىيەت زامانىۋىلىشىشنىڭ تۈپ تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشقان زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇقەررەر تاللىشى

     مەدەنىيەت مىللەتنىڭ جان تومۇرى، خەلقنىڭ مەنىۋى ماكانى، مەدەنىيەت كىشىلەرنىڭ بەلگىلىك دەۋردىكى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ. بۈگۈنكى دەۋردىكى ھەر قانداق بىر مىللەت مەۋقەنى ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا قارىتىپ، خاسلىققا ھەم ئورتاقلىققا ئىگە بولغان يېڭى مەدەنىيەت بەرپا قىلالىغاندىلا، ئاندىن ھەقىقىي مەنىدىكى مەدەنىيەت تونۇشىنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرالايدۇ.

     مەدەنىيەت ئىنسانلارنىڭ بارلىق پائالىيەت ھەرىكىتىنىڭ ئەقىل – پاراسەت جەۋھىرى، مىللىي روھنىڭ مەشئىلى، ئىنسانىيەت ياراتقان بارلىق ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقنىڭ يىغىندىسى. ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىياتى مەدەنىيەتتىن ئايرىلالمايدۇ. مەدەنىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىياتى ئىنسانىيەتتىن ئايرىلالمايدۇ. مەدەنىيەت سىڭىشىش، داۋاملىشىش، كۆچۈش، جۇغلىنىش ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش قاتارلىق تۆت خىل ئاساسىي ئالاھىدىلىككە ئىگە. زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ يادروسى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا كىشىلەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە ئەركىن ھەم ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەشتىن ئىبارەت. بىر دۆلەتنىڭ مەدەنىيىتى پەقەت شۇ دۆلەت، مىللەتنىڭ مەنىۋى سۈپىتىنىڭ تارىخىي جۇغلانمىسى بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىرخىل بايلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىر دۆلەتنىڭ مەدەنىيىتى ئۆز خاسلىقىنى يوقىتىش خەۋپىگە ئۇچرىغان بولسا، بۇ دۆلەت ھاكىمىيىتى چوقۇم خەۋپ ئىچىدە قالغان بولىدۇ. بىز جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيىتى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا جۇغلانغان مىللىي كۈچ، بىزنىڭ سىياسىي جەھەتتە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىمىز ۋە مىللىي ئۇيۇشۇش كۈچىمىزنىڭ ئاساسى. شۇڭا، شىنجاڭ ئۇلۇغۋار نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا چوقۇم زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقى ئارقىلىق شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ بۈيۈك تەرەققىياتى، بۈيۈك گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تارىخىي ۋەزىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئىدىيەۋى ئاساس سېلىشىمىز كېرەك.

     ئىككىنچى، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش

     جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ھەر قانداق بىر مەدەنىيەت زامانىۋىلىشىشقا ۋە جەمئىيەتكە قانداق ئۇيغۇنلىشىشتىن ئىبارەت بىر مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ. دىنمۇ بىر خىل مەدەنىيەت، دىنىي ئەقىدىلەردە جەمئىيەت ئىناقلىقىغا پايدىلىق بولغان نۇرغۇنلىغان مەزمۇن ۋە ئامىللار بار.

     ئىسلام دىنى دەۋرنىڭ تەلىپىگە، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز ئۇيغۇنلىشىۋاتقان دىن، ئىسلام دىنىدىكى ئىخچام، ئېنىق دىنىي ئەھكاملاردا پائال ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، بەخت – سائادەتكە ئىنتىلىدىغان كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، ۋەتەننى سۆيۈش، ئىش باشقۇرغۇچىلار بىلەن كېڭىشىش ۋە ئۇلارغا بويسۇنۇشتەك سىياسىي قاراش، كەڭ قورساق بولۇش، كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىشتەك ئەخلاق قارىشى، پاكلىققا ئەھمىيەت بېرىشتەك تۇرمۇش قارىشى، ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش، بىلىمگە ئىنتىلىشتەك مەدەنىيەت قارىشى ئىپادىلەنگەن. بۇ قاراشلار ئىسلام دىنىنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئوخشاش بولمىغان باسقۇچلارغا ئۇيغۇنلىشىش، ئوخشاش بولمىغان رايونلار مىللەتلەرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىش ۋە ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئەقىدە جەھەتتىن كۈچلۈك ئاساس سالدى.

     ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار دىنىي ۋەزىپىدىكى خادىملار دىنىي روھنى گەۋدىلەندۈرگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلارنىڭ ئالاھىدە سالاھىيىتى ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹دىندىكى ئىجابىي ئامىللارنى ئىشقا سېلىپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇش›› تەلىپىگە ئاساسەن زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، ئىسلام دىنىدىكى ئىجابىي ئامىللارنى ئىشقا سېلىپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش كېرەك.

     دىن سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئالدى بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۇيغۇنلىشىشى، ۋەتەننى سۆيۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، ئىتتىپاقلىشىش جەھەتتە ئۇيغۇنلىشىش كېرەك. ۋەتەننى سۆيۈش ئىسلام دىنىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى، ئىسلام دىنىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش بىلەن دىننى سۆيۈشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ۋەتەننى سۆيۈشنى ئېتىقاد يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈش كېرەك. دۆلىتىمىزدە ھاكىمىيەت بىلەن دىن ئايرىۋېتىلگەن، دۆلەت قانۇنى دىنىي قانۇندىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. دىن دۆلەت قانۇنىغا بويسۇنۇشى كېرەك. دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم دۆلەتلەردە ھاكىمىيەت بىلەن دىن ئايرىۋېتىلگەن، دۇنيانىڭ تەرەققىيات تارىخىدىن قارىغاندا ھاكىمىيەت بىلەن دىننى ئايرىش ئاساسىي ئېقىم، ئاساسىي يۈزلىنىش بولۇپ كەلگەن. ھاكىمىيەت بىلەن دىننى ئايرىشتەك بۇنداق چوڭ پىرىنسىپ ئاستىدا ئەلۋەتتە دۆلەت قانۇنى دىنىي قانۇندىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. دىن دۆلەت قانۇنىغا بويسۇنىدۇ. قانۇن دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا يېتەكلەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

     دىنىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشتا دۆلەتنىڭ قانۇن – تۈزۈملىرى مۇھىم رول ئوينايدۇ، شۇڭا دىنىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشتا دۆلەتنىڭ قانۇن – تۈزۈملىرىگە، فاڭجېن – سىياسەتلىرىگە رىئايە قىلىش كېرەك. دۆلەتنىڭ قانۇن – تۈزۈملىرىگە، فاڭجېن – سىياسەتلىرىگە رىئايە قىلىش ئۇيغۇنلىشىشنىڭ مۇقەررەر مەزمۇنى، قانۇن – تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش – ئۇيغۇنلىشىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. شۇڭا، بىز ئىشەنچىمىزنى چېڭىتىپ، رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ تېگىشلىك تۆھپىمىزنى قوشۇشىمىز كېرەك.



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter