ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى

ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى

2013-05-03 11:22     كۆرۈلۈشى: 1500 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ھايات–ماماتىمىزغا  مۇناسىۋەتلىك زور ئىش  (شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى)        ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30 – مارت ئېچىلغان (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا، ....

ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ھايات–ماماتىمىزغا

 مۇناسىۋەتلىك زور ئىش

 (شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى)

 

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30 – مارت ئېچىلغان (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن: بىز ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ھايات – ماماتىمىزغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلە، دەپ قاراپ، ئىككىدە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات جەريانىدا قوغداپ، قوغداش جەريانىدا تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېشىل تەرەققىيات، ئايلانما تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ماس قەدەمدە قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك، دېدى. بۇ سۆزلەر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە ئالاھىدە غەيرىتىنى ئىپادىلەپ بەردى.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئۇزاقتىن بۇيان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەرەققىيات ئىدىيەسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئىلگىرى – ئاخىر ‹‹مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئېكولوگىيەلىك رايون قۇرۇش››تەك ئىستراتېگىيە ئىدىيەسى ۋە ‹‹ئېنېرگىيە مەنبەسىنى ئېچىش سىجىللىقى، ئېكولوگىيە مۇھىت سىجىللىقى››دەك تەرەققىيات يېتەكچى پىرىنسىپىنى بېكىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىلمىي ھالقىما تەرەققىياتى ۋە سىجىل تەرەققىياتىدىكى نىشاننى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى.

     بۇ تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى گەۋدىلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ئېنېرگىيەنى تېجەپ، بۇلغىمىنى ئازايتىش خىزمىتى ئالاھىدە ئۈنۈملۈك بولدى، ھەۋزلەرنى تۈزەش مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتى، شەھەر مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى…

     بىز نەتىجىلەرنى كۆرۈش بىلەن بىللە، يەنە شۇنى ئېنىق تونۇپ يەتتۇقكى، نۆۋەتتە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، ئېنېرگىيە مەنبەسىنى تېجەش، مۇھىتنى ئاسراش تېخى پۇقرالارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلىنالمىدى.

     بىز جەمئىيەتتە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ۋە ئېكولوگىيە ئاڭلىق ھەرىكىتىگە بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، يېشىل تەرەققىيات، ئايلانما تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشلارنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈشىمىز كېرەك؛ ئىلمىي، مۇۋاپىق تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ئىستېمال ئىدىيەسىنى ئاكتىپ تەشەببۇس قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى قارىشىنى كىشىلەرنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈشىمىز كېرەك؛ ‹‹مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئېكولوگىيەلىك رايون قۇرۇش›› ۋە ‹‹ئىككىدە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش›› تونۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، تەرەققىيات جەريانىدا قوغداش، قوغداش جەريانىدا تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نۆۋەتتىكى مەنپەئەت ۋە كەلگۈسى مەنپەئەتنىڭ دىيالىكتىكىلىق مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە مۇھىت ئاسراشنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ماس قەدەمدە قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرشىمىز كېرەك.

     شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، بىز پەقەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ھايات – ماماتىمىزغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش، دەپ قارىساق، تارىخقا، ئەۋلادلارغا مەسئۇل بولۇش تونۇشىمىزنى ئۆستۈرەلىسەك، ئىقتىسادنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ تاغ – دەريالىرىنىڭ گۈزەل، يېشىللىقنىڭ مەڭگۈلۈك بولىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلالايمىز.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter

مىكرو بلوگىم _ سىزمۇ ئەگىشىڭ