ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ك گ ب نىڭ جوڭگۇدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئوينىغان ئويۇنى

ك گ ب نىڭ جوڭگۇدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئوينىغان ئويۇنى

2012-08-28 11:13     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ك گ ب جوڭگۇدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن  «جاسۇس دېپلومات دېلوسى» نى پەيدا قىلغان        جوڭگۇ ساقچى تەرەپ 1974- يىلى 15- يانىۋار ك گ ب نىڭ بىر قانچە جاسۇسىنى قولغا چۈشۈرگەن.دىلو يۈز بىرىپ بىرقانچە كۈندىن ك....

ك گ ب جوڭگۇدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن

 «جاسۇس دېپلومات دېلوسى» نى پەيدا قىلغان

 

     جوڭگۇ ساقچى تەرەپ 1974- يىلى 15- يانىۋار ك گ ب نىڭ بىر قانچە جاسۇسىنى قولغا چۈشۈرگەن.دىلو يۈز بىرىپ بىرقانچە كۈندىن كېيىن، ك گ ب قاپقان قۇرۇپ ئۆچ ئېلىش مەقسىدىدە، ئاتالمىش «جوڭگۇ دېپلوماتىنىڭ جاسۇسلۇق قىلىش دىلوسى» نى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، جوڭگۇنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق بىر دېپلوماتىنى قولغا ئېلىپ، جوڭگۇدىن ئۆچ ئالماقچى بولغان.

 

 

     سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر قانچە جاسوسى 1974- يىلى 15- يانۋار بېيجىڭدا تۇتۇلغاندىن كېيىن ك گ ب يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر غەزەپلىنىپ، جوڭگۇ دېپلاماتىنى قولغا ئېلىپ، جوڭگۇدىن ئۆچ ئېلىش بۇيرىقىنى چۈشۈرگەن. جوڭگۇ تەرەپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ئۆچ ئېلىش ھەركىتىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇقبارلىق جوڭگۇلۇق دېپلومات ۋە پۇقرالارغا بىر نەچچە كۈنگىچە ئۆيدىن چىقماي دەم ئېلىشنى تاپىلىغان. ك گ ب بۇ ئەھۋالدا ھىچقانداق بىر جوڭگۇلۇقنى ئۇچرىتالماي ھەركىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان. بىراق ئۇلار پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇرسەت ئىزدەپ يۈرگەن. ئۇلار ئاخىر بىر جوڭگۇلۇق دېپلوماتنىڭ دەم ئېلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ۋەتەنگە قايتىپ تۇغقان يوقلىماقچى بۇلۇپ يولغا چىققانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرگە ئىرىشكەن.بۇ جوڭگۇلۇق دېپلوماتنىڭ ئىسمى گۇەن خېڭگۇاڭ بۇلۇپ، دەرىجىسى تۆۋەن بولغاچقا ئايرۇپىلانغا ئولتۇرالماي پويىزغا ئولتۇرغانىكەن. ك گ ب نىڭ ئالاھىيدە خادىملىرى تىك ئۇچار ئايرۇپىلان ئارقىلىق گۇەن خېڭگۇاڭ ئولتۇرغان پويىزنىڭ جوڭگۇ چېگراسىدىكى ۋوگزالىغا يىتىپ كىلىپ پويىزنى ساقلاپ تۇرغان. ئۇلار پويىز كەلگەندىن كېيىن گۇەن خېڭگۇاڭ ئولتۇرغان ۋاگۇننى تاپقان. بىر ئايال جاسۇس يولۇچى سىياقىدا ۋاگۇنغا كىرىپ ئولتۇرغان. بىرئازدىن كېيىن ئۇ گۇەن خېڭگۇاڭ بىلەن روسچە پاراڭلاشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا بىر بولاق نەرسىنى سۇنغان. گۇەن خېڭگۇاڭ دېپلومات بولسىمۇ جاسۇسلاردىن مۇداپىيەلىنىش ئېڭى ئاجىز بولغاچقا، بولاقنى ئالغان. شۇ ئەسنادا سىرتتا ساقلاپ تۇرغان باشقا ئاھىيدە خادىملار ۋاگۇنغا كىرىپ بۇ كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە تارتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالاھىيدە خادىمىدىن ئاخبارات ئىگىلىمەكچى بولغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

     سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەقەدىن كېيىن، ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق «جوڭگۇ دېپلوماتى سوۋېت ئىتتىپاقىدا جاسۇسلۇق ھەركىتى بىلەن شۇغۇللانغان» دېگەن خەۋەرنى تېزلا پۈتكۈل دۇنياغا تارقاتقان. جوڭگۇ دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جوڭگۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قولغا ئېلىنغان بەش دېپلوماتىنى قارشى ئېلىنمايدىغان كىشىلەر قاتارىدا چېگرادىن قوغلاپ چىقارغانلىقى، شۇڭا سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭمۇ قولغا ئالغان جوڭگۇ دېپلوماتىنى قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەم قاتارىدا چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان. جوڭگۇ دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غەرىزىنى ئېنىق بىلگەچكە، سوۋېت ئىتتىپاقى «گۇەن خېڭگۇاڭ دېلوسى» دىن پايدىلىنىپ جوڭگۇ جاسۇسلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا ھەركەت قىلغانلىقىنى پۈتكۈل دۇنياغا يايماقچى بولغاندا، جوڭگۇ تەرەپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەقىقىي غەرىزىنى ئاشكارىلىغان.

     گۇن خېڭگۇاڭ قويۇپ بىرىلىپ ۋەتەنگە قايتماقچى بولغاندا، جوڭگۇنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى قاتارلىقلار ئايرىپورتقا چىقىپ ئۇنى ئۇزىتىپ قويغان. باش ئەلچى ئۇنىڭ مەيدىسىگە يوغان قىزىل گۈلنى تاقاپ،چەتئەللىك مۇخبىرلارنى سۈرەتكە تارتقۇزغان. گۇەن خېڭگۇاڭ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ئۇنى قىزغىن كۈتۈۋالغان.

     سوۋېت ئىتتىپاقى كومپاتىيەسىنىڭ باش شۈجىسى گورباچېف 1989- يىلى جوڭگۇنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى نورماللاشقان.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter

مىكرو بلوگىم _ سىزمۇ ئەگىشىڭ